جورجتون

جورجتون

جورجتون  جەنۇبىي ئامېرىكىىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان گۋىئانا ھەمكارلىق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى.

نامى جورجتون
دۆلىتى گۋىئانا ھەمكارلىق جۇمھۇرىيىتى
تەۋە رايون گۋىئانا ھەمكارلىق جۇمھۇرىيىتى
خەنزۇچە نامى 乔治敦
مەمۇرىي رايون شەكلى پايتەخت
چەتئەلچە نامى Georgetown

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جورجتونجەنۇبىي ئامېرىكىىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان گۋىئانا ھەمكارلىق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. بۇ شەھەر ئاتلانتىك ئوكيان ياقىسىدىكى دېمېرارا دەرياسىنىڭ ئوڭ ياقىسىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 200 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982) . بۇ شەھەر 1630-يىلى قۇرۇلغان، 1784-يىلدىن 1812-يىلغىچە گوللاندىيىلىكلەر ئىگىلىگەن، شەھەر نامىنى جورجتون دەپ قويغان. 

جورجتونجورجتون گۋېىئانىڭ مۇھىم سودا، سانائەت شەھىرى، بۇ جايدا شېكەر زاۋۇتى، ھاراق زاۋۇتى، كىيىم-كېچەك، ئۆي جاھازلىرىنى ياساش زاۋۇتى، قۇرۇلۇش-بىناكارلىق، ماشىنىسازلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. پۈتۈن دۆلەت بويىچە ئېكسپورت، ئىمپورت قىلىنغان ماللارنىڭ كۆپ قىسمى جورجتون پورتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. شەھەرنىڭ قاتناش ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان، تۆمۈريول، تاشيول ئارقىلىق دېڭىز قىرغاق شەھەرلىرى، ئىچكى قىسمىدىكى ئورۇنلار بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. شەھەردە مۇزېيخانا، ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى، گۋىئانا داشۆسى قاتارلىق مەشھۇر ئورۇنلار بار. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#