ئاۋسترىيەلىك كومپوزىتور شۇبېرت (1797-1828) رومانتىزم مۇزىكىسىنىڭ ۋەكىلىدۇر.

ئۇيغۇرچە ئىسمى شۇبېرت
باشقا نامى 弗朗茨·舒伯特
يۇرتى ۋېنا
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1828-يىل 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
چەتئەلچە نامى Franz Seraphicus Peter Schubert
خەنزۇچە ئىسمى 弗朗茨·泽拉菲库斯·彼得·舒伯特
دۆلەت تەۋەلىكى ئاۋسترىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1797-يىل 1-ئاينىڭ 31-كۈنى
كەسپى كومپوزىتور، مۇزىكانت

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاۋسترىيە لىك كومپوزىتور شۇبېرت (1797-1828) رومانتىزم مۇزىكىسىنىڭ ۋەكىلىدۇر. ئۇ ۋېنانىڭ يېنىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، سەككىز يېشىدىن باشلاپ ئاتىسىدىن ئىسكىرىپكا ۋە پىئانىنو ئۆگەنگەن. 11 يېشىدا ھەقسىز ئوقۇتۇلىدىغان ياتاقلىق دىنىي مەكتەپنىڭ خور ئۆمىكىگە كىرىپ بالا ناخشىچى بولغان، بەش يىلدىن كېيىن ئۆزى «تۈرمە» دەپ ئاتىغان مۇشەققەتلىك كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن. لېكىن، ئۇ بۇ يەردە ناخشا ئېيتىش ۋە مۇزىكا ئىجادىيەت نەزەرىيىسىنى سىستېمىلىق ئۆگەنگەن، تۇرۇبىلىق-كامانچىلىق چالغۇلار ئوركېستىرىدا دىرىژورلۇقمۇ قىلغان. شۇ ئارقىلىق كېيىنكى مۇزىكا ئىجادىيىتى ئۈچۈن ئاساس ياراتقان.

شۇبېرت دىنىي مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئاتىسىنىڭ مەكتىپىدە ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولغان. بۇ جەرياندا ئالدىراش ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن تاشقىرى، نۇرغۇن مۇزىكىلىق ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان. شۇبېرتنىڭ پىكىر يولى راۋان بولغانلىقتىن، بەزىلەر ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى «بۇلاق سۈيىدەك ئۇرغۇپ» چىقىدۇ، دەپ تەرىپلەشكەن. شۇ چاغدا مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەن: بىر كۈنى شۇبېرت ئاغىنىسى بىلەن بىللە ۋېنا شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا سەيلە قىلغان. ئۇلار بىر قاۋاقخانىغا كىرىپ، ئۈستەل ئۈستىدە شېكېسپېرنىڭ شېئىرلار توپلىمى تۇرغانلىقىنى كۆرگەن. شۇبېرت شېئىرنى ئېلىپ دېكلاماتسىيە قىلغان ۋە بىردىنلا: «كاللامغا ناھايىتى ياخشى بىر مېلودىيە كەلدى، بىراق بەش سىزىقلىق نوتا قەغىزى يوق. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟» دەپ توۋلاپ كەتكەن. ئاغىنىسى دەرھال ئۈستەلدىكى تاماق تىزىملىكىنىڭ كەينىگە بەش سىزىق سىزىپ ئۇنىڭغا بەرگەن. شۇبېرت بۇ چاغدا ئۆپچۆرىسىدىكى ھېچنېمە بىلەن كارى بولماي، «ئاڭلا، ئاڭلا، تورغا» دېگەن مەشھۇر ناخشىنى بىر تىنىقتىلا يېزىپ چىققان. 

شۇبېرتنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى دۇنيا خەلقىنىڭ قىممەتلىك بايلىقىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ 6 كىچىك كۈيلۈك «تاماملانمىغان سىمفونىيە»، «8-سىمفونىيە»، «تروت بېلىقى كۋىنتېتى» قاتارلىق ئىنسترومىنتاللىق مۇزىكىلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ دۇنيا مۇزىكا سەھنىسىنىڭ دائىملىق نومۇرلىرى سۈپىتىدە ئورۇندىلىپ كەلمەكتە. ئەمما، شۇبېرت ئىجادىيىتىگە ھەممىدىن بەك ۋەكىللىك قىلىدىغىنى يەنىلا ئۇنىڭ 600 پارچىدىن ئارتۇق ناخشىسىدۇر. بۇ ناخشىلار كېيىنكىلەرگە زور تەسىر كۆرسەتكەن ھەمدە شۇبېرتنىڭ «ناخشا پادىشاھى» دېگەن نامغا مۇيەسسەر بولۇشىغا سەۋەب بولغان. شۇبېرتنىڭ ئەڭ مەشھۇر ناخشىلىرى «بېرسېيس»، «سېرېنادا»، «بۈۋى مەريەمگە قەسىدە»، «شاياتۇن شاھى»، «دالا ئەتىرگۈلى»، «تروت بېلىقى»، ۋوكاللىق يۈرۈشلۈك مۇزىكىلاردىن «گۈزەل توقۇمىچى قىز»، «قىشتىكى ساياھەت» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/16965.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#