باكۇ

 ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ، سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، كاۋكاز رايونىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، كاسپى دېڭىزىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئەڭ چوڭ پورت،ئەينى يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ دەسلەپ تەرەققىي قىلغان مۇھىم نېفىت سانائەت مەركىزى.

نامى باكۇ
دۆلىتى ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى
چەتئەلچە نامى Baku
خەنزۇچە نامى 巴库
مەمۇرىي رايون تۈرى پايتەخت

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

باكۇ ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، كاۋكاز رايونىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، كاسپى دېڭىزىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئەڭ چوڭ پورت، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ دەسلەپ تەرەققىي قىلغان مۇھىم نېفىت سانائەت مەركىزى. باكۇ شەھىرى ئاپىشىرون يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. ئاھالىسى بىر مىليون 396 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985) ، چوڭ باكۇ شەھىرىنىڭ مەيدانى 2200 كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، ئەتراپىدىكى 50 كە يېقىن شەھەر—جىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئومۇمىي ئاھالىسى 2 مىليون 797 مىڭ (1985) ، باكۇ 19-ئەسىردە شۇ جايدىكى نېفىتنىڭ ئېلىنىشى ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان زامانىۋى نېفىت سانائەت شەھىرى.

باكۇ  ئۇنىڭ سانائىتى نېفىت ئېلىش ۋە نېفىت ئېلىش ئۈسكۈنلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ، بۇلاردىن باشقا ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، خىمىيە سانائىتى، ماشىنىسازلىق سانائىتى، يېمەك-ئىچمەك سانائىتى قاتارلىق سانائەتلىرىمۇ بار. شەھەردە يەنە نۇرغۇنلىغان ئالىي مەكتەپلەر، ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئاتاقلىق تارىخىي ئورۇنلار بار. باكۇنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. ئۇ كاۋكاز تۆمۈر يولىنىڭ مۇھىم باش بېكىتى، شەھەردىن ئەتراپقا قاراپ سوزۇلىدىغان نۇرغۇن تۆمۈريول، تاشيول لىنىيىلىرى بار. باكۇدىن دېڭىز ئارقىلىق ئاستراخان، گوريېف، ماخاچكارا شەھەرلىرى بىلەن ئىراننىڭ شىمالىدىكى پەھلىۋى قاتارلىق پورتلارغا بارغىلى بولىدۇ. شەھەردە يەر ئاستى تۆمۈريوللىرى بار. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#