ماش-گۈرۈچ پولۇسى

ماش-گۈرۈچ پولۇسى بولسا گۈرۈچ ، ياغ، يېشىل ماش ، گۆش ، قەلەمپۇر ، سەۋزە ، كاۋاۋىچىن ، پىياز ، سۇ ، تۇز  قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىنىدىغان بۇلۇپ ،قۇۋىتى كۈچلۈك ،تەمى ئۆزگىچە .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لازىملىق ماتىرياللارگۈرۈچ ئىككى كىلوگرام، ياغ 500 گرام، يېشىل ماش 500 گرام، گۆش بىر كىلوگرام، قەلەمپۇر مۇۋاپىق، سەۋزە بىر يېرىم كىلوگرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، پىياز بىر تال، سۇ بىر يېرىم كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1. ماش قازاندا بىر قېتىم قاينىتىلىپ يۇمشىتىلغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىنىدۇ. گۈرۈچ ياخشى تازىلىنىپ، سۇ بىلەن 4-3 قېتىم يۇيۇلغاندىن كېيىن، ئىسسىق سۇغا بىر سائەت چېلىنىدۇ. گۆش 35 گرام چوڭلۇقتا، سەۋزە قوناقتەك چوڭلۇقتا، پىياز يالپاق توغرىلىدۇ. 

2. قازان قىزىپ، ياغ ياخشى داغلانغاندا گۆشنى سېلىپ قورۇپ، ئاندىن پىيازنى سېلىپ، پىياز قىزارغاندا، سەۋزىنى سېلىپ تېز ئوت بىلەن 15-10 مىنۇت قورۇپ، ئاندىن قايناق 

سۇ قۇيۇپ 20 - 15 مىنۇت قاينىتىپ، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىننى سالىمىز. سەۋزىنى ياخشى پىشۇرۇپ، ماش ياكى نوقۇتنى سېلىپ ئۈستىگە گۈرۈچ سالىمىز. گۈرۈچ ئۇزۇن چىلىنىپ يۇمشىتىلغاچقا، سۇ كۆپ كەتمەيدۇ. گۈرۈچ پىشقاندا ئاش 25-20 مىنۇت دەملىنىدۇ. ئاش دەم يېگەندىن كېيىن ئاشنى كەپكۈر بىلەن ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ، تاۋاق-لېگەنلەرگە ئۇسۇلىدۇ. داستىخانغا تۇرۇبتىن قىلىنغان سوغۇق سەي ياكى سۈزمە قېتىق قوشۇپ كەلتۈرۈلسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#