تۇلون

تۇلون  فرانسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ۋە يەر ئوتتۇرا دېڭىز ياقىسىدىكى مۇھىم پورت شەھىرى، فرانسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي پورتى.

نامى تۇلون
دۆلىتى فىرانسىيە
خەنزۇچە نامى 土伦
چەتئەلچە نامى Toulon

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇلونفرانسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ۋە يەر ئوتتۇرا دېڭىز ياقىسىدىكى مۇھىم پورت شەھىرى، فرانسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي پورتى. بۇ شەھەر يەر ئوتتۇرا دېڭىزىغا سوزۇلۇپ چىققان يېرىم ئارال ئارقىلىق قورشىلىپ تۇرىدىغان تۇلون قولتۇقى بويىغا جايلاشقان، ئاھالىسى 182 مىڭدىن ئاشىدۇ. تۇلون شەھىرىنڭ شەرقىي شىمالىدا زاپىسى مول بولغان ئاليۇمىن توپىسى كېنى جايلاشقانلىقتىن، ئاليۇمىن سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا پايدىلىق شارائىتلار بىلەن تەمىنلىدى. شۇڭا بۇ جاينىڭ ئاليۇمىن سانائىتى، كېمىسازلىق سانائىتى، ماشىنىسازلىق سانائىتى، ھەربىي سانائىتى تەرەققىي قىلغان. تۇلون پورتىنىڭ يېنىدا يەنە مېھمان توشۇش پورتى بار. بۇ جايدىن ھەر يىلى فرانسىيە ھەم چەت ئەللەردىن كەلگەن مېھمانلار پاراخوتقا ئولتۇرۇپ ئوتتۇرا دېڭىز ئىچىگە جايلاشقان كورسىكا، ساردىنىيە ئاراللىرىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ قايتىدۇ. تۇلون شەھىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ كېيىن قايتا قۇرۇلغان. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#