ھاممام دېگەن سۆز ھازىرقى زامان تىلىدا پارلىق مۇنجا دېگەندىن ئىبارەت.ئۇيغۇر ھامماملىرى بىر كىشىلىك يۇيۇنۇش ئۆيى ۋە كۆپ كىشىلىك ھورلىنىش ئۆيىدىن ئىبارەت قۇرۇلمىغا ئىگە. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ھاممام
خەنزۇچە ئىسمى 浴池

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھاممام دېگەن سۆز ھازىرقى زامان تىلىدا پارلىق مۇنجا دېگەندىن ئىبارەت.

ئۇيغۇرلار ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن مەزگىللەردە كۆپرەك تاغلىق دالا، قارلىق ئورمانلاردا ماكانلاشقان. تاش تىزىپ ئوچاق ياساپ تاماق ئەتكەن، قازاندىن تاشقان سۇ، تاشقا چۈشۈپ ھور ھاسىل قىلغان، بۇ ئەمەلىيەتكە ئاساسەن، ئۇلار كېيىن شەھەرلىشىپ دېھقانچىلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن، ئائىلىۋى تاش ھاممام ياساپ تازىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلەتكەن. كېيىنكى سودا تەرەقىياتى نەتىجىسىدە پەيدا قىلىنغان ئاۋات كوچا بازارلاردا بىر قەدەر مۇكەممەل ھامماملارنى سېلىپ، ئۇلۇغ كارۋان يولىنىڭ قوناقلىرى، سودا كارۋانلىرى، ساياھەتچىلەرنىڭ يۇيۇنۇشىغا ئىمكان ياراتقان ۋە ھاممامدىن ئىبارەت بۇ تازىلىق مۇئەككىلىنىڭ جاھانغا تارقىلىشىغا بەلگىلىك ئاساس ياراتقان.

ئۇيغۇر ھامماملىرى بىر كىشىلىك يۇيۇنۇش ئۆيى ۋە كۆپ كىشىلىك ھورلىنىش ئۆيىدىن ئىبارەت قۇرۇلمىغا ئىگە. شۇڭا ئايرىم ئۆيدە يۇيۇنىدۇ. ئايرىم ئۆيلەر قاتار سېلىنغان بولۇپ، ھەممە ئۆينىڭ ئۈستىدىن سۇ ئىسسىتىدىغان قازانغا تۇتاشتۇرۇلغان چاقچۇق (ساپال) نور ئۆتىدۇ. ھەر بىر ئۆي ئۈستىدە نورنىڭ سۇ چۈشۈش تۆشۈكى بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر تال شۈمەك بېكىتىلگەن بولىدۇ. قازاندىن چىققان سۇ داۋاملىق نور ئىچىدە ئايلىنىپ تۇرىدۇ، قايسى ئۆي لازىم قىلماق بولسا جۈمەكنى ئوڭغا بۇرايدۇ. نوردىكى سۇ جۈمەك ئارقىلىق چۈشىدۇ. سولغا بۇرىغاندا جۈمەك ئاغزى نورغا تاقىلىپ سۇ توختايدۇ، سۇ بىلەن بەدەننى بىر قەدەر يۇيۇپ بولغانلار ئالدى-ئارقىسىنى لۆڭگە بىلەن يۆگەپ ھورلىنىش ئۆيىگە چىقىدۇ. ھورلىنىش ئۆيى چوڭ سېلىنغان بولۇپ، ئورۇندۇق ۋە كارىۋاتلار قويۇلغان بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا تاش قىزىتىش سۇپىسى بولىدۇ. سۇپىنىڭ ئاستى ئوچاق بولۇپ، قالغان ئوت تاشنى ئىسسىتىدۇ. تۈتۈنى ئوچاق ئاستىدىن چىقىپ كېتىدۇ، تاش قىزىقى ئۆينى يۇقىرى ھارارەتتە قىزىتىپ كىشىلەر بەدىنىنى تەرلىتىپ كىر يۇمشىتىدۇ. كۆپ ھاللاردا تاشقا سۇ سېپىپ نەملىك ھور پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەرلەش يۇقىرى دەرىجىگە چىقىپ كىرلەر ئۆزلۈكىدىن يۇمشايدۇ. ھورلىنىش ئۆيىدە بەش يۈز يەتمىش ئۈچ، خاتەمچىلار (بەدەننى سۈرتۈپ قويغۇچىلار) بولىدۇ. خالىغانلارنىڭ بەدەنلىرىنى سۈرتۈپ مۇلازىمەت قىلىدۇ. ھورلىنىپ بولغانلار قايتا يۇيۇنۇپ چىقىدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەر-ئايال ھامماملىرى ئايرىم تەسىس قىلىنغان. ئۇيغۇر ھامماملىرى تېز كىر چىقىرىش، بەدەن يەڭگىللىتىش، سوغۇقتىن ساقلاش، ئۇستىخان ئاغرىقلىرىغا داۋا بولۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. يەرلىك شەكىلدە ياسالغان مۇنداق ھامماملار ھازىر زامانىۋى مۇنچىلارغا ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەينى تارىخىي دەۋرلەردىكى رولىنى ئونتۇماسلىقىمىز كېرەك. 

 كېيىنكى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار بىر كىشىلىكتىن يۇيۇنۇش ئۆيى ياساپ سەرراپ دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭغا چېلەك تاپالمىغانلار كوزا، قاپاق بىلەن سۇ ئېسىپ يۇيۇنۇش ئۆيىنى بەرپا قىلغان، شۇ كۈنلەردە تۇرۇبىلاشقان سەرراپلار مۇنچا دېگەن نام بىلەن ئىشقا كىرىشتى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#