ئۇفا شەھىرى

ئۇفا  سوۋېت ئىتتىپاقى رۇس فېدېراتسىيىسىگە قاراشلىق باشقىر ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى، شۇنداقلا سوېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ئايرىش سانائەت مەركىزى.

نامى ئۇفا
مەمۇرىي رايون شەكلى باشقىرت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىم
خەنزۇچە نامى 乌法
تەۋە رايون ئورال رايونى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇفا شەھىرىسوۋېت ئىتتىپاقى رۇس فېدېراتسىيىسىگە قاراشلىق باشقىر ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى، شۇنداقلا سوېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ئايرىش سانائەت مەركىزى. بۇ شەھەرنىڭ نېفىت ئايرىش سانائىتى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ شەھەر ئۇرال تاغلىرىنىڭ غەربىگە، بېلايا، ئۇفا، دېمادىن ئىبارەت ئۈچ دەريانىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان. ئاھالىسى بىر مىليون 64 مىڭدىن ئاشىدۇ(1985) . ئۇفا شەھەر رايونىدىن ئىككىنچى باكۇ ھەم تيۇمېن نېفىتلىكلىرىدىن بىرقانچە تارماق نېفىت ھەم تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرى بېسىپ ئۆتىدۇ، شەھەرنىڭ سۇ، قۇرۇقلۇق قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. ئۇفا شەھىرىدىن يولغا چىققان پاراخوتلار دەريان ىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا قاراپ يۈرسە كۇيبىشېۋ ھەم موسكۋا شەھەرلىرىگە بارالايدۇ. ئۇفا 1574-يىلى كىچىك بىر بېكەت ئىدى، ئۇرال-ۋولگا رايونىدىكى نېفىتنىڭ ئېلىنىشىغا ئەگىشىپ شەھەرنىڭ دائىرىسى تېز كېڭىيىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ مۇھىم نېفىت سانائەت شەھىرىگە ئايلاندى. بۇ جايدا نېفىت ئايرىش سانائىتىدىن باشقا يەنە ماشىنىسازلىق، نېفىت خىمىيە قاتارلىق ئېغىر سانائەتلەرمۇ تەرەققىي قىلغان. شەھەردە سوۋېت پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشقىر ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى شۆبىسى، نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#