مورا ئوچاق

جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى «مورا ئوچاق» نى كەشىپ قىلىپ، بۇنىڭدىن كۆپ تەرەپلىمىلىك پايدىلىنىپ كەلدى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوچاق مورا ئوچاق مۇنداق بولىدۇ: ئۆينىڭ كەڭرەك ئېلىنىپ، ئۇ يەرگە تونۇر شەكلىدە ئوچاق سېلىنىدۇ. بۇ ئوچاق «ئوچاق تونۇرى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئوچاققا ئوتۇن قالىنىدۇ. تاماققا تۇتۇش قىلماستىن بۇرۇن، «ئوچاق تونۇرى» غا لايىق قازان ئېسىلىپ ئوت قالىنىدۇ. ئوچاق ئالدىغا ئۆرە مىس چۆگۈن قويۇپ چاي قاينىتىلىدۇ. تاماق پىشقىچە «ئوچاق تونۇرى» قىزىپ تەييار بولىدۇ. قازاننى چۈشۈرۈپ ئوچاققا تۇز سېلىپ نان يېقىلىدۇ. تاماقنى يەپ بولغۇچە نان پىشىدۇ. دېمەك، مورا ئوچاق يۇقىرىقىدەك تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئۆتەشتىن تاشقىرى، يەنە قىش كۈنلىرى ئىسسىنىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

مورا ئوچاقنىڭ ئالدى تەرىپى بىر يېرىم مېتر ئېگىزلىكتە نېپىز كېسەك بىلەن مېھراب شەكلىدە قاپارتمىلىق قىلىپ ياسىلىدۇ. بۇ «مورا بېشى» دەپ ئاتىلىدۇ. «مورا بېشى» نىڭ ئۈستىگە «جىنچىراغ» (سۇ يېغى ئىشلىتىلىدىغان چىراغدان) قويۇلىدۇ(ھازىر ئېلېكترلىشىشنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، «يەرلىك جىنچىرا» لار ئەمەلدىن قالماقتا)

«مورا بېشى» ئالاھىدە تېخنىكا بىلەن ياسالغاچقا ئۆيگە يارىشىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#