يامان ئېلىنىدىغان قىلمىش-ئادەتلەر

ئۇيغۇرلار تۇرمۇشى

ھەرمىللەتنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا يامان ئېلىنىدىغان قىلمىش-ئادەتلىرى بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىپادىسى ھەرخىل .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا تۆۋەندىكىدەك قىلمىش-ئادەتلەر «يامان بولىدۇ» دېگەن ئەقىدە بويىچە يامان ئېلىنىپ تەقىپلىنىپ كەلگەن:

1) ياشانغانلارنى، چوڭلارنى، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى، ئۇستازلارنى كۆرگەندە ئىككى قولىنى مەيدىسىگە ئېلىپ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! » ) تەڭتۇش، تونۇش بىلىشلەر ئوڭ قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ سالام دەيدۇ(دەپ ھۆرمەت بىلدۈرۈش لازىم. سالام بەرمەسلىك ئەدەپسىزلىك، ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ.

2) چوڭلارنىڭ، ئاتا-ئانىنىڭ، كۈيئوغۇل) كېلىن(، قېينئاتا، قېينئانىنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشكە بولمايدۇ. 

3) ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشكە بولمايدۇ. ئەرلەر تۇرغان يەردىن ئۆتۈشكە توغرا كەلسە، ئەرلەرنىڭ كەينىدىن ياكى ئۇلارنى يانداپ ئۆتۈشى لازىم. 

4) چوڭلار كىچىكلەرنى «بالام، ئوغلۇم) قىزىم(» دەپ ئاتىشى لازىم، بولمىسا «ئالجىغان» ، «قېرىغىنىنى تۇيمايدىغان» دەپ ئەيىبلەيدۇ. كىچىكلەر چوڭلارنى «دادا» ، «بوۋا» ، «موما» ، «ئانا» ، «ئاكا» ، «ئاچا» دەپ ئاتىشى لازىم. بولمىسا، «ئەدەپسىز» ، «تەربىيە كۆرمىگەن» دەپ قارىلىدۇ.

5) كۆرۈشمىگەن) جۈملىدىن، سەپەردىن كەلگەن(ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-ئاغىنىلەر كۆرۈشكەندە چوڭلار، تەڭتۇشلار قۇچاقلىشىپ مەڭزىنى-مەڭزىگە يېقىپ كۆرۈشىدۇ، كىچىكلەرنى بولسا، بېشىنى باغرىغا بېسىپ پىشانىسىگە سۆيىدۇ. ئاياللار-چوڭلار، تەڭتۇشلار مۈرىلىرىنى تۇتۇشۇپ يۈزلىرىنى يۈزىگە يېقىپ كۆرۈشىدۇ. كىچىكلەرنى باش-كۆزىنى سىيلاپ پىشانىسىگە، مەڭزىگە سۆيۈپ كۆرۈشىدۇ. بولمىسا، «كۆيۈمسىز» ، «مېھرى يوق» ، «باغرى قاتتىق» ، «كۆڭلى بۆلۈنۈپ كەتكەن» دەپ ئەيىبلىنىدۇ.

6) سىرداش دوست-ئاغىنىلەردىن باشقىلار ئادەتتە بىر-بىرىنى «سىز» ، «سىلى» . . . دەپ ئاتىشى لازىم. «سەن» دېيىلسە «كۆزگە ئىلمىغانلىق» ، «پەس كۆرگەنلىك» دەپ يامان ئېلىنىدۇ. 

7) ئىشىك ئالدى ياكى ئۆيگە يېقىن ئارىلىقتا تونۇش-بىلىشلەر ئۇچرىشىپ قالغان تەقدىردە، سالاملاشقاندىن كېيىن «ئۆيگە باشلاي» ، «خىزمەتتە بولاي» دېيىش لازىم. بولمىسا «قىزغانچۇق» ، «ئادەمگەرچىلىك يوق» دەپ ئەيىبلىنىدۇ.

8) مېھمان ياكى بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆيگە «ئەسسالام» دەپ كىرىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ) ياكى يېرىم تۇرۇپ(ئاندىن ئولتۇرۇش لازىم. بۇ بېرىش-كېلىشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئاساسلىق قائىدە، بولمىسا «قائىدىسىز» ، «ھاكاۋۇر» دەپ ئەيىبلىنىدۇ.

