مەدداھلىق

مەدداھلىق-ئاغزاكى تىل ئادەتلىرىنىڭ كەڭ تۈردە ئومۇملاشقان ئەنئەنىۋى شەكىللىرىدىن بىرى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەدداھلىق ناھايىتى تەرەققىي قىلغان ئەنئەنىۋى ئادەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى «مەدداھ» (ۋائىز) دەپ ئاتىلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى مەدداھلىق
خەنزۇچە ئىسمى 脱口秀 业务

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مەدداھلىق-ئاغزاكى تىل ئادەتلىرىنىڭ كەڭ تۈردە ئومۇملاشقان ئەنئەنىۋى شەكىللىرىدىن بىرى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەدداھلىق ناھايىتى تەرەققىي قىلغان ئەنئەنىۋى ئادەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى «مەدداھ» (ۋائىز) دەپ ئاتىلىدۇ. مەدداھلار خەلق ئارىسىدىكى تالانتلىق ۋە ئىقتىدارلىق سۆز سەنئەتكارلىرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئەلنەغمە سەنئىتى ئەنە شۇ مەدداھلىق ئادىتىدىن ئۆسۈپ چىققان. 

مەدداھلىق-ناخشا، مۇزىكا ۋە دراماتىك ھەرىكەتنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغان ئۇنىۋېرسال سەنئەت ئادىتى بولۇپ، ئۇنىڭ كىشىلەرنى جەلپ قىلىش كۈچى ناھايىتى زور. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان مەدداھلار خەلق ئارىسىدا زور ئىناۋەتكە ئىگە بولۇپ كەلگەن. مەدداھلىق ئادىتى بولۇپمۇ خوتەن، قەشقەر، يەكەن قاتارلىق شەھەرلەردە كەڭ ئەۋج ئالغان. بازار كۈنلىرى ئاتاقلىق مەدداھلار تەرەپ-تەرەپتىن بۇ شەھەرلەرگە يىغىلىپ مۇۋاپىق سورۇندا بەس-بەس بىلەن مەدداھلىق قىلغۇچى بىر قانچە مەدداھتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرى ئاساسلىق رول ئالغۇچى باش مەدداھ، بىر ياكى ئىككىسى «دوست تارتىپ بېرىدىغان» قوشۇمچە مەدداھ ھېسابلىنىدۇ. بەزىدە مۇزىكا تەڭكەش قىلىپ بەرگۈچى سازەندە ئايرىم بولسا، بەزىدە باش مەدداھ ئۆزى ھەم مۇزىكا چالىدۇ، ھەم ناخشا ئېيتىدۇ، ھەم سۆزلەيدۇ. مەدداھنىڭ سۆزلەيدىغانلىرى كۆپىنچە قەدىمكى تارىخىي قىسسەلەر، ئاتاقلىق خەلق داستانلىرى، ئەپسانە-رىۋايەتلەر، قىزىقارلىق ھېكايە-چۆچەكلەر، جەڭنامىلەر ۋە بەزى داڭلىق كلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ھېكايە قىلغاندا خۇددى دراما ئارتىسلىرىدەك يالغۇز ئۆزى بىر قانچە پېرسوناژنىڭ ئوبرازىنى جانلىق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. شۇڭا مەدداھ سورۇن تۈزمەكچى بولۇپ چاقىرىش دۇمبىقىنى ياكى ناغرىسىنى چالغان ھامان مەدداھقا ئادەتلىنىپ قالغان خەلق توپى ئۇنىڭ ئەتراپىغا دەرھال يىغىلىپ، ئۆزلۈكىدىن چەمبەر شەكلىدە مەيدان ھازىرلايدۇ. مەدداھنىڭ سەنئەت ماھارىتىگە مەپتۇن بولغان خەلق ئۇنىڭ مەدداھلىق پائالىيىتى ئاخىرلاشقىچە بىر قانچە سائەت مىدىرلىماي ئولتۇرىدۇ ياكى ئۆرە تۇرۇپ ئاڭلايدۇ. 

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۇقىرىقىدەك كەسىپلەشكەن مەدداھلىقتىن باشقا، يەنە بەزى رايونلاردا ياشانغانلار بىرەر ئۆيگە توپلىشىپ ھەر كىم ئۆزى بىلگەنچە قىسسە ياكى ھېكايە ئېيتىشىدىغان، قىزىقارلىق قەدىمكى كىتاب-رىسالىلەرنى ئوقۇپ ئاڭلايدىغان ئادەتمۇ بار. مەسىلەن، تۇرپان رايونىدىكى ياشانغانلار ئارىسىدا قەرەللىك ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان «دادۇر مەشرىپى» ئەنە شۇنداق خاراكتېرىگە ئىگە. بۇمۇ مەزمۇن ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، م مەدداھلىقنىڭ بىر خىل تۈرى ھېسابلىنىدۇ. 

مەدداھلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى مۇراسىم ۋە ھەر خىل سەيلە پائالىيەتلىرىدە ناھايىتى قىزىپ كېتىدۇ. قەشقەرنىڭ «ھەزرەت سەيلىسى» ، ئوپالدىكى «نورۇز بۇلاق سەيلىسى» ، يېڭساردىكى «ئودىخېنىم سەيلىسى» ، خوتەندىكى «كوھمارىم سەيلىسى» قاتارلىق كۆلىمى چوڭ مۇراسىم پائالىيەتلىرىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرىدىن بىرى مەدداھلىق بولۇپ، مۇشۇ سەيلە مەزگىللىرىدە يۇرت-يۇرتلاردىن كەلگەن مەدداھلار تەرەپ-تەرەپتە سورۇن تۈزۈپ، مىڭلىغان سەيلىچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.

مەدداھلىق ئەدەبىياتنىڭ مەزمۇنى ئىچىدە گەرچە ساغلام بولمىغان بەزى دىنىي تەركىبلەرنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ خەلق سەنئىتىنى يۈكسەلدۈرۈش، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى تارقىتىش ۋە بېيىتىش، خەلقنىڭ ئەدەبىي مىراسلىرىنى ساقلاپ قېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوينىغان رولىنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#