شۈن گۇەن

شۈن گۇەن
شۈن گۇەن مىلادىيە 303-يىلى تۇغۇلغان، يىنچۈەننىڭ لىنيىن (ھازىرقى خېنەننىڭ لىنيىن ناھىيەسى) دېگەن يېرىدىن غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ باش سانغۇنى شۈن سۇڭنىڭ قىزى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى شۈن گۇەن
باشقا نامى 灌娘,荀灌娘
مىللىتى خەنزۇ
خەنزۇچە ئىسمى 荀灌
دۆلەت تەۋەلىكى غەربىي جىن سۇلالىسى
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىيە303-يىل

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى سىياسىي ۋەزىيەتتە داۋالغۇش يۈز بېرىدۇ. مىلادىيە 315-يىلى تەپرىقىچى كۈچلەرنىڭ كاتتىۋېشى دۇ زېڭ 10 نەچچە مىڭ كىشىلىك قوشۇن باشلاپ ۋەنچىڭ (ھازىرقى خېنەننىڭ نەنياڭ ناھىيەسى) غا قورشاپ ھۇجۇم قوزغايدۇ. جىن سەركەردىسى شۈن سۇڭ شەھەرنى قاتتىق قوغدايدۇ. يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، شەھەردىكى ئوزۇق-تۈلۈك ئۆكسۈپ قالىدۇ، قوشۇننىڭ تەڭدىن تولىسى قىرىلىپ ۋە يارىلىنىپ، ۋەزىيەت ناھايىتى جىددىيلىشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شۈن سۇڭ شياڭچېڭ (ھازىرقى خۇبېينىڭ شياڭياڭ ناھىيەسى) ۋالىيسى شى لەندىن ياردەم سوراشنى قارار قىلىدۇ. ئەمما، دۈشمەنلەر شەھەرنى قاتمۇقات قورشىۋالغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەنچېڭ بىلەن شياڭچېڭنىڭ ئارىسى 500-600 يۈز چاقىرىم كېلەتتى. شياڭچېڭ ۋالىيسىغا مەكتۇپ ئاپىرىپ ياردەم تەلەپ قىلىشقا ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى سانغۇنلاردىن بىرەرىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ. شۈن سۇڭ قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي بېشى قېتىپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا بىر قىزچاق كىرىپ، شياڭچېڭغا مەكتۇپ ئاپىرىپ ياردەم تەلەپ قىلىشقا بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ قىزچاق باش سانغۇن شۈن سۇڭنىڭ قىزى شۈن گۇەن (مىلادىيە 303-يىلى تۇغۇلغان) ئىدى.

شۈن گۇەن يىنچۈەننىڭ لىنيىن (ھازىرقى خېنەننىڭ لىنيىن ناھىيەسى) دېگەن يېرىدىن. ئۇ كىچىكىدىنلا دادىسى بىلەن قوشۇندا تۇرغاچقا، قورال-ياراغ بىلەن ھەپىلىشىشكە خۇشتار بولۇپ قالغان ۋە ئۆزلۈكىدىن تىرىشىپ ئاجايىپ ماھارەت ئىگىلىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن كەسكىن جەڭلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەچكە، يېشىغا باقماي جاسارەت ۋە زېرەك چوڭ بولغان. شۇ يىلى ئۇ ئاران 12 ياشتا ئىدى. شۈن سۇڭ قىزىنى كىچىك كۆرۈپ ئۇنىڭ بۇ خەتەرلىك سەپەرگە چىقىشىغا قوشۇلمايدۇ. ئەمما، شۈن گۇەننىڭ قايتا-قايتا تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرۇۋېلىشى بىلەن، ئاخىر ماقۇل بولىدۇ.

شۈن گۇەن مەكتۇپنى ئېلىپ، ئون نەچچە ياراملىق ئەزىمەتتىن تەركىب تاپقان كىچىك ئەترەتنى باشلاپ، ئاي قاراڭغۇسىدا جەنۇبىي قوۋۇقتىن ئېتىلىپ چىقىپ كېتىدۇ. دۇ زېڭ دەرھال  100 ئاتلىق لەشكەر چىقىرىپ ئۇلارنى قوغلاشقا بۇيرۇيدۇ. ئۇلار جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدا 20 چاقىرىمچە يول يۈرگەندە، دۇ زېڭنىڭ لەشكەرلىرى يېتىشىۋالىدۇ. قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا قالغان شۇ جىددىي پەيتتە، شۈن گۇەن دەرھال ئېتىنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ، باتۇرلىرىغا كەينىدىن قوغلاپ كەلگەنلەرگە ساداقتىن ئوق ئۈزۈشكە بۇيرۇق بېرىدۇ. تېز قوغلاپ كېلىۋاتقان دۇ زېڭ لەشكەرلىرى ئۇشتۇمتۇت ئېتىلغان ئوقلاردىن دالدىلىنالماي، پاتىپاراقچىلىق ئىچىدە نەچچە ئونى ھالاك بولىدۇ. شۈن گۇەن شۇ مالىمانچىلىقتىن پايدىلىنىپ ئەترىتىدىكىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ كېتىدۇ ۋە قويۇق ئورمانغا كىرىۋېلىپ، قوغلاپ كېلىۋاتقانلاردىن قۇتۇلىدۇ.

ئۇلار كىرپىك قاقماي ئىككى كېچە-كۈندۈز يول يۈرۈپ، ئاخىر شياڭچېڭغا ئامان-ئېسەن يېتىپ بارىدۇ. ۋالىي شى لەن ياردەم تەلەپ قىلىش مەكتۇپىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن قاتتىق ھاياجانلىنىدۇ ۋە شۈن گۇەنگە: «قىزىم، زور تۆھپە ياراتتىڭىز» دەيدۇ ۋە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، سانغۇن جۇ فاڭ باشچىلىقىدىكى ياردەمچى قوشۇننى ئەۋەتىپ، ۋەنچىڭ شەھىرىنى قۇتۇلدۇرۇۋالىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/865295.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#