گائۇس

گېرمانىيەلىك ماتېماتىك گائۇس (1777-1855) كىچىكىدىنلا ئىنتايىن ئەقىللىق ئىدى. بىر كۈنى كەچتە ئاتىسى غۇۋا چىراغ تۈۋىدە باش چۆكۈرۈپ ھېساب قىلىۋاتاتتى. خېلىدىن كېيىن ئاتىسى چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ «ئاخىر ھېسابلاپ بولدۇم!» دەيدۇ، ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەن گائۇس: «ئاتا، خاتا ھېسابلاپ قويدۇڭ» دەيدۇ. ئاتىسى ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى گائۇس
باشقا نامى Johann Carl Friedrich Gauss،数学王子
يۇرتى برۇنسۋىك
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1855-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 卡尔·弗里德里希·高斯
دۆلەت تەۋەلىكى گېرمانىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1777-يىلى
كەسپى ماتېماتىك، فىزىكا ئالىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گائۇسگېرمانىيە لىك ماتېماتىك گائۇس (1777-1855) كىچىكىدىنلا ئىنتايىن ئەقىللىق ئىدى. بىر كۈنى كەچتە ئاتىسى غۇۋا چىراغ تۈۋىدە باش چۆكۈرۈپ ھېساب قىلىۋاتاتتى. خېلىدىن كېيىن ئاتىسى چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ «ئاخىر ھېسابلاپ بولدۇم!» دەيدۇ، ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەن گائۇس: «ئاتا، خاتا ھېسابلاپ قويدۇڭ» دەيدۇ. ئاتىسى ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ، ئەسلىدە گائۇس ئىزچىل ئۈستەل يېنىدا تۇرۇپ ئاتىسىنىڭ ھېسابلىشىغا قاراپ تۇرغانىكەن. ئاتىسى قايتا ھېسابلاپ، ھەقىقەتەن خاتا ھېسابلاپ قويغانلىقىنى بايقايدۇ.

گائۇس باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارغا 1 دىن 100 گىچە بولغان ناتۇرال سانلارنىڭ يىغىندىسىنى تېپىپ چىقىشنى ئېيتىدۇ. ئوقۇتقۇچى، بالىلار بۇنى خېلىلا ئۇزۇندا ھېسابلاپ بولىدىغۇ، دەپ ئويلاپ، سوئالنى يېزىپ بولۇپ بىر چەتتە ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇيدۇ. كىم بىلسۇن، ئوقۇتقۇچى ئولتۇرا-ئولتۇرمايلا ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى قول كۆتۈرۈپ: «مۇئەللىم، مەن ئىشلەپ بولدۇم» دەيدۇ. ئوقۇتقۇچى بۇنىڭدىن ھەيران قالىدۇ، بۇ ئوقۇغۇچى سىنىپتىكى يېشى ئەڭ كىچىك گائۇس ئىدى. ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، گائۇسنىڭ دەپتىرىگە 5050 دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ، ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭدىن: «قانداق ھېسابلاپ چىقتىڭ؟ » دەپ سورايدۇ. گائوس: «50×(100+1) نى ھېسابلىسىلا چىقمامدۇ؟» دەيدۇ. مۇئەللىم بۇنى ئاڭلاپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. ئوقۇتقۇچى گائۇسنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ماتېماتىكا كىتابتىن بىرنى سوۋغا قىلىدۇ. 

گائۇس تىرىشىپ ئۆگىنىپ، 11 يېشىدىلا ئىككى ئەزالىقلار تېئورېمىسىنى بايقايدۇ، 17 يېشىدا كۋادراتلىق ئۆزئارا قايتىشچانلىق قانۇنىنى كەشىپ قىلىدۇ، 18 يېشىدا سىركۇل ۋە تۈز سىزغۇچ بىلەن مۇنتىزىم 17 تەرەپلىكنى سىزىش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلىپ، 2000 يىلدىن بۇيان ھەل بولماي كەلگەن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ. 21 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزۈپ، 22 يېشىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. 1804-يىلى ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىدۇ.

گائۇس 1807-يىلىدىن 1855-يىلى ئالەمدىن ئۆتكۈچىلىك گيوتتىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلۇقى، قوشۇمچە گيوتتىنگېن رەسەتخانىسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇ يەنە، فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە باشقا نۇرغۇن پەنلەر ئاكادېمىيىلىرىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ ماتېماتىكلارنىڭ بىرى دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇ، ماتېماتىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئاسترونومىيە، فىزىكا قاتارلىق پەن ساھەلىرىگە ماھىرلىق بىلەن تەتبىقلىغان، ئۇ مەشھۇر ئاسترونوم ۋە فىزىك، شۇنداقلا كاتتا نامى ئارخىمېد، نيۇتون بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان ئالىم.

گائۇس ئىلمىي تەتقىقاتتا مەجنۇنلۇق ھالىتىگە يېتىدۇ. بىر قېتىم ئۇ بىر چوڭقۇر مەسىلىنى تەتقىق قىلىۋاتقاندا، ئۆيىدىكىلەر ئۇنىڭغا خانىمىنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ، گائۇس خۇددى بۇنى ئاڭلىمىغاندەك خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بىرئازدىن كېيىن، ئۆيدىن كەلگەن ئادەم ئۇنىڭغا: «خانىمنىڭ كېسىلى ئىنتايىن ئېغىر، سىزنى دەرھال قايتسۇن دەيدۇ» دەيدۇ. گائۇس: «مانا ھازىر!» دەپلا خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچىنچى قېتىم «خانىمىڭىز سەكراتتا!» دەپ ئۇقتۇرىدۇ، گائۇس بېشىنى كۆتۈرۈپ: «مېنى ساقلاپ تۇرسۇن، مەن چوقۇم بارىمەن!» دەيدۇ. 

گائۇس ئىلىم-پەن ئىشلىرى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىپ، 1855-يىل 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ئالەمدىن ئۆتىدۇ. گيوتتىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، مۇنتىزىم 17 تەرەپلىكتىن ئىشلەنگەن سۇپىغا گائۇسنىڭ ھەيكىلىنى تۇرغۇزىدۇ. ئۇ 18-ئەسىر بىلەن 19-ئەسىرنىڭ ئالمىشىش پەيتىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ماتېماتىك دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ، 100 نەچچە يىلدىن بۇيان «ماتېماتىكا شاھزادىسى» دېگەن ئېسىل نام بىلەن تەرىپلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#