چېن شاۋشيا

چېن شاۋشيا

چېن شاۋشيا 1978-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم خەلقئارا سۇغا سەكرەش مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، «سۇغا سەكرەش ئايال پادىشاھى» دەپ ئاتالغان. ئۇ 1962-يىلى گۇاڭجۇدا تۇغۇلۇپ، 12 يېشىدا ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، تۆت يىلدىن كېيىن دۆلەتلىك كوماندىغا كىرگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى چېن شاۋشيا
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
تۇغۇلغان ۋاقتى 1962-يىلى
تەنھەرىكەت تۈرى سۇغا سەكرەش
خەنزۇچە ئىسمى 陈肖霞
مىللىتى خەنزۇ
كەسپى تەنھەرىكەتچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چېن شاۋشياچېن شاۋشيا 1978-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم خەلقئارا سۇغا سەكرەش مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، «سۇغا سەكرەش ئايال پادىشاھى» دەپ ئاتالغان. 

ئۇ 1962-يىلى گۇاڭجۇدا تۇغۇلۇپ، 12 يېشىدا ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، تۆت يىلدىن كېيىن دۆلەتلىك كوماندىغا كىرگەن. سۇغا سەكرەش غەيرەت ۋە ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان تۈر بولۇپ، كىمكى دۇنيا سۇغا سەكرەش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىدا ماڭىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ھەرىكەتنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىلەن ھەرىكەتنى ئورۇنداش سۈپىتى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشى كېرەك. كەينىگە بىر يېرىم موللاق ئېتىپ، بەدەننى ئۈچ يېرىم ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت قىيىنلىقى يۇقىرى ھەرىكەتنى خەلقئارا سۇ ئۈزۈش بىرلەشمىسى قىيىنلىقى يۇقىرى ھەرىكەتلەر جەدۋىلىنىڭ ئالدىغا تىزغان بولۇپ، چېن شاۋشيا بۇ ھەرىكەتنىڭ مەشقىنى باشلىۋەتكەنىدى.

چېن شاۋشيا1978-يىلى چېن شاۋشيا تۇنجى قېتىم خەلقئارا مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 8-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئاياللار پەشتاقتىن سۇغا سەكرەش تۈرىدە چېمپىيون بولغان. 1979-يىلى ئۇ جۇڭگو كوماندىسىغا ۋەكىل بولۇپ دۇنيا ستۇدېنتلار تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن دۇنيا چېمپىيونى كارېنىنانى يېڭىپ، چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن. 1981-يىلى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، ئامېرىكا، مېكسىكا، كانادا لارنىڭ كۈچلۈك ماھىرلىرى بىلەن ئېلىشىپ، «چاچراتماي سۇغا كىرىش» تەك ماھارىتى بىلەن ئاياللارنىڭ پەشتاقتىن سۇغا سەكرەش دۇنيا چېمپىيونلۇق ئورنىنى ساقلاپ قالغان. 

چېڭ شاۋشيادەك بىر تۈركۈم داڭلىق ماھىرلارنىڭ مەيدانغا چىقىشى بىلەن، جۇڭگونىڭ سۇغا سەكرەش ھەرىكىتى دۇنيا سەۋىيىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈشكە باشلىغان. ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرنىلى «سۇ ئۈزۈش دۇنياسى» دا ئۇدا ئىككى يىل «دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سۇغا سەكرەش تەنھەرىكەتچىسى» دەپ باھالانغان، ئۈچ قېتىم مەملىكەتلىك «ئون مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#