نوقۇت پولۇ

نوقۇت پولۇ
نوقۇت پولۇ پولۇنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، گۈرۈچ ، قەلەمپۇر، ياغ ، كاۋاۋىچىن ، گۆش، سۇ ، نوقۇت ، پىياز ، تۇز قاتارلىقلارنى ماتېرىيال قىلىپ  تەييارلىنىدۇ ،شەكلى كۆركەم ،تەملىك ،ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل تاماقلىرىنىڭ بىرى .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كېرەكلىك ماتېرىياللارگۈرۈچ ئىككى كىلوگرام، قەلەمپۇر مۇۋاپىق، ياغ 500 گرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، گۆش بىر كىلوگرام، سۇ بىر يېرىم كىلوگرام، نوقۇت 500 گرام، پىياز 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق. 

1. نوقۇت قازاندا بىر قېتىم قاينىتىلىپ، يۇمشىتىلغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىنىدۇ. گۈرۈچنى پاكىز تازىلاپ، تۇزلۇق سۇ بىلەن 4-3 قېتىم يۇيۇپ، سۇغا بىر سائەت چىلىنىدۇ. گۆش 35 گرام چوڭلۇقتا، سەۋزە قوناقتەك چوڭلۇقتا، پىياز يالپاقلاپ توغرىلىدۇ.

2. قازانغا ياغ قۇيۇپ، ياغ ياخشى داغلانغاندا گۆشنى سېلىپ قورۇپ، ئاندىن پىيازنى سېلىپ، پىياز سارغايغاندا توغرالغان سەۋزىنى سېلىپ، تېز ئوتتا 15-10 مىنۇت قورۇپ، خۇرۇچلار يېرىم پىشقاندا تۇز قۇيۇپ يەنە قورۇپ، قايناق سۇ قۇيۇپ 20-15 مىنۇت قاينىتىپ، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن سېلىنىدۇ. ياخشى پىشۇرۇپ يۇمشىتىلغان نوقۇتنى سېلىپ ئۈستىگە گۈرۈچنى سېلىپ، گۈرۈچ بىلەن نوقۇت ئۇزۇن چىلاپ يۇمشىتىلغاچقا، سۇ كۆپ كەتمەيدۇ. گۈرۈچ بىلەن نوقۇت پىشقاندا ئاش 25 20 مىنۇت دەملىنىدۇ. 

ئاش دەم يېگەندىن كېيىن ئاشنى ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ لېگەنلەرگە ئۇسۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. داستىخانغا تۇرۇپتىن قىلىنغان سوغۇق سەي ياكى قېتىق كەلتۈرۈلسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#