تانگانىكا كۆلى

تانگانىكا كۆلى

تانگانىكا كۆلى  ئافرىقىدىكى تاتلىق سۇلۇق چوڭ كۆل، زايىر، تانزانىيە، بۇرۇندى، زامبىيىلەرنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى تانگانىكا كۆلى
چەتئەلچە نامى Lake Tanganyika
خەنزۇچە نامى 坦噶尼喀湖
جۇغراپىيەلىك ئورنى ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تانگانىكا كۆلىئافرىقىدىكى تاتلىق سۇلۇق چوڭ كۆل، زايىر، تانزانىيە، بۇرۇندى، زامبىيىلەرنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان. يەر قاتلاملىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ چۆكۈشىدىن شەكىللەنگەن. بۇ كۆل دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 773 مېتر، شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇنلۇقى 720 كىلومېتر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 48-70 كىلومېتر كېلىدۇ. ئەڭ چوڭقۇر جايى 1435 مېتر بولۇپ، چوڭقۇرلۇقى جەھەتتە بايقال كۆلىدىن قالسا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. مەيدانى 32 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېترغا يېتىدۇ. كۆل ئەتراپىنى ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. كۆلگەم مالاگاراسى دەرياسى، روزيىزې دەرياسى ۋە باشقا ئۇششاق ئېقىنلار قۇيۇلىدۇ. كۆل سۈيى غەربكە قاراپ ئېقىپ كونگو(زايىر) دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. كۆلدە بېلىق، تىمساھ، بېگېموت ۋە ئۇچار قاناتلار ناھايىتى كۆپ.

سۇ قاتنىشى كۆلدە سۇ قاتناش ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. بۇرۇندىنىڭ كۆپ قىسىم ماللىرى بىلەن زايىرنىڭ بىر قىسىم سىرتقا چىقىرىلىدىغان ماللىرى كۆلنى بېسىپ ئۆتۈپ، تانزانىيە تۆمۈريولى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىدۇ. كۆل بويىدىكى بۇرۇندى، زايىر، تانزانىيە، زامبىيە دۆلەتلىرىنىڭ ئالماشتۇرىدىغان ماللىرىمۇ كۆل بويىدىكى كالېمبا، كىگوما(تانزانىيە) ، بۇجۇم بۇرا(بۇرۇندى) قاتارلىق پورتلار ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/9408.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#