كلېيدمان
كلېيدمان ئەسلىدە داڭلىق ناخشىچىلارغا پىئانىنو تەڭكەش قىلىدىغان مۇزىكانت ئىدى، بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا «سۇ بويىدىكى ئادىلىنا» ناملىق ناخشىنى ئورۇنداپ بەرگەنلىكى تۈپەيلى، بىر كېچىدىلا فرانسىيە بويىچە ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئاممىباب پىئانىنو مۇزىكىلىرى شاھىغا ئايلاندى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
رىچارد كلېيدمان 1953-يىلى فرانسىيە نىڭ پارىژ شەھىرىدە تۇغۇلدى. بەش يېشىدىن باشلاپ دادىسىدىن پىئانىنو چېلىشنى ئۆگەندى، ئۇنىڭ دادىسى پىئانىنو ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. نوتا تونۇش − كلېيدمانغا ئادەتتىكى دەرسلىكلەرنى ئوقۇشتىنمۇ ئاسان تۇيۇلاتتى. ئۇ ئالتە ياشقا كىرگەندە كىچىككىنە بارماقلىرى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئەپچىل ھەرىكەتلىنىدىغان بولۇپ كەتتى. ئۇ 16 ياشقا كىرگەن چېغىدا ئۆزى ئىجاد قىلغان مۇزىكىنى ئورۇنداپ مەكتەپ بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. كېيىنچە، كلېيدمان پارىژ دۆلەتلىك مۇزىكا-تىياتىر مەكتىپىگە كىرىپ، مەخسۇس قەدىمىي پىئانىنو چېلىشنى ئۆگەندى. ئۇ چالغان مۇزىكىلارنىڭ بەزىلىرى مەشھۇر مۇزىكىلاردىن ئۆزگەرتىلگەن ئاھاڭلار، بەزىلىرى ئىككى نەپەر ھازىرقى زامان مودا مۇزىكىلىرى كومپوزىتورىنىڭ ئەسەرلىرى ئىدى. بۇ مۇزىكىلار كلېيدماننىڭ ئەپچىل، يارىشىملىق، شېئىرىي مەنىگە باي ئۇسۇل بىلەن ئورۇندىشى ئاستىدا، نەپىس كلاسسىك پۇراق بىلەن كىشىنى مەستخۇشلاندۇرىدىغان رومانتىك خۇش ھىد ئۆزئارا مۇجەسسەملەنگەن، ناھايىتىمۇ ئاز ئۇچرايدىغان، ھەممە بىردەك لەززەت ئالالايدىغان ئەسەرگە ئايلاندى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.