بېنگازى

بېنگازى

بېنگازى لىۋىيىنىڭ يەر ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان ئىككىنچى چوڭ شەھىرى. مۇھىم پورتى. 

نامى بېنگازى
دۆلىتى لىۋىيىە
كىلىماتى ئىسسىق بەلباغ قۇملۇق كىلىماتى
باشقا نامى 比林奇
خەنزۇچە نامى 班加西
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
چەتئەلچە نامى Benghazi

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بېنگازىلىۋىيىنىڭ يەر ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان ئىككىنچى چوڭ شەھىرى. مۇھىم پورتى. شەھەر ئاھالىسى 279 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ شەھەر مىلادىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردە قۇرۇلغان بولۇپ، ئافرىقىنىڭ ئىچىكى قىسمىغا بارىدىغان مۇھىم سودا رايونىدىكى پونكىت بولغان. لىۋىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي ھەم قاتناش مەركىزىگە ئايلانغان. بېنگازى شەھىرى يېڭىشەھەر، كونىشەھەر دەپ ئىككى قىسمغا، ئىچكى پورت، سىرتقى پورت دەپ ئىككى پورتقا بۆلۈنىدۇ. بېنگازى لىۋىيىنىڭ مۇھىم سانائەت شەھىرى، بۇ جايدا توقۇمىچىلىق، ېلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، سېمونت، پولات-تۆمۈر، خىمىيە، تاماكا قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى، لىۋىيە بويىچە ئاتاقلىق گىلەمچىلىك كارخانىلىرى بار. لىۋىيىنىڭ شىمالىدا يەر ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ غەربتىن شەرققە سوزۇلغان مۇھىم تاشيول بېنگازى شەھىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ جايدا يەنە بېنگازى شەھىرىدىن باشلىنىپ غەربىي جەنۇبتىكى سولوك شەھىرىگە بارىدىغان، شەرقىي شىمالغا قاراپ مارجان شەھەرلىرىگە بارىدىغان ئىككى تارماق تۆمۈريول بار. ئۇنىڭدىن سىرت خەلقئارا ئايرودرومى، قىشلىق دەم ئېلىش، ساياھەت ئورۇنلىرى بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#