تۇلا شەھىرى

تۇلا شەھىرى

تۇلا شەھىرى  سوۋېت ئىتتىپاقى رۇس فېدېراتسىيىسىدىكى شەھەر، تۇلا ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. 

نامى تۇلا شەھىرى
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
خەنزۇچە نامى 图拉城

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇلا شەھىرىسوۋېت ئىتتىپاقى رۇس فېدېراتسىيىسىدىكى شەھەر، تۇلا ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر كاما دەرياسىنىڭ تارمىقى ئوپا دەرياسى بويىغا جايلاشقان. شىمالدىكى موسكۋا بىلەن بولغان ئارىلىقى 180 كىلومېتر كېلىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 532 مىڭدىن ئاشىدۇ(1985) . تۇل شەھىرىنىڭ ئاساسى 12-ئەسىردىن باشلاپ بىنا قىلىنىشقا باشلانغان. 17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ چويۇن ئېرىتىش سانائەت مەركىزى بولغان. ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزى ياۋروپا قىسمىدىكى مۇھىم پولات-تۆمۈر سانائەت مەركىزى. بۇ شەھەرنىڭ پولات سانائىتى تورسكى تۆمۈر كېنىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ تېز تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. ھازىر بۇ شەھەردىكى پولات-تۆمۈر سانائەت ئورۇنلىرى يىلىغا 3 مىليون توننىغا يېقىن پولات ئىشلەپچىقىرالايدۇ. پولات سانائىتىدىن باشقا ماشىنىسازلىق، كۆمۈر قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى، كان-مېتاللۇرگىيە شۆيۈەنى، 16-، 18-ئەسىرلەردە سېلىنغان تارىخىي ئورۇنلار شۇنداقلا مەشھۇر يازغۇچى ل. تولسىتويىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئولتۇرغان خاتىرە سارىيى قاتارلىق ئورۇنلار بار. شەھەرنىڭ نامى ئۇپا دەرياسىنىڭ كىچىك تارمىقى تۇلتىسا دەرياسى نامىغا بېرىلگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى بۇ كىچىك دەريا سۈيى زىچ ئورمانلىق رايونلارغا ئېقىپ كىرىپ ئوت-چۆپلۈك ئورمانلىقلار ئىچىدە يوقىلىپ كېتىدۇ. ئاخىرى ئۇپا دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#