9) تاماقتىن بۇرۇن ۋە كېيىن، چوڭ-كىچىك تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇش لازىم، بولمىسا «تەبىئىتى يوق، مەينەت» دەپ ئەيىبلىنىدۇ.

10) قول يۇغاندا، بولۇپمۇ ساھىبخان مېھمان قولىغا سۇ ئالغاندا، قولىنى سىلكىمەي لۆڭگە ياكى قولياغلىققا ئېرتىش لازىم.

11) مېھمانغا چاي، تاماق قۇيۇلۇپ ساھىبخان «قېنى ئالىلى، باقىلى» دەپ تەكلىپ قىلمىغۇچە ئالدىراپ چايغا ياكى تاماققا قول ئۇزىتىشقا بولمايدۇ.

12) مېھمانغا چاي، تاماق سۇنغاندا، ئوڭ قولى بىلەن سۇنۇش لازىم. بولمىسا، «كۆزگە ئىلمىغانلىق» دەپ قارىلىدۇ. 

ئۇيغۇرلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئوڭ، سولغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. بۇ ئۇيغۇرلاردىكى ئەجدادلىرىمىزدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان «ئوڭ، چەپ قارشى» نىڭ ئىپادىسى. مەلۇمكى، ئادەم ھەرىكەتلەنگەندە، ھامان ئوڭ قول، ئوڭ پۇت ئەپچىل، يېنىك ھەرىكەتلىنىدۇ، سول قول، سول پۇت سۆرەلمە كېلىدۇ. بەدەندىكى كۈچ سالمىقىمۇ ئوڭ قول، ئوڭ پۇتتا ئارتۇق بولىدۇ. بۇ ھال ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوڭ، چەپ قارىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن بۇ قاراشقا مۇناسىۋەتلىك خېلى نۇرغۇن ئادەت شەكىللەنگەن: سالام بەرگەندە ئوڭ قولىنى كۆكرەك ئۈستىگە قويۇپ سالام بېرىش، مېھمانغا چاي، تاماق قويۇش، سوۋغات تەقدىم قىلىش ياكى بىر نەرسە بېرىشتە ئوڭ قولى بىلەن بېرىلىشى شەرت، سول قولى بىلەن بېرىلسە ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ. ئۆيگە كىرىشتە ئالدى بىلەن ئوڭ پۇتىنى كۆتۈرۈپ بوسۇغىدىن ئۆتىمىز، ئات-ئۇلاغقا مىنگەندە ئالدى بىلەن ئوڭ پۇتىنى ئاتىلدۇرۇپ ئاندىن مېنىمىز، كىيىم كىيگەندە ئالدى بىلەن ئوڭ پۇتقا ئوڭ پۇشقاق سېپىلىدۇ، ئاياغ كىيگەندىمۇ شۇنداق، ھەتتا بىرەرىنىڭ ئىشتا پەملىكلىكى، مىجەز-خۇلقىنىڭ يېقىملىقى. . . «ئوڭلۇق» دېگەن بۇ ئىبارە بىلەن تەرىپلىنىدۇ. بىر ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغان، بولمىغانلىقى، ياتقاندا قارا بېسىش، بەزى كۈنلىرى كىشىنىڭ سەپراسىنىڭ ئۆرلەپ قېلىشى قاتارلىقلارمۇ ئوڭ، چەپ قارىشىغا باغلىنىدۇ. مەسىلەن، «ئىشىمىز(تەلىيىمىز) ئوڭغا تارتىپ(ئوڭدىن كېلىپ) يۈرۈشۈپ كەتتى» ؛ «ئىشىمىز چەپكە تارتىپ ئىلگىرى باسمىدى» ، «سول تەرىپىمنى بېسىپ ياتقانىكەنمەن، قارا بېسىپ كەتتى» ، «سول يېنىنى بېسىپ ياتقانمۇ، قاپاقلىرى چۈشۈپ كېتىپتىغۇ» دېيىلگەندەكلەرگە ئوخشاش. بۇندىن باشقا ئادەتتە «ئوڭ گەپ قىلغىنا! » ، «تۈگمەنمۇ ئوڭ چۆرگىلەيدۇ» دېگەندەك تەمسىل سۆزلەرمۇ كۆپ ئىستېمال قىلىنىدۇ، باشقا مىللەتلەردىكىدەك ئۇيغۇرلاردىمۇ خوتۇن كىشى «ئادەمنىڭ سو قوۋۇرغۇسىدىن يارالغان» دەپ كەمسىتىدىغان ئادەت بار. بۇمۇ ئۇيغۇرلاردىكى ئوڭ، چەپ قارشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

