لىستېر

لىستېر ئەنگلىيە لىك خروگ، «خروگىيە دېزىنفىكسىيەسىنىڭ پېشۋاسى». 1827-يىلى، ئۇ ئەنگلىيە نىڭ ئىتون دېگەن جايىدا تۇغۇلغان. 1852-يىلى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئەلا نەتىجە بىلەن مېدىتسىنا پەنلىرى دىپلومىغا ئېرىشكەن. 1861-يىلى گلازگو خان جەمەتى دوختۇرخانىسىنىڭ خروگى بولغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لىستېر
باشقا نامى Joseph Lister
يۇرتى ئەنگلىيەنىڭ ئىتون
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1912-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 约瑟夫·李斯特
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1852-يىلى
كەسپى دوختۇر، تەتقىقاتچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لىستېرلىستېر ئەنگلىيە لىك خروگ، «خروگىيە دېزىنفىكسىيەسىنىڭ پېشۋاسى». 1827-يىلى، ئۇ ئەنگلىيە نىڭ ئىتون دېگەن جايىدا تۇغۇلغان. 1852-يىلى لوندون  ئۇنىۋېرسىتېتىدە  ئەلا نەتىجە بىلەن مېدىتسىنا پەنلىرى دىپلومىغا ئېرىشكەن. 1861-يىلى گلازگو خان جەمەتى دوختۇرخانىسىنىڭ خروگى بولغان. ئۇ يەردە خىزمەت قىلغان سەككىز يىل جەريانىدا باشتىن ئاخىر خروگىيە دېزىنفېكسىيە ئۇسۇللىرى تەتىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 

لىستېر گلازگو پادىشاھلىق دوختۇرخانىسى خروگىيە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى تاشقى كېسەل بىمارلىرىنىڭ ئوبېراتسىيەدىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى ئۇنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان ئىدى. بىمارلارنىڭ ئوپېراتسىيىدىن كېيىن يىرىڭلاپ زەھەرلىنىشى كۆپ ئۇچرايتتى. 

لىستېرلىستېر خوروگىيە بۆلۈمىنىڭ تازىلىقىنى ئىمكانقەدەر ياخشى تۇتقان بولسىمۇ، لېكىن خروگىيە بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى ئازايتالمىدى. بەزى دوختۇرلار بۇ خىل ئەھۋالنىڭ دوختۇرخانا ئەتراپىدىكى ئادەم سالامەتلىكىگە زىيانلىق بىر خىل نەرسىدىن چىققان «زەي پۇرىقى» دىن، نۇرغۇن كېسەللەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان دەپ قاراشقان، لېكىن لىستېر بۇ خىل قاراشقا قوشۇلمىدى. 

1865-يىلى، لىستېرنىڭ ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇپ چىقىپ، پاستېرنىڭ باكتېرىيەلەر نەزەرىيەسىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە باكتېرىيە بولسا كېسەللەرنىڭ ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى نەرسە، دېگەن يەكۈننى چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن ئوپېراتسىيەدىن كېيىن باكتېرىيەلەرنى يوقىتىشنىڭ ئامىلىنى ئىزدىگەن. دەسلەپتە لىستېر كاربولكا كىسلاتاسى بىلەن باكتېرىيە يوقاتقان. كېيىن ئۇ ھەر قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىشتىن ئاۋۋال قولنى كاربولكا كىسلاتاسى بىلەن ئەستايىدىل دېزىنفېكسىيە قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئوپېراتسىيە سايمانلىرى، داكا، بېنت قاتارلىقلارنىمۇ قاتتىق دېزىنفېكسىيە قىلغان. ئۇ ئوپېراتسىيە ئۆيىگە بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە كاربولكا كىسلاتاسى پۈركۈپ تۇرغان. نەتىجىدە، تاشقى كېسەللىكلەر بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىدە مۆجىزە خاراكتېرلىك تۆۋەنلەش بولغان. 1865-يىلدىن 1869-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇ مەسئۇل بولغان بالنىستتىكى تاشقى كېسەللىكلەر بىمارلىرىنىڭ ئوپېراتسىيىدىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى 45 پىرسەنتتىن 15 پىرسەنتكە چۈشكەن.

لىستېر1867-يىلى لىستېر خروگىيە دېزىنفېكسىيەسى ھەققىدىكى تۇنجى ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلدى، لېكىن ئۇنىڭ ئىدىيىسى باشقىلار تەرىپىدىن تېزدىن كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىنمىدى، بىراق ئۇ ئېدىنبورگ داشۆسىدە ئۆتكەن يەتتە يىل ئىچىدە چىققانىدى. 1875-يىلى لىستېر گېرمانىيە گە بېرىپ، ئۇ يەردە ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. ئىككىنچى يىلى ئامېرىكىغا كېلىدۇ، بۇ يەردە كۆپ ساندىكى دوختۇرلار ئۇنىڭ تەلىماتىغا ئىشەنمەيدۇ. 

1877-يىلى، لىستېر لوندون پادىشاھلىق شۆيۈەنىنىڭ خروگىيە پەنلىرى پروفېسورى بولىدۇ. ئۇ بۇ خىزمەت ئورنىدا 15 يىل ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ خروگىيە دېزىنفېكسىيە ئۇسۇلى لوندوندىكى مېدىتسىنا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشىپ، ئۇنىڭ قارىشىنى قوبۇل قىلغۇچىلار كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، لىستېرنىڭ دېزىنفېكسىيە ئۇسۇلى لوندوندىكى خروگىيە ۋراچلىرى ۋە دوختۇرلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

لىستېر ئۆزىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تۆھپىسى بىلەن شۆھرەت قازاندى. ئۇ خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى بەش يىل ئۆتىگەن ھەم كورۇلىۋا دىكتورىيەنىڭ خۇسۇسىي دوختۇرى بولغانىدى. 

لىستېر ئۆيلەنگەن، لېكىن پەرزەنت كۆرمىگەن. 1912-يىلى ئەنگلىيە نىڭ ۋالىنتون دېگەن جايىدا 80 يېشىدا ۋاپات بولغان.

لىستېرنىڭ ئىجادىيىتى خروگىيە پەنلىرى ئۈچۈن بىر قېتىملىق ئىنقىلاب بولدى. بۇ ئىنقىلاب مىليۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. شۇنداقلا سانسىزلىغان خروگىيە دوختۇرلىرىنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، ئەندىشە ئىچىدە خىزمەت قىلشتىن دېزىنفېكسىيە ئارقىلىق يۈرەكلىك ھالدا ئوپېراتسىيە ئېلىپ بېرىشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#