كاۋېندىش

ئەنگلىيە لىك كاۋېندىش (1731-1810) تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ تەجرىبە ئالىملىرىنىڭ بىرى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى كاۋېندىش
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1810-يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
چەتئەلچە نامى Henry Cavendish
خەنزۇچە ئىسمى 亨利·卡文迪许
تۇغۇلغان ۋاقتى 1731-يىل 10-ئاينىڭ 10-كۈنى
كەسپى تەجرىبە ئالىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەنگلىيە لىك كاۋېندىش (1731-1810) تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ تەجرىبە ئالىملىرىنىڭ بىرى. ئۇ مېخانىكا، تېرمولوگىيە (ئىسسىقلىق ئىلمى)، ئېلېكتر ئىلمى، خىمىيە قاتارلىق ساھەلەرگە دەۋر بۆلگۈچ تۆھپە قوشقان. 100 نەچچە يىل ئىلگىرى، كاۋېندىش ئۆزى لايىھىلىگەن تولغانما تارازا ئارقىلىق كېيىنكىلەر مەشھۇر كاۋېندىش تەجرىبىسى دەپ ئاتىغان تەجرىبىنى ئىشلەپ، ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنىنى ئىسپاتلاپ، يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە زىچلىقى سۇ زىچلىقىنىڭ 481.5 ھەسسىسى (ھازىرقى سانلىق قىممەت 517.5) ئىكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىققان ھەم ئالەملىك تارتىش كۈچى تۇراقلىق سانىنى بېكىتىپ، يەر شارىنىڭ ماسسىسىنى ھېسابلاب چىققان. كېيىن كىشىلەر ئۇنى «يەر شارىنىڭ ئېغىرلىقىنى تۇنجى قېتىم ئۆلچىگەن ئادەم» دەپ ئاتىغان. 

ئادەمنى قايىل قىلىدىغىنى شۇكى، ئەينى چاغلاردا ئېلېكتر ئېقىمىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىنى ئۆلچەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، كاۋېندىش ئېلېكتر ئىلمى تەتقىقاتىدا ئۆز بەدىنىنى تەجرىبە ئۈسكۈنىسى قىلىپ، بارماق، بېغىش، جەينەك قاتارلىق ئورۇنلارنى توك سوققان چاغدىكى ئۇيۇشۇش سېزىمىگە ئاساسەن، ئېلېكتر ئېقىمىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىنى مۆلچەرلىگەن. مانا مۇشۇنداق ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان روھ بىلەن، زەرەتنىڭ كۋادراتقا تەتۈر تاناسىپ بولۇش قانۇنى (يەنى، كۇلۇن قانۇنى) قاتارلىق ئېلېكتر ئىلمىدىكى چوڭ-چوڭ قانۇنلارنى بايقىغان، بۇ 1785-يىلى كۇلۇن قانۇنى كەشىپ قىلىنىشتىن 13 يىل ئىلگىرى ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى ۋاقتىدا ئېلان قىلىنمىغان.

كاۋېندىش يەنە ئىلىم-پەننى جەمئىيەتكە تەتبىقلاشقا ماھىر ئىدى. ئۇ ئىلگىرى ئوق-دورا ئىسكىلاتى ئۈچۈن چاقماق قايتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى، دۆلەتنىڭ پۇل ياساش زاۋۇتى ئۈچۈن مېتال پۇللارنىڭ سۈركىلىپ خورىشىنى ئازايتىش چارىسىنى تەتقىق قىلىپ چىققان.

كاۋېندىش ئىلىم-پەندە شۇنچە كۆپ تۆھپىسى بولسىمۇ، لېكىن تۇرمۇشتا غەلىتە ئىدى. مىليونلاپ پۇلى بولسىمۇ، تۈگمىلىرى تولۇق بىرەرمۇ كىيىمى يوق ئىدى؛ ئۇنىڭ كەڭ-كۇشادە چىرايلىق تۇرالغۇسى بولسىمۇ، ئايالى، پەرزەنتلىرى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمى تەجرىبىخانا ۋە كۇتۇپخانىدا ئۆتكەن. ئۇ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، تىرىشىپ ئىشلەيتتى، باشقىلارنىڭ خۇشامىتىنى ياقتۇرمايتتى؛ ئۇ كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا ماھىر بولمىغاچقا، باشقىلار بىلەن ئۇچراشسا يۈزى قىزىراتتى، ھەتتا ئايال مالىيىدىنمۇ ئۆزىنى قاچۇراتتى، مۇشۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن ئادەملەرنى رەنجىتكەن.

ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن قالدۇرغان نۇرغۇن ماتېرىيال ۋە ئورىگىناللارنى ماكسىۋېل بەش يىل رەتلەپ، ئاخىرىدا «ھېنرى كاۋېندىشنىڭ ئېلېكتر ئىلمىي تەتقىقاتى» دېگەن كىتابنى نەشر قىلدۇرغان. 

ھاياتىنى ئاددىي-ساددا ئۆتكۈزگەن كاۋېندىش نۇرغۇن مىراس قالدۇرغان، بۇنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنىڭ جەمەتىدىكىلەر 1781-يىلى كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى غا ھەدىيە قىلغان، كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ پۇل بىلەن دۇنياغا مەشھۇر «كاۋېندىش تەجرىبىخانىسى» نى قۇرغان. كاۋېندىشنىڭ روھى مۇشۇ تەجرىبىخانا بىلەن بىللە 100 نەچچە يىلدىن بۇيان فىزىكا پېنىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشۇپ، 

 ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەردىن 26 ئادەمنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#