چېن خۇاچېڭ

چېن خۇاچېڭ

چېن خۇاچېڭ (1776 −1842-يىللار) فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ تۇڭئەن دېگەن يېرىدىن. ياش ۋاقتىدا ئارمىيەگە قاتناشقان، جىنمېن بازىرىنىڭ باشبۇغى، فۇجيەن دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ياساۋۇل بېگى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ ئەسكەرلىككە پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن بېرىلىپ، ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن. داۋگۇاڭنىڭ 20-يىلى 1840-يىلى، ئۇ جياڭنەننىڭ ياساۋۇل بەگلىكىگە تەيىنلىنىپ، جياڭسۇ، جېجياڭلارنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى چېن خۇاچېڭ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ تۇڭئەن
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1842-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 陈化成
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1776-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چېن خۇاچېڭچېن خۇاچېڭ (1776-1842-يىللار) فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ تۇڭئەن دېگەن يېرىدىن. ياش ۋاقتىدا ئارمىيىگە قاتناشقان، جىنمېن بازىرىنىڭ باشبۇغى، فۇجيەن دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ياساۋۇل بېگى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ ئەسكەرلىككە پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن بېرىلىپ، ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن. داۋگۇاڭنىڭ 20-يىلى 1840-يىلى، ئۇ جياڭنەننىڭ ياساۋۇل بەگلىكىگە تەيىنلىنىپ، جياڭسۇ، جېجياڭلارنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان. ئەپيۈن ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، قوشۇن باشلاپ بېرىپ ۋۇسۇڭ ئېغىزىنى چىڭ ساقلاپ، ئۇرۇشقا پائال تەييارلىق قىلغان. ئۇ ئىنتايىن باتۇر بولغاچقا، ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرى ئۇنىڭدىن ئۆلگۈدەك قورقۇپ، ئۇنى «چېن يولۋاس» دەپ ئاتىۋالغان ھەمدە: «جياڭنەندىكى تۈمەن ئەسكەردىن قورقمايمىز، بىر چېن خۇاچېڭدىن قورقىمىز» دېيىشكەن.

چېن خۇاچېڭ1842-يىلى 6-ئايدا، ئەنگلىيەنىڭ پاراخوت ئەترىتى ۋۇسۇڭ ئېغىزىغا ھۇجۇم قىلغان. چېن خۇاچېڭ غەربىي زەمبىرەك سۇپىسىدا تۇرۇپ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىپ، ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ سەككىز پاراخوتىنى پاچاقلىۋەتكەن، نۇرغۇن ئەسكىرىنى يارىلاندۇرغان ۋە ئۆلتۈرگەن. بىراق، گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭنىڭ باش ھەربىي ۋالىيسى نيۇ جيەن باۋشەندىن قېچىپ كەتكەچكە، ئەنگلىيە ئارمىيىسى شەرقىي زەمبىرەك سۇپىسىنى ھۇجۇم بىلەن ئىشغال قىلىپ، قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق غەربىي زەمبىرەك سۇپىسىغا زەربە بەرگەن. ئەينى چاغدا، نۇرغۇن سانغۇنلار چېن خۇاچېڭغا چېكىنىپ چىقىشنى نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن 70 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان بۇ پېشقەدەم سەركەردە ئۆزىنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، داۋاملىق جەڭ قىلغان. ئۇ ئەسكەرلىرىنى باشلاپ قان كېچىپ جەڭ قىلىش داۋامىدا بەدىنىنىڭ يەتتە يېرىگە ئوق تېگىپ، كىيىم-كېچەكلىرى پۈتۈنلەي قانغا بويىلىپ كەتكەن، شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا جەڭگە قوماندانلىق قىلىشنى توختاتمىغان. ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى زەمبىرەك سۇپىسىغا چىققاندىن كېيىن، ئۇ غەزەپ بىلەن قاتتىق ۋارقىرىغىنىچە، قىلىچىنى پۇلاڭلىتىپ ئۇلارغا ئېتىلىپ كەلگەن، ئەمما بەختكە قارشى يەنە ئوق تېگىپ، باتۇرلارچە قۇربان بولغان. كېيىن، شۇ يەردىكى كىشىلەر ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان بۇ پېشقەدەم قەھرىماننى خاتىرىلەش ئۈچۈن، چېڭخۇاڭ ئىبادەتخانىسىغا ئۇنىڭ ھەيكىلىنى تۇرغۇزغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#