لى داۋيەن

قەدىمكى زاماندا مەنسەپ تۇتقان بىر ئادەم جايلارغا بېرىپ سەيلە-ساياھەت قىلغاندا، تاغ-دەريا، ئېقىنلارنى ئەتراپلىق كۆزىتىپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد قالىدىغان كىتاب − «دەريالار تەپسىراتى» نى يېزىپ چىقىپ، جۇڭگودىكى قەدىمكى مەشھۇر جۇغراپىيەشۇناسقا ئايلىنىدۇ، بۇ ئادەم جەنۇبىي-شىمالىي سۇلالىلەردىكى شىمالىي ۋېي دەۋرىدە ئۆتكەن لى داۋيەن (تەخمىنەن 466 -527 ) دۇر.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لى داۋيەن
خەنزۇچە ئىسمى 郦道元
باشقا نامى 郦善长,善长公
كەسپى جۇغراپىيەشۇناس
تۇغۇلغان ۋاقتى تەخمىنەن 466-يىل
ۋاپات بولغان ۋاقتى تەخمىنەن 527-يىل
مىللىتى خەنزۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لى داۋيەن خېبىي ئۆلكىسىنىڭ جوشيەن ناھىيەسىدىكى بىر مەنسەپدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىدا سەيلە-ساياھەتكە قىزىققان. كېيىن مەنسەپ تۇتۇپ، جايلارغا بېرىپ سەيلە-ساياھەت قىلىپ، مەشھۇر جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن باشقا، سۇ ئېقىنى، يەر شەكلىنى ئىنچىكە تەكشۈرگەن، دەريا قىرغىقى جۇغراپىيىسى، يەر قىياپىتى، تۇپراق، كىلىمات، خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-تۇرمۇشى، رايونلارنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار بىلەن تونۇشقان.

ئۇ قەدىمكى زامان جۇغراپىيە كىتابى − «دەريالار» دا چوڭ-كىچىك دەريا ئېقىنلىرىنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا توغرا خاتىرىلەرنىڭ يېتەرسىزلىكىنى، دەۋرلەرنىڭ ئالمىشىشى بىلەن، شەھەرلەرنىڭ گاھىدا گۈللەنگەنلىكى، گاھىدا خارابلاشقانلىقى، بەزى دەريا ئېقىنلىرىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى، ناملىرىنىڭمۇ ئۆزگەرگەنلىكىنى، لېكىن كىتابتا تولۇقلىما ئىزاھات بېرىلمىگەنلىكىنى بايقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن لى داۋيەن «دەريالار» غا ئىزاھات يېزىش قارارىغا كېلىدۇ.

ئۇ «دەريالار تەپسىراتى» نى يېزىش ئۈچۈن، بۇنىڭغا ئائىت 400 خىلدىن ئارتۇق كىتاب ئوقۇيدۇ، بارلىق خەرىتىلەرنى ئاختۇرىدۇ، نۇرغۇن قەدىمىي ھۆججەت-ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىدۇ، يەنە ئۆزى نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرىدۇ، ھەر جايغا بارغاندا، سۇ يولىنىڭ تارقىلىشى، سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى ھەم ئېقىن ئۆتىدىغان رايونلارنىڭ تەبىئىي ۋە گۇمانىتار جۇغراپىيىلىك ماتېرىياللىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ توپلايدۇ، كىتابتىكى خاتىرىلەرنى نەقلەشتۈرىدۇ. ئۇ چاغلاردا قاتناش قۇلايسىز، يوللار قىيىن بولسىمۇ، ئۇ جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي، تاغ-دەريالارنى كېزىپ جايلارنىڭ تاغ-دەريا، دەل-دەرەخلىرى ۋە غار، تۇپراق قاتارلىقلىرىنى تەكشۈرىدۇ. 

«دەريالار» دا ئەسلىدە چوڭ-كىچىك دەريا ئېقىنلىرىدىن 137 سى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، خەت سانى 10 مىڭدىن ئارتۇقراق ئىدى، لى داۋيەن ئىزاھات يازغاندىن كېيىن، چوڭ-كىچىك دەريا ئېقىنلىرى 1252 گە كۆپىيىپ، خەت سانى 300 مىڭدىن ئېشىپ، يازغان ئەسىرىنىڭ ھەجمى «دەريالار» دىن 20 ھەسسە ئاشىدۇ. كىتابتا ھەرقايسى دەريا ئېقىنلىرىنىڭ باشلىنىشى ۋە ئېقىنى، ھەرقايسى ۋادىلارنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيىسى، ئىقتىسادىي جۇغراپىيىسى ۋە گۇمانىتار جۇغراپىيىۋى ئەھۋالى ھەمدە يانار تاغ، ئارىشاڭ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار خاتىرىلىنىدۇ. بۇ جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى ئەڭ ئەتراپلىق ھەم سىستېمىلىق ئۇنىۋېرسال جۇغراپىيە كاتتا ئەسىرى. «دەريالار تەپسىراتى» جۇڭگونىڭ پەن-مەدەنىيەت تارىخىدا غايەت زور قىممەتكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، تارىختىن بۇيان نۇرغۇن ئالىملار ئۇنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ، «لى داۋيەن ئىلمى» نى شەكىللەندۈرگەن.

لى داۋيەن مەنسەپ تۇتقاندا، پاك-دىيانەتلىك بولۇپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلغان، شۇڭا خانىدانلىقتىكى ھوقۇقدارلارنىڭ ئۆچمەنلىكىگە ئۇچرىغان، ئۇلار خاندانلىقنى لى داۋيەننى توپىلاڭ يۈز بەرگەن جايغا مەنسەپدارلىققا تەيىنلەشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىدۇ. 527-يىلى لى داۋيەن مەنسەپكە ئولتۇرۇش سەپىرىدە، ئۇكىسى ھەمدە ئىككى ئوغلى بىلەن بىللە توپىلاڭچى قوشۇننىڭ ئاتامانى سۇ باۋيىن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/19497.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#