گەن لو

گەن لو يېغىلىق دەۋرىدىكى چۇ بەگلىكىنىڭ شياسەي (ھازىرقى ئەنخۇيدىكى فېڭتەي) دېگەن يېرىدىن. ئۇنىڭ بوۋىسى گەن ماۋ ئەسلىدە چىن بەگلىكىنىڭ باش ۋەزىرى بولۇپ، گەن لو 12 ياشقا كىرگەندە، چىن يىڭ جېڭ جاۋ بەگلىكىنىڭ ئىككى دەريا ئارىلىقىدىكى زېمىنىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، يەن بەگلىكى بىلەن بىرلىشىپ جاۋ بەگلىكىنى كونترول قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى گەن لو
يۇرتى يېغىلىق دەۋرىدىكى چۇ بەگلىكىنىڭ شياسەي (ھازىرقى ئەنخۇيدىكى فېڭتەي)
خەنزۇچە ئىسمى 甘罗
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇنقى 256-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گەن لوگەن لو يېغىلىق دەۋرىدىكى چۇ بەگلىكىنىڭ شياسەي (ھازىرقى ئەنخۇيدىكى فېڭتەي) دېگەن يېرىدىن. ئۇنىڭ بوۋىسى گەن ماۋ ئەسلىدە چىن بەگلىكىنىڭ باش ۋەزىرى بولۇپ، گەن لو 12 ياشقا كىرگەندە، چىن يىڭ جېڭ جاۋ بەگلىكىنىڭ ئىككى دەريا ئارىلىقىدىكى زېمىنىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، يەن بەگلىكى بىلەن بىرلىشىپ جاۋ بەگلىكىنى كونترول قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىدۇ. يەن بەگلىكى ۋەلىئەھدىنى چىن بەگلىكىدە بارىمتاي (تۇرغاق) بولۇشقا، چىن بەگلىكى باش سانغۇن جاڭ تاڭنى يەن بەگلىكىدە باش ۋەزىر بولۇشقا ئەۋەتىدۇ. جاڭ تاڭ ئىلگىرى قوشۇن باشلاپ جاۋ بەگلىكىگە ھۇجۇم قوزغىغان بولغاچقا، جاۋ بېگى ئۇنىڭغا ناھايىتى ئۆچ ئىدى، شۇڭا جاڭ تاڭ يەن بەگلىكىگە بېرىش ئۈچۈن جاۋ بەگلىكىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، يەن بەگلىكىگە بېرىشنى خالىمايدۇ. چىن بەگلىكىنىڭ باش ۋەزىرى لۈ بۇۋېي جاڭ تاڭغا كۆپ قېتىم نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پەقەتلا ئۇنىمايدۇ. 

گەن لو بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، لۈ بۇۋېيدىن جاڭ تاڭنى ماقۇل كەلتۈرۈشكە ئۆزىنى ئەۋەتىشنى ئۆتۈنىدۇ. لېكىن، لۈ بۇۋېي كايىغان ھالدا: «مەن نەچچە قېتىم نەسىھەت قىلىپمۇ قايىل قىلالمىغان يەردە، سەندەك بىر شۇمتەك نېمە كار قىلالايتتىڭ؟» دېگەندە، گەن لو: «ئاڭلىشىمچە، شياڭ گاۋ يەتتە يېشىدا كۇڭزىغا ئۇستاز بوپتىكەن. مەن ئاللىبۇرۇن 12 ياشقا كىرگەن تۇرسام، يەنە نېمىشقا كارغا كەلمىگۈدەكمەن؟ مەن جاڭ سانغۇننى چوقۇم كۆندۈرىمەن!» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ جاڭ تاڭنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن: «بەي چىگە سېلىشتۇرغاندا، قايسىڭلارنىڭ كۆرسەتكەن تۆھپىسى زور؟» دەپ سورايدۇ، جاڭ تاڭ: «مەن بەي سانغۇنغا يەتمەيمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. گەن لو ئارقىدىنلا يەنە: چىن، جاۋ بەگلىكى دەۋرىدە ئۆتكەن باش ۋەزىر فەن جۈ بىلەن ھازىرقى باش ۋەزىر لۈ بۇۋېينى سېلىشتۇرغاندا، قايسىسىنىڭ ھوقۇقى چوڭ؟ دەپ سورىغاندا، جاڭ تاڭ جاۋابەن: «ئەلۋەتتە لۈ بۇۋېينىڭ چوڭ بولىدۇ-دە» دەيدۇ. گەن لو ئۇنىڭ جاۋابلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: «باش سانغۇن بەي چى فەن جۈنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن، مەجبۇرىي ئۆلتۈرۈلگەن، لۈ بۇۋېي سىزنى بوش قويۇۋېتەرمۇ؟» دەيدۇ. جاڭ تاڭ بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىرئاز چۆچۈيدۇ ھەمدە بۇ ئىشنىڭ ئۆزىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ: «دېگىنىڭىز توغرا، مەن بۇيرۇققا بىنائەن دەرھال يەن بەگلىكىگە ماڭاي!» دەيدۇ. 

