زورو ئاستېر

زوروئاستېر

زوروئاستېر زوروئاستېر دىنىنىڭ ئاساسچىسى. بۇ دىن 2500 يىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، تاكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇنىڭ مۇرىتلىرى بار.زوروئاستېرنىڭ ھاياتى توغرىسىدىكى ماتېرىياللار ئىنتايىن ئاز، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ تەخمىنەن مىلادىدىن 628 يىل بۇرۇن ھازىرقى ئىراننىڭ شىمالىدا تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى زورو ئاستېر
باشقا نامى Zoroaster
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇن 551-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 琐罗亚斯德
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇن 628-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

زوروئاستېرزوروئاستېر زوروئاستېر دىنىنىڭ ئاساسچىسى. بۇ دىن 2500 يىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، تاكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇنىڭ مۇرىتلىرى بار.

زوروئاستېرنىڭ ھاياتى توغرىسىدىكى ماتېرىياللار ئىنتايىن ئاز، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ تەخمىنەن مىلادىدىن 628 يىل بۇرۇن ھازىرقى ئىران نىڭ شىمالىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دەسلەپكى ھاياتى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىز ئىنتايىن ئاز. ئۇ ئۆزىنىڭ يېڭى دىنىنى تارقىتىشقا باشلىغاندا تېخى ناھايىتى ياش بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىللەردە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان. 40 ياشقا كىرگەندە بەختكە يارىشا بىر پادىشاھ بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلغان، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىنەز ۋە ئاقسۆڭەكلەر بەس-بەستە بۇ دىنغا كىرگەن. پادىشاھ ئۇنىڭ دوستى ۋە ھىمايىچىسى بولۇپ قالغان. پارس رىۋايەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ 77 يېشىدا ئۆلگەن، بۇنداق ھېسابلىغاندا ئۇ مىلادىدىن 551 يىل بۇرۇن ئۆلگەن. 

زوروئاستېرزوروئاستېر دىنى بىر خۇدالىق نەزەرىيىسى بىلەن ئىككى خۇدالىق نەزەرىيىسىنىڭ ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ. زوروئاستېر بىر ئۇرمۇزىد مەۋجۇت، ئىسمى ئاخۇرامازىدا(ئەقىل-پاراسەت ئىلاھى) ، ھەقىقەت ۋە ساداقەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قارايدۇ. زوروئاستېر دىنىنىڭ مۇرىتلىرى ئارىمان(ئانگرا مائىنيۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئىسىملىك بىر شۇملۇق ئىلاھىنىڭ بارلىقىغا، ئۇ شۇملۇقنىڭ مەنبەسى بولۇپ، ياۋۇزلۇق ۋە ئالدامچىلىققا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئورمۇزىدئاخۇرامازىدا بىلەن شۇملۇق ئىلاھى ئارىمان ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ تۇرىدۇ، كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئورمۇزىدقا ئەگىشىش ياكى شۇملۇق ئىلاھىغا ئەگىشىشنى بەلگىلەش ئەركىنلىكىگە ئىگە دەپ قارايدۇ. زورورئاستېر مۇرىتلىرى ئورمۇزىد مۇقەررەر يوسۇندا ئەڭ ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ دەپ ھېسابلايدۇ، ئۇلارنىڭ تەلىماتلىرى ھاياتقا بولغان كۈچلۈك ئېتىقادنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. 

ئەخلاقىي قاراش جەھەتتە، زوروئاستېر دىنى ۋە ساداقەتنى تەكىتلەيدۇ، شۇنداقلا تەركىبى-دۇنيا بولۇش يولىنى تۇتۇپ، دۇئا-تىلاۋەت بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە نىكاھلانماسلىققا قوشۇلمايدۇ. زوروئاستېر دىنىدا قىزىقارلىق دىنىي مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇنىڭ بىر خىلى ئوتقا چوقۇنۇش بولۇپ، زوروئاستېر دىنى ئىبادەتخانىلىرىدا دائىم مۇقەددەس ئوت يېنىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنى دەپنە قىلىش ئادەتلىرىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، ئۆلگۈچى ئادەتتە دەپنە قىلىنمايدۇ، كۆيدۈرۈلمەيدۇ، بەلكى ئېگىز مۇنار ئۈستىگە قويۇپ قۇزغۇنلارغا يېگۈزىلىدۇ(ئادەتتە بىر نەچچە سائەت ئىچىدە گۆشنى يەپ بولۇپ، پەقەت ئىسكىلىتلا قالىدۇ) 

گەرچە زوروئاستېر دىنى ئىراننىڭ قەدىمكى دىنى بىلەن ئورتاقلىققائىگە بولسىمۇ، لېكىن زوروئاستېر ھايات ۋاقتىدا مەزكۇدىن كەڭ تارقالغان. زوروئاستېر دىن تارقاتقان ئاشۇ رايون مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅵ ئەسىردە ئىمپېراتور كىرۇس تەرىپىدىن پېرسىيە ئېمپېرىيىسىگە قوشۇۋېلىنغان، زوروئاستېر دەل مۇشۇ مەزگىلدە ئۆلگەن. كېيىنكى ئىككى ئەسىردە پېرسىيە پادىشاھلىرى زوروئاستېر دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، مۇرىتلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە كۆپەيگەن؛ لېكىن ماكېدونىيە ئىمپېراتورى ئالېكساندرنىڭ پېرسىيە ئىمپېرىيىسىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىشى بىلەن، بۇ دىنمۇ بىر مەھەل تىنچىغان. مىلادى 226-651-يىلى ساسسانىيلار خاندانلىقىنىڭ باش كۆتۈرۈشى بىلەن زوروئاستېر دىنى قايتا گۈللىنىپ، دۆلەت دىنىغا ئايلانغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#