تورىن  ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى پو دەرياسىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان شەھەر. ئۇ پېمونت رايونىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى پو دەرياسىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان شەھەر. ئۇ پېمونت رايونىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. شەھەر جايلاشقان ئورۇننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 243 مېتر كېلىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 200 مىڭدىن ئاشىدۇ. تورىن شەھىرى 1720-يىلى ساردىن پادىشاھلىقىنىڭ مەركىزى بولغان. 1861-يىلىدىن 1865-يىلىغىچە ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولغان. ھازىر ئۇ ئىتالىيە بويىچە ئەڭ زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، سودا-سانائەت جەھەتتە مىلان شەھىرىدىن قالسا دۆلەت بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 

ئۇنىڭ سودا-سانائىتى بەك تەرەققىي قىلغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئاپتوموبىل سانائىتى ئىتالىيە بويىچىلا ئەمەس، ياۋروپا بويىچىمۇ ناھايىتى ئاتاقلىق. ئۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلىغان ئاپتوموبىل پۈتۈن ئىتالىيە بويىچە ئىشلەپچقىرىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ %90 تىنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا ئۇ ئىتالىيىنىڭ ئاپتوموبىل پايتەختى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلغان «فىيات» ماركىلىق ئاپتوموبىل دۇنيا بويىچە داڭلىق بولغانلىقتىن «فىيات ماركىلىق ئاپتوموبىل شەھىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

 تورىن شەھىرىدە ئاپتوموبىل سانائىتىدىن باشقا يەنە ئايروپىلان، تراكتور، پولات-تۆمۈر، ستانوك، توقۇمىچىلىق، خىمىيە، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، نەشرىياتچىلىق قاتارلىق سانائەتلەرمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. تورىن ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ جايدىن مىلان، گېنويا، رىم شەھەرلىرىگە بارىدىغان تۆمۈريول، تاشيوللار بار. ئىتالىيە بىلەن فرانسىيە چېگرىسىدىكى چوڭ مۇقەددەس بىرناند تۆمۈريول تونېلى بۇ شەھەردىكى يوللار بىلەن تۇتىشىدۇ. تورىندا قەدىمىي بارك شەكلىدىكى چېركاۋلار، قەدىمىي ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇشلار، 1404-يىلى قۇرۇلغان داشۆ ھەم شۆيۈەنلەر بار. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#