13) ئادەتتە مېھمان ئالدىغا قويۇلغان تاماقنى ئاشۇرۇپ قويماسلىقى، تاماق ئاغزىغا تېتىمىغان تەقدىردىمۇ «ۋاي مەززىلىك بوپتۇ، ئوخشاپتۇ» دەپ مەمنۇنىيەتلىك بىلدۈرۈش لازىم. بولمىسا، كىشى ياراتمىغانلىق بولىدۇ.

14) مېھمان پۇتىنى ئارۋاڭ-سارۋاڭ سۇنۇپ ئولتۇرماسلىق، بولۇپمۇ داستىخانغا قارىتىپ پۇتىنى سۇنۇپ ئولتۇرماسلىقى لازىم. ئۇنداق قىلىش ساھىبخانغا، داستىخانغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ. چوڭلار ئالدىدا پۇتىنى ئارۋاڭ-سارۋاڭ قىلىپ، مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇشمۇ ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.

15) مېھمان ساھىبخاننىڭ ئۆيىدىكى نەرسە-كېرەكلەرنى قالايمىقان تۇتماسلىقى، ئاختۇرماسلىقى، ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە مېڭىپ يۈرمەسلىكى، بولۇپمۇ قىز-ئاياللار يېنىغا، قازان بېشىغا بېرىۋالماسلىقى لازىم. بۇ يات قىلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ.

16) مېھمان داستىخان يىغىلماستىن بۇرۇن ئالدىراپ تۇرۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. تالاغا چىقىش زۆرۈرىيىتى بولغاندا داستىخاننى دەسسەپ ياكى ئاتلاپ ئۆتۈشكە، مېھمانلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ، ئۇنداق قىلىش ساھىبخاننى، مېھمانلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولىدۇ.

17) مېھماندارچىلىق سورۇنىدا، تاماق ئۈستىدە بۇرۇن تارتىش، بۇرۇن-قۇلاق كولاش، مىشقىرىش، تۈكۈرۈش، تىرناق ئېلىش، ئوسۇرۇش، جۈملىدىن ئاممىۋى سورۇنلاردا شۇنداق قىلىش تەبىئەتسىزلىك ۋە ئەڭ چوڭ ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. 

18) مېھمانلار، جۈملىدىن باشقىلار پاراڭلاشقاندا ئىشىك مارىماسلىق، چوڭلار گەپ قىلغاندا لوقما سېلىپ ئېغىز غېرىچلىماسلىق لازىم. ئۇنداق قىلىش ئەڭ يامان قىلىق، ئاقساقاللىق، ئاتىكاچىلىق ھېسابلىنىدۇ.

19) مېھماندارچىلىق ئۈستىدە ۋە ئادەتتە غەيۋەت-شىكايەت قىلىش يامان ئېلىنىدۇ. چۈنكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بەزى ئاداۋەتلەر ئاشۇنداق غەيۋەت-شىكايەتتىن كېلىپ چىقىدۇ. 

20) مېھماندارچىلىقتا بالا ئەگەشتۈرۈپ بېرىش يامان ئېلىنىدۇ. چۈنكى بالىلارنىڭ جوداسىدا مېھماندارچىلىقمۇ كۆڭۈللۈك بولمايدۇ. بالا ئاپارغۇچىمۇ ئارام خۇدا يەپ-ئىچىپ ئولتۇرالمايدۇ. «تويغا بارساڭ تويۇپ بار، بەش بالاڭنى قويۇپ بار» دېگەن ماقال شۇنداق ئادەتكە قارىت مەيدانغا چىققان.

21) مېھمان داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ دۇئا قىلىپ، «رەھمەت» دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ياكى يېرىم تۇرۇپ ساھىبخانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش لازىم. 

22) مېھمانغا ئېيتقان يەردىن قالماسلىق لازىم، ئېيتمىغان يەرگە بارماسلىق لازىم. چۈنكى سىزنى مېھمانغا چىللىغانلىق سىزنى ھۆرمەتلىگەنلىك، بارمىغانلىق قارشى تەرەپنى كۆزگە ئىلمىغانلىق، ئېيتمىغان يەرگە بېرىش قېلىنلىق ۋە تەمەخورلۇق قىلغانلىق بولىدۇ. «ئېيتقان يەردىن قالما، ئېيتمىغان يەرگە بارما» دېگەن ئىدىيوم شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن.