گەن لوجاڭ تاڭ يولغا چىققاندىن كېيىن، گەن لو لۈ بۇۋېيغا: «ماڭا بەش ئات ھارۋىسى بېرىڭ، جاۋ بېگىگە خەۋەر يەتكۈزۈپ، ئۇنى جاڭ سانغۇننى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويماسلىققا ئۈندەي» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن، چىن بېگى گەن لونى جاۋ بەگلىكىگە ئەلچىلىككە ئەۋەتىدۇ. گەن لو ئەڭ ئېسىل ئات بىلەن يولغا چىقىپ، جاۋ بەگلىكىگە ناھايىتى تېزلا يېتىپ بارىدۇ. ئۇ جاۋ بېگىگە ئوچۇقتىن-ئوچۇقلا: «يەن بەگلىكىنىڭ ۋەلىئەھدى دەن چىن بەگلىكىگە، جاڭ تاڭ يەن بەگلىكىگە باردى، بىزنىڭ يەن بەگلىكى بىلەن بىرلىشىپ جاۋ بەگلىكىگە ھۇجۇم قوزغاش ئىستراتېگىيىمىزنىڭ مەقسىتى ئىككى دەريا ئارىلىقىدىكى زېمىنغا ئېرىشىش. چىن بەگلىكى بىلەن يەن بەگلىكى بىرلەشكەندىن كېيىن، جاۋ بەگلىكىنىڭ چىقىش يولى قالمايدۇ. ئەگەر ئۆز ئېلىڭىزنى ئويلىسىڭىز، ئىككى دەريا ئارىلىقىدىكى بەش ئايماقنى چىن بەگلىكىگە ئىنئام قىلىۋېتىپ، چىن بەگلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى ياخشىلىغىنىڭىز تۈزۈك. مۇشۇنداق قىلساقلا، بىز يەن بەگلىكىگە ئورتاق تاقابىل تۇرالايمىز. جاۋ بەگلىكى گەرچە ئىككى دەريا ئارىلىقىدىكى يېرىدىن ئايرىلىپ قالسىمۇ، لېكىن زىيان تارتمايدۇ، چۈنكى كېيىن ئۇنى يەن بەگلىكىنىڭ زېمىنىغا ئېرىشىش ئارقىلىق تولۇقلىۋالغىلى بولىدۇ» دەيدۇ. گەن لو پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جاۋ بېگىنى ئىككىلەندۈرۈپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن جاۋ بېگى كۈچلۈك چىن بەگلىكىدىن قورقۇپ قېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىككى دەريا ئارىلىقىدىكى زېمىننى چىن بەگلىكىگە ئىنئام قىلىدۇ. چىن بەگلىكىنىڭ يەن بەگلىكى بىلەن بىرلىشىش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن كېيىن جاۋ بەگلىكى يەن بەگلىكىگە ھۇجۇم قوزغىغاندا، چىن بەگلىكى بىر چەتتە قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرىدۇ. جاۋ بەگلىكى يەن بەگلىكىنىڭ 30 شەھەردەك زېمىنىغا ئىگە بولىدۇ.

گەن لو ئىككى دەريا ئارىلىقىدىكى بەش ئايماقنىڭ خەرىتىسىنى ئېلىپ چىن بەگلىكىگە قايتىپ كەلگەندە، چىن بېگى ئۇنى ئەقىللىق، قولىدىن ئىش كېلىدىكەن، دۆلەت ئۈچۈن زور تۆھپە ياراتتى، دەپ ماختاپ، ئالىي مەنسەپدارلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەيدۇ، بۇ ئەينى چاغدا دافۇ دەرىجىسىدىكى ئەڭ يۇقىرى مەنسەپ ئىدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#