براسوۋ شەھىرى

براسوۋ  رۇمىنىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، جەنۇبىي كاراپات تاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان شەھەر. بۇ شەھەر 1950-يىلىدىن 1960-يىلىغىچە ستالىن شەھىرى دەپ ئاتالغان. 

نامى براسوۋ
چەتئەلچە نامى Brasov
خەنزۇچە نامى 布拉索夫

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

براسوۋ شەھىرىرۇمىنىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، جەنۇبىي كاراپات تاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان شەھەر. بۇ شەھەر 1950-يىلىدىن 1960-يىلىغىچە ستالىن شەھىرى دەپ ئاتالغان. ئاھالىسى 600 مىڭدىن ئاشىدۇ(1982) . براسوۋ 800 يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەر. ئۇنىڭ ئاساسى 13-ئەسىردە سېلىنغان، 14-، 15-ئەسىرلەردە قول سانائەت ۋە سودا ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان بىر شەھەرگە ئايلانغان، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇھىم ئېغىر سانائەي ئورۇنلىرى قۇرۇلۇشقا باشلىغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بۇ جايدا ئايروپىلان ياساش، ئايروپىلان ماتورى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق سانائەتلىرى قۇرۇلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا بۇ خىل سانائەت ئورۇنلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان. رۇمىنىيە ئازد بولغاندىن كېيىن قايتا قۇرۇپ چىققان. ھازىر ئۇ رۇمىنىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ سانائەت شەھىرى. مۇھىم ماشىنىسازلىق سانائەت مەركىزى. بۇ شەھەر تراكتور، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش بىلەن رۇمىنىيىدە ئالاھىدە مۇھىم ئروۇن تۇتىدۇ. بۇ جايدىكى تراكتور زاۋۇتلىرى 35 ئات كۈچىگە ئىگە چوڭ تىپتىكى تراكتورلار بىلەن 320 ۋە 360 ئات كۈچىگە ئىگە غايەت چوڭ تىپتىكى تراكتورلارنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ. براسوۋ شەھىرىدە ماشىنىسازلىق سانائىتىدىن باشقا يەنە خىمىيە، توقۇمىچىلىق، قۇرۇلۇش—بىناكارلىق، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. براسوۋ شەھىرىنىڭ ھاۋاسى سالقىن، مەنزىرىسى گۈزەل بولغانلىقتىن ساياھەت ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#