23) يالاڭباش ۋە ئۆرە تۇرۇپ تاماق يېيىش يامان ئېلىنىدۇ.

24) غىزا-تاماقنى چاچماي، پاكىز يىيىش، ئاش ئەۋلادىنى بۇزۇپ-چېچىپ ئىسراپ قىلماسلىق لازىم. بولمىسا «ئادەمنىڭ رىسقى قالىدۇ» ، «ئادەمنىڭ رىسقى كالتا بولىدۇ» دەپ يامان ئېلىنىدۇ.

25) مېھمان، جۈملىدىن، بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆي ئىگىسىنىڭ ئالدىدا كىچىك بالا ۋە باققان مال-جاندارىنى «ئەجەپمۇ چىرايلىق ئەت ئاپتۇ» ، «ھەجەپمۇ چىرايلىق سەمىرىپتۇ» . . . دەپ تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ ماختىماسلىقى شەرت، ماختىسا «كۆز تېگىدۇ» دەپ يامان تۇرۇپ ماختىماسلىقى شەرت، ماختىسا «كۆز تېگىدۇ» دەپ يامان ئېلىنىدۇ. ئاشۇنداق ماختاش بولسا، قارشى تەرەپ ئىچىدە «ئاغزىڭغا تاش» دەپ قارغايدۇ. 

26) بىرى بىر نەرسە يەۋاتقاندا ئۇنىڭغا قاراپ مەسلەنمەسلىك لازىم، مەسلىنىپ قارىسا «ئېچى كىرىپ قالىدۇ» دەپ يامان ئېلىنىدۇ.

27) تاماق ئۈستىگە بىرى كىرىپ كەلسە، ئۇنىڭغا تاماق قويماسلىق «قىزغانچۇقلۇق» ، «ئاچۆزلۈك» دەپ يامان ئېلىنىدۇ.

28) مەيلى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-ئاغىنە بولسۇن تالادىن كىرگەندە، بولۇپمۇ سەپەر ئۈستىدىن كەلگەندە شۇ ئۆيدىكى كىچىك بالىنى ئالدىراپ قولىغا ئالماسلىقى لازىم. بالا ئالدىراپ قولغا ئېلىنسا «يول ئىسسىقى ئۆتۈپ ئۇچۇنۇپ قالىدۇ» دەپ يامان ئېلىنىدۇ.

29) يۈگۈرۈپ، ھاسىراپ-ھۆمىدەپ ئالاقىزادىلىكتە ئۆيگە كىرمەسلىك لازىم. چۈنكى ئۆي ئىگىسى بىرەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال تۇغۇلغاندىمۇ؟ دەپ غەم-غۇسىگە قالىدۇ. 

30) ئۆيدە ئەخلەت قوندۇرماسلىق لازىم، ئەخلەت قونۇپ قالسا «بەرىكەت قاچىدۇ» دەپ يامان ئېلىنىدۇ.

31) ئىشىك ئالدىغا كىر سۈيى ۋە يۇندا تۆكمەسلىك لازىم. كىر سۈيى-يۇندا تۆكسە ئادەمنى مەينەت باسىدۇ، ئادەمنى سوغۇق تەلەت قىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

32) ئوچاق بېشى، قۇدۇق بېشىغا كىر ۋە قول چايقايدىغان داس قاتارلىق نەرسىلەرنى قويۇشقا، قۇدۇققا، سۇ ئىدىشىغا، چېلەك، ساپلىق-نوگايدىن باشقا نەرسىلەرنى سېلىشقا بولمايدۇ.

34(ئىشىك ئالدىغا، جۈملىدىن ئۆيگە(كىچىك بالا، ئاغرىقلار بۇنىڭ سىرتىدا) ۋە ئۇدۇل كەلگەن يەرگە چوڭ-كىچىك تەرەت قىلسا تەبىئەتسىزلىك، ھاياسىزلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ.

