ھىلبېرت

ھىلبېرت

1900-يىل 8-ئاينىڭ 8-كۈنى پارىژدا چاقىرىلغان 2-نۆۋەتلىك خەلقئارا ماتېماتىكلار يىغىنىدا گېرمانىيىلىك ھىلبېرت (1862-1943) يېڭى ئەسىردىكى ماتېماتىكلار تىرىشىپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك 23 مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ دۇنيادىكى بارلىق ماتېماتىكلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان. بۇ 23 مەسىلە مۇشۇ ئەسىردىكى ماتېماتىكا پەنلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىگە ئايلانغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ھىلبېرت
باشقا نامى David Hilbert
تۇغۇلغان ۋاقتى 1862-يىلى
كەسپى ماتېماتىكا ئالىمى
خەنزۇچە ئىسمى 希尔伯特
دۆلەت تەۋەلىكى گىرمانىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1943-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھىلبېرت1900-يىل 8-ئاينىڭ 8-كۈنى پارىژدا چاقىرىلغان 2-نۆۋەتلىك خەلقئارا ماتېماتىكلار يىغىنىدا گېرمانىيىلىك ھىلبېرت (1862-1943) يېڭى ئەسىردىكى ماتېماتىكلار تىرىشىپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك 23 مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ دۇنيادىكى بارلىق ماتېماتىكلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان. بۇ 23 مەسىلە مۇشۇ ئەسىردىكى ماتېماتىكا پەنلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىگە ئايلانغان. بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدىكى تەتقىقات 20-ئەسىردىكى ماتېماتىكا تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن. 

ھىلبېرتنىڭ خىزمىتى نۇرغۇن ماتېماتىكا ئاساسىي مەسىلىلىرىگە چېتىلىدۇ. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن، ئېۋكلىد گېئومېتىرىيەسىگە ئوخشىمايدىغان غەيرىي ئېۋكلىد گېئومېتىرىيەسى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىنتايىن پۇختا دەپ قارىلىپ كەلگەن ئېۋكلىد گېئومېتىرىيەسىنىڭ نۇقسانلىرى ئاشكارىلىنىپ، ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كەلگەن. ھىلبېرتنىڭ كاتتا ئەسىرى «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» دا تېخىمۇ پۇختا، مۇكەممەل بولغان گېئومېتىرىيە ئاكسىئومىسى سىستېمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەمدە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھەرقايسى ماتېماتىكا تارماقلىرىنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان «ئاكسىئومىلاشتۇرۇش ھەرىكىتى» نى قوزغىغان. 

ھىلبېرتئۇنىڭ 1900-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان 23 ماتېماتىكا مەسىلىسى 20-ئەسىردىكى ماتېماتىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسى دەپ قارىلىپ، دۇنيادا چوڭقۇر تەسىر قوزغىغان. مەشھۇر گولدباخ قىياسىمۇ مۇشۇ مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، چېن جىڭرۇن ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگولۇق ماتېماتىكلار ئۇنىڭدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، تېخى تەلتۆكۈس ھەل بولمىغان. ھىلبېرت رەھبەرلىكىدىكى ماتېماتىكا ئېقىمى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ماتېماتىكا ساھەسىدىكى بايراقدار بولۇپ، ھىلبېرت «تاج تاقىمىغان ماتېماتىكا پادىشاھى» دەپ ئاتالغان.

ھىلبېرت پرۇسسىيىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىنلا ماتېماتىكىغا ماھىر ئىدى. ئۇنىڭ بىر تۇغقىنى ئەسلەپ: كىچىك ھىلبېرت «ئەسەر يېزىش» تا ئانىسىنىڭ ياردىمىگە تايىناتتى، بىراق ئوقۇتقۇچىسىغا ماتېماتىكىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرەتتى، دەيدۇ. 

ھىلبېرت 18 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىپ 23 يېشىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 

ھىلبېرت داڭلىق ئالىم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىدىيىۋى ئەركىنلىك، سىياسىي دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان جەڭچى ئىدى، ئۇ 1943-يىل 2-ئاينىڭ 14-كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى، كېيىنكىلەر ئۇنىڭ قەبرە تېشىغا ئۇنىڭ ھېكمەتلىك سۆزى: «بىز چوقۇم بىلىشىمىز كېرەك، چوقۇم بىلىمىز» دېگەن سۆزىنى ئويغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#