ئارىش
مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلى مەمۇرىي رايونىنىڭ مەركىزى، سىناي يېرىم ئارىلىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، مۇھىم ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزىي. شەھەر ئاھالىسى 35 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئارىش سىناي يېرىم ئارىلىنىڭ يەر ئوتتۇرا دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان ئەڭ قەدىمىي شەھىرى. 

نامى ئارىش
دۆلىتى مىسىر
نوپۇسى 35 مىڭ
خەنزۇچە نامى
  1. 阿里什
تەۋە رايون سىناي يېرىم ئارىلى
مەمۇرىي رايون تۈرى شەھەر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئارىشمىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلى مەمۇرىي رايونىنىڭ مەركىزى، سىناي يېرىم ئارىلىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، مۇھىم ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزىي. شەھەر ئاھالىسى 35 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئارىش سىناي يېرىم ئارىلىنىڭ يەر ئوتتۇرا دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان ئەڭ قەدىمىي شەھىرى.

ئارىش بۇ شەھەرنىڭ ئاساسى مىلادىدىن بۇرۇنقى 1000-يىلدىن تارتىپ سېلىنغان بولۇپ، تارىختا مۇھىم ھەربىي ئورۇن بولغان. مىسىرنىڭ باشقا رايونلىرىغا ئوخشاشلا ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق تاجاۋۇزچىلارنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىغا ئۇچرىغان. 1967-يىلىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، كېيىن مىسىر خەلقىنىڭ قاتتىق قارشىلىقى ئارقىسىدا ئىسرائىلىيە بۇ شەھەردىن چېكىنىپ چىققان. 1967-يىلى 6-ئايدا ئىسرائىلىيە 3-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا قايتا ئىگىلەپ ئالغان. 1973-يىلى 10-ئايدا مىسىر خەلقى ئىسرائىلىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ، سىناي يېرىم ئارىلىنىڭ بىر قىسمىنى ئىگىلىدى. ئارىش مىسىر بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا 1974-، 1975-يىللاردا بولغان ئىككى قېتىملىق كېلىشىمىگە ئاساسەن مىسىر ھۆكۈمىتىگە تەدرىجىي قايتۇرۇپ بېرىلدى. شۇنىڭدىن تارتىپ مىسىر ھۆكۈمىتى ئارىش شەھىرىنى قايتا قۇرۇشقا باشلىدى. پىلان بويىچە بۇ جايدا نۇرغۇن سانائەت ئورۇنلىرى، ئاھالە تۇرار جايلىرى ۋە باشقا جامائەت ئورۇنلىرى قۇرۇلدى. شەھەرنىڭ ھەممە جايلىرى ئېلېكترلەشتۈرۈلدى. شەھەرنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك، بېلىقچىلىق ئىشلەپچقىرىشىدىمۇ يېڭى يۈكسىلىشلەر بارلىققا كەلدى. بۈگۈنكى ئارىش سىناينىڭ يېڭى سانائەت، مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلاندى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#