دىسكا ۋە نەيزە

دىسكا

دىسكا، نەيزە ۋە چويۇن توپ يېنىك ئاتلېتىكىدىكى «ئۈچ تۆمۈر» دەپ ئاتىلىدۇ. دىسكا بىلەن نەيزىنىڭ شەكلىدىن تارتىپ ئېتىش ئۇسۇلىغىچە چوڭ پەرقى بولسىمۇ، ئەمما ھەر ئىككىسىنى قەدىمكىلەر ياۋايى ھايۋانلارغا ۋە دۈشمەنلىرىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى دىسكا ۋە نەيزە
خەنزۇچە ئىسمى 铁饼和标枪

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دىسكادىسكا، نەيزە ۋە چويۇن توپ يېنىك ئاتلېتىكىدىكى «ئۈچ تۆمۈر» دەپ ئاتىلىدۇ. دىسكا بىلەن نەيزىنىڭ شەكلىدىن تارتىپ ئېتىش ئۇسۇلىغىچە چوڭ پەرقى بولسىمۇ، ئەمما ھەر ئىككىسىنى قەدىمكىلەر ياۋايى ھايۋانلارغا ۋە دۈشمەنلىرىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن.

دىسكىنىڭ ئەسلىسى چەلپەك تاش بولۇپ، كېيىن مىس ۋە ئاليۇمىنلاردىن ياسالغىنى بارلىققا كەلگەن. ھازىر خەلقئارادا بىرلىككە كەلگەن ئەرلەر دىسكىسى ئىككى كىلوگرام، ئاياللار دىسكىسى بىر كىلوگرام كېلىدۇ، ئېتىش ئۇسۇلىمۇ بىرنەچچە قېتىم ئىسلاھ قىلىنغان. بۇرۇنقى ئۇدۇل تۇرۇپ، يانچە تۇرۇپ ھەم قەدەم ئالماشتۇرۇپ پىرقىراپ ئېتىشلار ھازىرقى كەڭ-كۇشادە تۇرۇپ، پەس قىياپەتتە كەينى تەرەپكە كەڭ دائىرىدە پىرقىراپ ئېتىشتەك يېڭى تېخنىكىغا تەرەققىي قىلدى، نەتىجىمۇ ناھايىتى تېز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىكى ئەرلەرنىڭ دىسكا چېمپىيونىنىڭ نەتىجىسى 15.29 مېتىر بولغان بولسا، ھازىر 08.74 مېتىرغا، ئاياللارنىڭ دۇنيا رېكورتىمۇ 80.76 مېتىرغا يەتتى. ئۇلارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا سابىق دېموكراتىك گېرمانىيىلىك شورت بىلەن رىينىش ساقلاپ كەلمەكتە. 

ئېلىمىزنىڭ ئاياللار دىسكىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى شياۋ يەنلىڭ ياراتقان 68.71 مېتىر بولۇپ، دۇنيادا ئوتتۇرا-يۇقىرى سەۋىيىدە تۇرىدۇ. 

نەيزەنەيزىنىڭ ئەسلىي تىپى بامبۇكتىن ياسالغان ئۇزۇن سانجىغۇچ بولۇپ، تاش پارچىسى ئۇچلىنىپ، بامبۇك ياكى ياغاچ خادىنىڭ ئۇچىغا بېكىتىلىپ نەيزە ئۇچى قىلىنغان، كېيىن يەنە مېتال ئۇچقا تەرەققىي قىلغان. نەيزىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولسىمۇ، ئەمما ئالدىنقى ئۈچ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا بۇ تۈر بولمىغان. 1906-يىلىغا كەلگەندىلا ئەرلەر نەيزىسى، 1932-يىلى ئاياللار نەيزىسى ئولىمپىك تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. ھازىر ئەرلەر نەيزىسىنىڭ دۇنيا رېكورتى 54.95 مېتىر بولۇپ، چېخ ماھىرى زېرېزينى 1993-يىلى ياراتقان، ئاياللار نەيزىسىنىڭ دۇنيا رېكورتى 80 مېتىر بولۇپ، سابىق دېموكراتىك گېرمانىيە ماھىرى فورىك 1988-يىل 9-ئايدا ياراتقان. ئېلىمىزنىڭ رېكورتى ئەرلەرنىڭ 76.82 مېتىر، ئاياللارنىڭ  42.70 مېتىر. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#