ۋاڭ يۇڭمىن

ۋاڭ يۇڭمىن

ۋاڭ يۇڭمىن(1943-) خېنەن ئۆلكىسىنىڭ نەنجاۋ ناھىيەسىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىنلا مۇلاھىزە قىلىشقا، نەرسىلەرنى ياساشقا ئامراق. ئۆسمۈرلۈك دەۋرلىرىدە ئۇ كېسەك قۇيۇش ماشىنىسى، تاختىمۈشۈك، كىچىك پويىز، كىچىك ئايروپىلان ياساپ باققان، يەنە ئاپىسىنىڭ رەخت توقۇش ماشىنىسىنى ئۆزگەرتىپ بەرگەن

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋاڭ يۇڭمىن
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ نەنجاۋ ناھىيەسى
كەسپى پروفېسسور
خەنزۇچە ئىسمى 王永民
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1943-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋاڭ يۇڭمىن1983-يىلى 8-ئايدا، ۋاڭ يۇڭمىڭ ئىجاد قىلغان بەش سىزىقلىق خەت تىپى ئارقىلىق كومپيۇتېرغا خەنزۇچە خەت كىرگۈزۈش لايىھىسى تېخنىكىلىق بېكىتىشتىن ئۆتىدۇ، «مىخ مەتبەئە تېخنىكىسىدىن قېلىشمايدىغان» ھەم مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە كومپيۇتېر تېخنىكىسى − بەش سىزىقلىق خەت تىپى بارلىققا كېلىپ، خەنزۇچە خەتنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت دۇنياۋى قىيىن تېما ھەل بولىدۇ، قەدىمىي خەنزۇچە خەت ھەر مىنۇتتا كومپيۇتېرغا 100 خەت كىرگۈزۈش سۈرئەت ئۆتكىلىنى بۆسۈپ ئۆتىدۇ. خەنزۇچە خەت ئۇچۇرلىشىش دەۋرىنىڭ قوۋۇقىدىن كىرىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا غايەت زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلايدۇ. 

ۋاڭ يۇڭمىن(1943-) خېنەن ئۆلكىسىنىڭ نەنجاۋ ناھىيەسىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىنلا مۇلاھىزە قىلىشقا، نەرسىلەرنى ياساشقا ئامراق. ئۆسمۈرلۈك دەۋرلىرىدە ئۇ كېسەك قۇيۇش ماشىنىسى، تاختىمۈشۈك، كىچىك پويىز، كىچىك ئايروپىلان ياساپ باققان، يەنە ئاپىسىنىڭ رەخت توقۇش ماشىنىسىنى ئۆزگەرتىپ بەرگەن، ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا: «ئۆگەنگەن فىزىكا، خىمىيە دەرسلىكلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، ھەممىسىدە چەت ئەللىكلەرنىڭ رەسىمى بار. بىز جۇڭگولۇقلار نېمە ئۈچۈن ئۇلۇغ كەشپىياتلارنى قىلالمايمىز، جۇڭگولۇقلارنىڭ رەسىمى نېمە ئۈچۈن كىتابقا بېسىلمايدۇ؟» دېگەن. 1962-يىلى ئۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نەنجاۋ ۋىلايىتى بويىچە بىرىنچىلىكنى ئالغان ئەلا نەتىجە بىلەن جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكترونىكا فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ. 

ۋاڭ يۇڭمىنۋاڭ يۇڭمىن 1978-يىلىدىن ئېتىبارەن خەنزۇچە خەتنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئەينى چاغدا نەچچە ئون مىڭلىغان چاسا خەنزۇچە خەت كومپيۇتېر ئالدىدا مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. خەنزۇچە خەت ئېلېكترونلۇق كومپيۇتېرغا يۇقىرى سۈرئەت بىلەن كىرگۈزۈلمىسە، جۇڭگو ئۇچۇر دەۋرىنىڭ قوۋۇقى سىرتىدا قالىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كومپيۇتېر شىركىتى ئامېرىكىنىڭ MBI65 مىليون دوللار سەرپ قىلىپ، نەچچە يىل تەتقىق قىلغان بولسىمۇ، بۇنىڭدىن نەتىجە چىقىرالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ تەتقىقات دۇنياۋى قىيىن تېمىغا ئايلىنىدۇ. ۋاڭ يۇڭمىن دۆلەت ۋە مىللەتكە بولغان مۇھەببىتى بىلەن، جاپالىق تەتقىقات خىزمىتىنى باشلايدۇ. ئۇ ئۆزىگە چىرماشقان كۆپ خىل كېسەللىكلەرگە پەرۋا قىلماي، بەش يىل جاپالىق كۈرەش قىلىپ، چىغىناق-تاغاق يېزىقى، «سۆز-خەتلەر ئىزاھاتى»، «كاڭشى لۇغىتى»، «سۆزلەر ئېتمولوگىيەسى»، «شىنخۇا لۇغىتى» دىكى نەچچە 10 مىڭلىغان خەنزۇچە خەتلەرنى بىر-بىرلەپ تەھلىل قىلىپ، پارچىلاپ، 120 مىڭ پارچە كارتىغا كۆچۈرىدۇ، يېزىقشۇناسلىق، كومپيۇتېر ئىلمى، سىستېما نەزەرىيەسى، ئادەم-ماشىنا ئىنژېنېرىيىسى قاتارلىق كۆپ خىل پەننىي بىلىملىرى ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، خەنزۇچە خەت قۇرۇلمىسىنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، «خەنزۇچە خەت شەكلى كودىنى لايىھىلەشنىڭ ئۈچ قائىدىسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەپچىل تەسەۋۋۇر ئارقىلىق25 كۇنۇپكا، تۆت كود بىلەن خەنزۇچە خەتنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك كىرگۈزۈش ئۇسۇلى ۋە «خەت بىلەن سۆزلۈكنى ماسلاشتۇرۇش» تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلىپ، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى تىزگىنسىز خەنزۇچە خەتنى تۇنجى قېتىم ئىلىم-پەن ئىزىغا سېلىپ، كومپيۇتېردىكى 25 كۇنۇپكىدىن پايدىلىنىپلا خەنزۇچە خەت كىرگۈزۈشنى دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرىدۇ، سۈرئىتى مىنۇتىغا100 خەتتىن ئېشىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن «خەنزۇچە خەتنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈشنى غەرب ئەللىرىنىڭ يېزىقى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولماسلىق دەۋرى كەلمەسكە كېتىدۇ». 

ۋاڭ يۇڭمىن بەش سىزىقلىق خەت تىپىنى كەشىپ قىلىپ، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ياش-ئوتتۇرا ياش مۇتەخەسسىس قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشىدۇ، بىراق ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن قانائەت قىلمايدۇ. 1984-يىلدىن باشلاپ، يەنە بوشاشماي تىرىشىپ، بەش سىزىقلىق خەت شەكلى كودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ پەن-تېخنىكىنى پۈتۈن مەملىكەت ۋە دۇنياغا ئومۇملاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرىدۇ. ھازىر «بەش سىزىقلىق خەت تىپى» ئامېرىكا، ئەنگلىيە، جۇڭگو ئۈچ دۆلەتنىڭ پاتېنتىغا ئېرىشىپ، ئېلىمىزنىڭ ئامېرىكىغا تۇنجى ئېكسپورت قىلغان كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا ئايلىنىپ، ئېلىمىز ئۈچۈن شەرەپ قۇچتى. «بەش سىزىقلىق خەت تىپى» نى يادرو قىلغان يۇقىرى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ھەر يىلى دۆلىتىمىز ئۈچۈن غايەت زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ. 

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#