ۋارلىن

ۋارلىن (1839-1871-يىللار) فرانسىيە ئىشچىلىرىنىڭ ئاتاقلىق داھىيسى. ئۇ ئەسلىي تۈپلەش ئىشچىسى بولۇپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، بىكار ۋاقىت تاپسىلا كىتاب ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋارلىن
تۇغۇلغان ۋاقتى 1839-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 路易斯·欧仁·瓦尔兰
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1871-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋارلىن1871-يىل 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئىككى قولى كەينىگە باغلانغان، پېشانىسى پىچاق ئىزى بىلەن تولغان، كۆزى پولتىيىپ قالغان، يۈز-كۆزلىرى قانغا بويالغان بىر يىگىت قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئېلىنغاندىن كېيىن، ۋېرسال قاراقچىلىرى تەرىپىدىن پارىژ كوچىسىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ تىز پۈكمەس قەيسەر يىگىت دەل فرانسىيە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلى، پارىژ كوممۇناسىنىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى ۋارلىندۇر.

ۋارلىن (1839-1871-يىللار) فرانسىيە ئىشچىلىرىنىڭ ئاتاقلىق داھىيسى. ئۇ ئەسلىي تۈپلەش ئىشچىسى بولۇپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، بىكار ۋاقىت تاپسىلا كىتاب ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان. ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن، قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئاددىي-ساددا بولۇپ، يۇقىرى تەشكىللەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەچكە، ئاممىنىڭ چوڭقۇر ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، بارا-بارا فرانسىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى قوشۇنىدىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 1871-يىلى 3-ئايدا، پارىژ خەلقى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، پارىژ كوممۇنىسىنى قۇرغان، ۋارلىن قوزغىلاڭنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىسى بولۇپ، كوممۇنانىڭ رەھبىرى بولۇپ سايلانغان، ئۇ مالىيە، ئاشلىق، ھەربىي ئىشلار، ھەربىي لازىمەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولغان، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ھەقىقەتەن ئېغىر ئىدى. گەرچە ئۇنىڭ ئورنى ئۆزگەرگەن، كوممۇنانىڭ پۇللىرى ئۇنىڭ قولىدىن ئۆتىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاۋۋالقىدەكلا ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاپ، ئومۇمنىڭ ئىشىدا پاك بولغان، ئىلگىرىكىدەكلا ئاددىي-ساددا كىيىنىپ، ئەرزان تاماق بىلەن غىزالانغان، بەزىدە ھەتتا دۈشمەننىڭ مۇھاسىرىسىدە قالغان ئىنتايىن قىيىن شارائىتتىمۇ، ئاچارچىلىققا بەرداشلىق بېرىپ، تەرەپ-تەرەپكە قاتراپ، پارىژ كوممۇناسىغا كېرەكلىك ماددىي ئەشيالارنى غەملىگەن. ئۇنىڭ ئايالى باشقا ئاياللارغا ئوخشاش سېنا دەرياسى بويىدا كىر يۇغان. ۋارلىن خىيانەتچىلىك ۋە ئىسراپخورلۇققا ناھايىتى ئۆچ ئىدى. بىر قېتىم. بىر كوممۇنا ئەزاسى ئۆزىگە بىر قۇر ئېسىل كىيىم تىكتۈرۈپ، كوممۇنادىن ئاتچوت قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، ۋارلىن قىلچە ئىككىلەنمەستىن ھېسابات تالونىغا «كوممۇنادا ئېسىل كىيىملەرنى سېتىۋالىدىغان پۇل يوق» دەپ يېزىپ، ھېسابات تالونىنى قايتۇرۇۋەتكەن.

ۋارلىن1871 -يىلى 5-ئايدا، ئەكسىيەتچى دۈشمەن ئارمىيەسى پارىژ شەھەر رايونىغا ھۇجۇم قىلغان، مۇشۇنداق خەتەرلىك پەيتتە، ۋارلىن ھەربىي مۇداپىئە خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ خىزمىتىگە سادىق بولۇپ، ئالدىنقى سەپتىكى بازىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمىغان. 5-ئاينىڭ28-كۈنى، ئەڭ ئاخىرقى ئىستىھكام قولدىن كېتىپ، ۋارلىن قولغا ئېلىنغان. دۈشمەنلەر ئۇنىڭ ئىككى قولىنى كەينىگە باغلاپ، شەھەر ئىچىدە نەچچە سائەت سۆرەپ يۈرۈپ ناھايىتى قىينىغان، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى تىتىلىپ كەتكەن. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ، ئۆلۈم ئالدىدا قىلچە تىز پۈكمىگەن. جاللاتلار ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ مىلتىق تەڭلىگەندە، ئۇ بار كۈچى بىلەن: «پارىژ كوممۇنىسى ياشىسۇن» دەپ ۋارقىرىغان، بەدىنىگە ئىككى پاي ئوق تەگكەندىن كېيىنمۇ يەنىلا تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئورنىدىن تۇرۇپ داۋاملىق شوئار توۋلىغان، ئۈچىنچى پاي ئوق ئەمدىلا 32 ياشقا كىرگەن بۇ قەھرىمان يىگىتنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#