كۇۋىيېر

دىنوزاۋرنىڭ نەسلى نېمە ئۈچۈن قۇرۇپ كەتتى؟ بۇ تا ھازىرغىچە ئېچىلمىغان سىر. ئىلگىرى نۇرغۇن ئالىملار بۇ سىرنى ئاچماقچى بولغانىدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە فرانسىيە لىك زوئولوگ كۇۋىيېر (1769-1832) نىڭ «ئاپەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش نەزەرىيەسى» ئەڭ مەشھۇر

ئۇيغۇرچە ئىسمى كۇۋىيېر
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1832-يىل 5-ئاينىڭ 13-كۈنى
چەتئەلچە نامى Georges Cuvie
خەنزۇچە ئىسمى 居维叶
تۇغۇلغان ۋاقتى 1769-يىل 8-ئاينىڭ 23-كۈنى
كەسپى زوئولوگ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گېئورگې كۇۋىيېر تۆت يېشىدا ئوقۇپ، 14 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىدۇ. 18 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتتا ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولىدۇ. ئۇ پروفېسسورلۇققا كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، «سېلىشتۇرما ئاناتومىيە لېكسىيەسى» نى ئېلان قىلىپ، ھايۋانلارنىڭ ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئۆزئارا باغلىنىش قانۇنىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ، ھايۋانلارنىڭ تېنى بىرلىككە كەلگەن گەۋدە، گەۋدىدىكى ھەرقايسى قىسىملارنىڭ قۇرۇلمىسىدا مۇناسىپ باغلىنىش بولىدۇ، مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن، مەلۇم خىل ھايۋاننىڭ مەلۇم ئەزاسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي گەۋدە قۇرۇلمىسى ۋە ياشاش ئۇسۇلىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. كۇۋىيېر بۇ قانۇنىيەتنى نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ھايۋانلارنىڭ تاشقاتمىسىنى تەتقىق قىلىشقا تەتبىقلاپ، 1812-يىلى «تۆت پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ تاشقاتمىسى تەتقىقاتى» دېگەن كىتابنى نەشر قىلدۇرۇپ، تۇنجى قېتىم ئۆز ئالدىغا «ئاپەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش نەزەرىيەسى» نى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

 كۇۋىيېر: ھەربىر مۇئەييەن مەزگىل ئۆتكەندە يەر شارى دا قۇرۇقلۇقنىڭ سىلجىشى، توپان بالاسى، جانلىقلار تۈرىنىڭ يوقىلىشى دېگەندەك بىر قاتار زور ئاپەتلەر بولىدۇ، ھەر قېتىملىق زور ئاپەتتىن كېيىن، بەزى ھايۋانلار باشقا رايونلارغا كۆچىدۇ، بەزى ھايۋانلارنىڭ، خۇددى دىنوزاۋرغا ئوخشاش، شۇ ئاپەتتە نەسلى قۇرۇيدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇ مۇنداق ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: ياۋروپانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۇز قاتلىمىدىن مۇكەممەل ساقلانغان غايەت زور تۆت پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈكلىرى بايقالدى، ئۇلار ناھايىتى نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئۆلگەن، ئۆلۈپ ئۇزاق ئۆتمەيلا مۇز توڭلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، جەسەتلىرى تامامەن چىرىپ كەتمىگەن، بۇنىڭدىن يەر پوستى ئۆزگىرىشىنىڭ جىددىيلىك دەرىجىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. «ئاپەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش نەزەرىيەسى» ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، گېئولوگىيە، پالېئونتولوگىيە تەرەققىياتىغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولۇپ، گېئولوگىيە مىسلىسىز روناق تاپىدۇ.

كۇۋىيېرنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى پۈتكۈل ياۋروپاغا، بولۇپمۇ ھايۋاناتلار توغرىسىدىكى كەڭ دائىرىلىك ھەم چوڭقۇر تەتقىقاتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/137828.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#