35) كۈن، ئايغا قاراپ چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىش، سۇغا سىيىش، ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرۈش، ئەتىگەندە يۈز يۇيماي تۇرۇپ كۈنگە قاراش يامان ئېلىنىدۇ. «ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرسەڭ يۈزۈڭگە چۈشەر» دېگەن ماقال شۇ ئادەتتىن كېلىپ چىققان.

36) زىرائەت ۋە يۇمران ئوت-چۆپلەرنى دەسسەش، يۇلۇش بولۇپمۇ ئۈستىگە سىيىش يامان ئېلىنىدۇ. دەسسەپ يۇلۇنسا، ئۈستىگە سىيسە «يورۇقلۇقتىن مەھرۇم بولىدۇ» دەپ قارىلىدۇ.

37) تۇزغا، ئوتقا تۈكۈرۈش يامان ئېلىنىدۇ.

38) نان پارچىلىرىنى، تۇزنى دەسسەشكە، نان سالىدىغان ساندۇق ۋە تۇز خالتىسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ، بۇنداق قىلىش نان-تۇزغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ. چۈنكى نان-تۇزنى ئەجدادلار جاندەك ئۇلۇغلاپ كەلگەن. يېڭى توي قىلغان ئىككى ياشقا تۇزغا چىلانغان نان يېگۈزۈش ئادىتى، ناننى تىلغا ئېلىپ( «نان تۇرۇپتۇ» ، «نان ئېلىپ ئۇرسۇن» ، «نان دەسسەپ بېرەي» دەپ) قەسەم قىلىش ئادىتى، ۋاپاغا جاپا قىلغۇچىنى، يۇرت-جامائەتتىن يۈز ئۆرۈگەن كىشىنى «تۇزۇم ئېلىپ ئۇرسۇن» ، «تۇزكور» دەپ قارغاش ئادىتى ئەنە شۇ ئەقىدە ئاساسىدا كېلىپ چىققان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە، شۆھرەت، ھارام دۇنيا، ھوزۇر-مەئىشەت قوغلىشىپ ۋەتەنگە، خەلققە، دوست-يارەنلىرىگە خائىنلىق قىلغانلار «تۇزكور» دەپ قارغىلىدۇ. 

39) ئۆيدىن خوشلىشىپ چىققاندىن كېيىن، ئارقىسىغا يانماسلىق لازىم، ئارقىسىغا يانسا «سەپەر ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ» دەپ قارىلىدۇ.

40) سەيشەنبە، جۈمە كۈنى يولغا چىقىشقا بولمايدۇ. چۈنكى كۈنلەر ئىچىدە سەيشەنبە قۇتسىز كۈن، شۇ كۈنى «توڭگۇزمۇ مويىنى تاشلىمايدۇ» ؛ جۈمە روھىناتلارنىڭ سېغىنىشلىق كۈنى، جۈمە كۈنى ئەجدادلار روھىغا دۇئا-تەگبىر قىلماي، توپا بېشىنى يوقلىماي بولمايدۇ، دەپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ ئىككى كۈندە يولغا چىقىش «يامان بولىدۇ» ، «پېشكەللىككە ئۇچرايدۇ» دەپ قارىلىدۇ.

41) چارۋا-مالنى بولۇپمۇ قوينى ئۇرماسلىق، تەپمەسلىك لازىم. چۈنكى قوي ئامەت، بەخىتنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدۇ. ئەتىگەندە قوي ئۇچرىسا «ئامەت كېلىدۇ» دېيىش ئاشۇ ئەقىدە ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن. شۇڭا قوينى ئۇرۇش، تېپىش يامان ئېلىنىدۇ.

42) ئاياللار ئارغامچا ۋە كىر سۈيىنى ئاتلىماسلىق لازىم. ئارغامچىنى ئاتلىسا، ھەمراھى ئاسان چۈشمەيدىغان، كىر سۈيىنى ئاتلىسا، تۇغۇتتا ھال باسىدىغان بولۇپ قالىدۇ دەپ قارىلىدۇ.

43) يېڭى تۇغۇتلۇق ئۆيگە يات كىشى كىرىشكە بولمايدۇ. شۇڭا ئىشىك بېشىغا قىزىل لاتا ئېسىپ قويۇلىدۇ. ئادەتتە تۇغۇت يوقلاپ كېلىدىغانلارمۇ ئون ئىككى ئىدىردىن كېيىن يوقلايدۇ. 

