مەشۇتچىلىك

مەشۇتچىلىك

مەشۇت-پىششىقلاپ تەييارلىنىدىغان نەپىس يىپەك توقۇلما ماتېرىيالى.

ئۇيغۇرلار ئۇزۇن تارىختىن بۇيان، بىر يۈز ئاتمىش خىلدىن ئارتۇق ھەرخىل كەشتە، ياستۇق قېپى، يوتقان تېشى، كۆڭلەك ياقىسى، كۆڭلەك ئېتىكى، يەڭ ئۇچى، چاچ پۆپۈكى، ئۆتۈك، چورۇق پۆپۈكى، قول ياغلىق، پايپاق گۈلى، چاي خالتىسى، تاماكا خالتىسى، يوتقان گۈلى، مېھراب ياپقۇ، ئورۇن ياپقۇ، سائەت بېغى، بۆشۈك پۆپۈكى ھەتتا ئىشتانباغ پۆپۈكىگىچە ھەمدە يۈز خىلدىن ئارتۇق دوپپا گۈللىرىگىچە مەشۇت ئىشلىتىپ كەلدى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پىلە غوزىسىمەشۇت ئىشلەش ئۇسۇلى: پىلە غوزىسىنى قۇرۇتۇپ، قازانغا غورا چۆككۈدەك سۇ قۇيۇپ قاينىتىلىدۇ. غوزا پىشقاندا، پىلىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن سوغۇق سۇ قۇيىدۇ ۋە ئوتنى توختىتىپ، قازاندىكى سۇ قول كۆيمىگۈدەك بولغاندا، پىلە غوزىسىنى چىلە-چۈپ بىلەن(پىلىنى سۈزۈدىغان ياغاچ) كۆتۈرۈپ پىلىنىڭ ئۇچىنى تاپىدۇ ۋە پىلە ئۇچىنىڭ چاققا يۆگەپ تارتىلغان يىپەكنى كاللەك قىلىدۇ. بۇ يىپەكنىڭ تارتىشى. تارتىلغان يىپەكنى چوڭ چاققا يۆگەپ كالۋا قىلىپ، ئۈچ كىلوگرام يىپەككە بىر كىلوگرام شاخار سېلىپ ئۈچ سائەت ئەتراپىدا قاينىتىلىدۇ. يىپەك قانچە ئۇزۇن قاينىتىلسا شۇنچە ئاقىرىدۇ ۋە يېشىلىدۇ. 

يىپەك شاخاردىن چىققاندىن كېيىن سۈزۈك سۇدا يۇيۇپ شاخارنى چىقىرىۋېتىپ، قوغۇن ئۇرۇقىنى سوقۇپ خالتىغا ئېلىپ يىلمان سۇغا سېلىپ يىپەكنى ئاشۇ سۇ بىلەن چايقايدۇ. شاخاردا قاينىتىلىپ ئاقارغان، تالالىرى يېشىلگەن يىپەك قوغۇن سۈيىدە چايقالغاندا تېخىمۇ ئاقىرىدۇ ۋە پارقىرايدۇ. يىپەكنى قوغۇن سۈيىدىن ئېلىپ سۈزۈك سۇدا چايقايدۇ(ئېقىنى ئاق بويىچە ئىشلىتىلىدۇ، كېرەكلىرىنى بويايدۇ) . بۇ چاغدا يىپەك رەسمىي مەشۇت بولىدۇ.

مەشۇتمەشۇتنىڭ بوياقچىلىقى ۋە تەڭشەش ئۇسۇلى: مەشۇت بوياقچىلىقىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، بوياش، تەڭشەش ئۇسۇلى ناھايىتى زىل بولىدۇ.

مەشۇت بوياقچىلىقىدا ھازىر يىگىرمە بەش خىل رەڭ تۈرى بار(ئىلگىرى قىرىقتىن ئاشاتتى) . بۇ يىگىرمە بەش خىل رەڭ تۈرىنىڭ ئاساسىي رەڭگى سەككىز خىل بولۇپ، بۇنىڭ ئالتە خىلىدىن يىگىرمە بەش خىل رەڭ تەڭشىلىدۇ.

1) گۇگۇت پوقى رەڭگە شاپتۇل چېچىكى رەڭدىن ئازراق قوشۇلسا، ئانارگۈلى، تېخىمۇ ئازراق قوشۇلسا، قىمىزرەڭ، كۆپ قوشۇلسا قاراقىزىل بولىدۇ. 

2) شاپتۇل چېچىكى رەڭنى سۇس تەڭشىسە، سۈت رەڭ، ئازراق سېرىق قوشسا، ناۋات رەڭ، چىقراق قوشسا، توق سېرىق، تېخىمۇ كۆپ قوشسا، كاۋا چېچىكى بولىدۇ.

3) گۆش رەڭگە سۆسۈن رەڭ قوشسا، چەيزە رەڭ، گۇگۇت پوقىغا سېرىق قوشسا، توق ئانار گۈلى، توق سېرىق قوشسا، نەش رەڭ بولىدۇ.

رەڭ قول كۆيمەيدىغان سۇغا سېلىنىپ تەكشى ئىلەشتۈرۈلىدۇ. مەشۇت رەڭگە سېلىنغاندا، بىر باشتىن سېلىپ رەڭنى تەكشى ئۆچۈرۈۋېلىپ سالقىن جايدا قۇرۇتىدۇ. قۇرۇغان مەشۇتنى رەڭ تۈرى بويىچە كاللەكلەپ، ئاندىن بازارغا سالىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#