توكبلاۋ تاقىم ئاراللىرى

توكبلاۋ تاقىم ئاراللىرى

تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىدىكى تاقىم ئاراللار بولۇپ، جەنۇبىي كەڭلىك °8 -°10، غەربىي ئۇزۇنلۇق °171-°173 ئارىلىقىغا جايلاشقان.

نامى توكبلاۋ تاقىم ئاراللىرى
دۆلىتى يېڭى زېلاندىيە
چەتئەلچە نامى Tokelau Islands
قىتئە تەۋەلىكى ئوكيانىيە قىتئەسى
خەنزۇچە نامى 托克劳群岛
نوپۇسى 1,466 ( 2006-يىلى )
قوللىنىدىغان تىلى ساموئا تىلى بىلەن ئىنگلىز تىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

توكبلاۋ تاقىم ئاراللىرىتىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىدىكى تاقىم ئاراللار بولۇپ، جەنۇبىي كەڭلىك °8 -°10، غەربىي ئۇزۇنلۇق °171-°173 ئارىلىقىغا جايلاشقان. بۇ ئاراللار ئاتافو، نۇكۇنونۇ، فاكاۋفو قاتارلىق ئۈچۈ مارجان ئاراللىرىدىن تۈزۈلگەن. قۇرۇقلۇق مەيدانى 10 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 10 يىلدىن بۇيان يېڭى زېلاندىيىگە كۆپلەپ كۆچتى، 1980-يىللىق مەلۇمات بويىچە بۇ جايدىكى ئاھالە 1600 دىن ئوشۇق بولۇپ، پولىنېزىيىلىكلەر كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدۇ. ئاز ساندا ياۋروپالىقلارمۇ بار. ئاھالىسى ساموئا تىلى بىلەن ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ.

توكبلاۋ تاقىم ئاراللىرى بۇ ئاراللار 1877-يىلىدىن باشلاپ ئەنگلىيىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەن، 1916-يىلى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، 1926-يىلىدىن 1948-يىلغىچە غەربىي ساموئاغا تەۋە بولغان، 1949-يىلى يېڭى زېلاندىيىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەن، 1965-يىلى 8-ئايدا ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. مەركىزى فاكاۋفو شەھىرى بولۇپ، فاكاۋفو ئارىلىغا جايلاشقان. بۇ جايدا پالما، كاكائو، بانان قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. دېڭىزلىرىدىن بېلىق تۇتۇلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#