44) كىشىگە قول شىلتىپ تۇرۇپ گەپ قىلىش يامان ئېلىنىدۇ. چۈنكى ئۇنداق قىلىش كىشىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق، پەس كۆرگەنلىك بولىدۇ.

45) ئوينىشىپ بولسىمۇ كىشىگە تىغ تەڭلەشكە بولمايدۇ. چۈنكى تىغ شەرتلىك، يامان بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

46) چوڭلارنىڭ، جۈملىدىن، ئۇستازلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چەكمەسلىك، ئىچىملىك ئىچمەسلىك لازىم. ئۇنداق قىلىش ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ.

47) كىشى ئوتتۇرىسىدا گەپ توشۇش تولىمۇ يامان ئېلىنىدۇ. گەپ توشۇغۇچى «سۇخەنچى» ، «تەخسىچى» . . . دەپ ئەيىبلىنىدۇ.

48) ئەتتىگەندە ۋە ياتاردا چۈش ئۆرۈشكە بولمايدۇ. بۇنداق چاغدائۆرۈلگەن چۈش ئوڭىغا تارتمايدۇ دەپ قارىلىدۇ.

49) ئەتتىگەندە يىغلاش ۋە قايغۇ، قورقۇنچ ئۇقۇمىدىكى سۆزلەرنى قىلىش يامان ئېلىنىدۇ، چۈنكى ئەتتىگەندە يىغلاش، ئۇنداق سۆزلەرنى قىلىش پېشكەللىك ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

50) پۇتنى قىبلىگە سۇنۇپ يېتىش يامان بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

51) چاچ-ساقال، بۇرۇت، تىرناقنى ۋە ئەۋرەت مويىنى، قولتۇق مويىنى زىيادە ئۆستۈرۈۋېتىش يامان بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

52) ئەر-ئايال بىللە بولغاندىن كېيىن شۇنىڭدەك بالاغەتكە يەتكەن ئوغۇل-قىزلار ۋە چوڭلار چۈشىدە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ھوزۇرلانغان بولسا غۇسلى قىلىش كېرەك. غۇسلى قىلمىسا يامان بولىدۇ. «ئادەمنى پالاكەت باسىدۇ» دەپ قارىلىدۇ. ئاياللار ھەر قېتىم ئادەت توختىمىغاندا يۇيۇنسىمۇ «پالاكەت باسىدۇ» دەپ يامان ئېلىنىدۇ. 

53) ئات-كالا، قوي، تۆگە، جەرەن-كېيىك قاتارلىق ھايۋانلار، غاز-ئۆردەك، توخۇ، كەكلىك قاتارلىق ئۇچار قاناتلاردىن باشقا چوشقا، ئېشەك-قېچىر، ئىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ھارام دەپ يېمەيدۇ، قوي-كالىلارنىڭمۇ رەسمىي بوغۇزلانغانلىرىنى يەيدۇ، قېنىنى ئىچمەيدۇ، ئۆزى ئۆلۈپ قالغاننى يېمەيدۇ.

54) ناماز ئوقۇغاندا ۋاراڭ-چۇرۇك قىلىش، ئەزان توۋلىغاندا پاراڭ سېلىش يامان بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

55) ناماز ئوقۇۋاتقاندا سەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ.

56) زاراتلىققا قالايمىقان كىرىش مەنئى قىلىنىدۇ. 

57) ناماز ئوقۇيدىغان ئۆيگە، بولۇپمۇ قىبلە تامغا ئادەم سۈرىتى ئېسىشقا بولمايدۇ.

58) ئىسلام دىنىدىن غەيرىي دىندىكىلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشى، مەسچىت ئەتراپى ۋە ئىچىدىغان سۇ بويىدا چوشقا بېقىشى يامان ئېلىنىدۇ.

59) كىشىنى تىللاش، بولۇپمۇ بىراۋنىڭ ئايالىنى ئاتاپ تىللاش بەك ئېغىر ئېلىنىدۇ.

60) كەيىپخورلۇق، قىمارۋازلىق پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ.

61) قۇدۇق، ئېرىق-ئۆستەڭ بويىغا ھاجەتخانا، قوتان سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

62) زىنا قىلىش، كىشىگە قارا ساناش، كىشى ھەققىنى يېيىش قاتارلىق ئىشلارغا پۈتۈن جەمئىيەت لەنەت-نەپرەت ياغدۇرىدۇ.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، تۇرمۇشىمىزدا يامان ئېلىنىپ كېلىۋاتقان بۇنداق قىلمىش-ئادەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەنئەنىۋى مىللىي ئەخلاق مىزانىمىز ئاساسىدا تەقىپلەنگەن، بىر قىسمى ئىسلامىيەت ئەخلاق مىزانى ئاساسىدا تەقىپلەنگەن بولسىمۇ، ئۇ قەدىمكى ئەنئەنىمىز بىلەن مۇجەسسەملىشىپ مىللىي ئەخلاق مىزانىمىزنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان. بۇ ئەدەب-قائىدىلەرنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنلا ئىجتىمائىي ئەخلاق سۈپىتىدە ئىزچىل تەرغىپ قىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى قەدىمكى يازما يادىكارلىقلىرىمىزدىنمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزدىن بولغان «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا بۇ مەسىلە شېئىر تىلى بىلەن ۋەسيەت، نەسىھەت تەرىقىسىدە ئەۋلادلارغا تەقدىم قىلىنغان: 

110 تولا كونا بىر سۆز مەسەلدە كېلۇر، 

ئاتا ئورنى، ئاتى ئوغۇلغا قالۇر.

246 كىشى ياخشى ئات بىرلە ئالقىش ئالۇر، 

يامان ئاتلىق ئولسا، قارغىش ئالۇر.

863 تېشىدەك ئىچىمۇ، ئىچىدەك تېشى، 

بۇ ياڭلىغ بولۇر چىن ۋە توغرا كىشى.

869 كىشى قىس ئەمەستۇر كىشىىك قىس ئۇل.

دۇرۇس، چىن كىشى ئۇ، تولا ماختىلۇر.

334 مەي ئىچمە، بۇزۇقلۇقتىن بولغىن يىراق،

زىنا قىلما، پاسىق دەپ ئالما ئاتاق.

1338 ھاراق مىڭ گۇناھقا پاتۇرغاي سېنى،

قاچار بەخت زىنادىن، يۈزۈڭ تۆكۈلەر.

1664 دۇرۇسلۇق، ئۇيات ھەم بۇ ياخشى قىلىق،

بىرىكسە بۇ ئۈچى بولۇر خۇشچىلىق.

2724 تەمەرگە قۇل ئېرۇر، گەر بولسىمۇ خان .

بولۇر پەس تەمەگەر كىشى ھەر قاچان.

2863 خىيانەت قەيەرگە گەر باسسا ئاياغ، 

قاچار پايدىلىق ئىش ھەممىسى يىراق.

4102 ئۇششاق سۆز قىلما سەن كىشىنى چېقىپ، 

دۇرۇس سۆزلە، تۇرماي بارىنى يېپىپ. 

4114 باداشقاننى قۇرما، يانچە ياتمىغىل،

قاقاقلاپ قاتتىق ئۈن بىلەن كۈلمىگىل.

4115 يانا تىرناق ئالما، مىنگەشتۈرمە پۇت،

قىلىپ خار، قاچۇرغاي سېنىڭدىن ئۇقۇت.

4116 سېنىڭدىن بۈيۈكلەر مەگەر قىلسا سۆز،

قۇلاق سال ئۇنىڭغا، ئۆز سۆزۈڭنى ئۈز.

4129 يېمەكنى ئال ئوڭ قول بىلەن، ئى ھېكىم، 

ئاۋۋال ئېيت بىسمىللاھىرراھمانىرېھىم.

4212 قوشۇلما پىتنىخورغا، بارما يېقىن،

ئۇنىڭكىم تىلدىن چىقار ئوت-چېقىن.

4506 ئوغۇل-قىزغا ئۆگەت بىلىم ھەم ئەدەپ، 

بېرۇر بۇ ئاڭا ئىككى دۇنيا نەپ.

4508 پەزىلەتنى قويماي ئوغۇلغا ئۆگەت،

ئاڭا مال بەرگۈسى يىغىپ پەزىلەت.

4605 پۈتۈن نەرسىنىڭ تەرتىپ-يوسۇنى بار،

يوسۇنلۇق بولسا ئەر يۈزى نۇرلىنار.

4606 يوسۇن-قائىدە ئۇقماس قىلىقسىز كىشى،

كىشىگە قوشۇلسا، تۈزەلمەس ئىشى.


مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#