خوتەن ۋىلايىتى

خوتەن ۋىلايىتى

خوتەن ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ۋىلايەت دەرىجىلىك مەمۇرى رايۇنى. نوپۇسى2 مىليۇن 121مىڭ (2012-يىلى). ئۇيغۇرلار توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان رايۇن. شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، قەشقەر، بايىنغۇلىن، ئاقسۇ، شەرىقتىن شىزاڭ، جەنۇپتىن كەشمىر بىلەن چىگرالىنىدۇ. قاشتىشى، ياڭاق، ئەتلەس، گىلەم قاتارلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى بار.

2مىليۇن121مىڭ(2012-يىلى)

2مىليۇن121مىڭ(2012-يىلى)

2مىليۇن121مىڭ(2012-يىلى)

2مىليۇن121مىڭ(2012-يىلى)

ئۇيغۇرچە نامى خوتەن ۋىلايىتى
چەتئەلچە نامى Hotan Prefecture
مەمۇرىي رايون تۈرى ۋىلايەت
جۇغراپىيەلىك ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسىمى
نوپۇسى 2مىليۇن 121 مىڭ (2012-يىلى)
خەنزۇچە نامى 和田地区
باشقا نامى ئۇدۇن، قاشتېشى ماكانى
تەۋە رايون جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە
يەر كۆلىمى 248945.29 كۇۋادىرات كىلومىتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خوتەنخوتەن ۋىلايىتى شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ،جەنۇبتا قارا قۇرۇم تېغى ئارقىلىق شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالدا تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ ئىچكىرسىگە كىرىشىپ كىتىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرىقتە بايۇنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چەچەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربى-جەنۇبتا قاراقۇرۇم تېغىدىن ھالقىپ،ھىندىستان،پاكىستان ئەمەلىي تىزگىنلەيدىغان   كەشمىر رايۇنى بىلەن تۇتاش بولۇپ،چىگرا لىنىيە ئۇزۇنلىقى 210كىلومېتىر،ئۇمۇمى كۆلۈمى 247 مىڭ 800 كىۋادىرات كىلومېتىر،بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق ٪33.3 نى، قۇم-جەزىرلەر ٪63 نى، بوستانلىق كۆلۈمى ئارانلا ٪3.7 نى ئىگىلەيدۇ ،قۇملۇق ۋە جەزىرلەر خوتەن ۋىلايىتىنى چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشىمايدىغان 300 پارچىدىن ئارتۇق بۆلەككە بۆلىۋەتكەن بولۇپ،خوتەن شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھرى بىلەن بولغان ئارلىقى 1513 كىلومېتىر. 

ۋىلايەت چىگرىسى ئىچىدە ئىككى قۇملۇق تاشيۇلى بولۇپ،ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالار ۋە كورلا شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يەر شەكلى يەلپۈگۈچسىمان بولۇپ، شەرقتىن غەربگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 670 كىلومىتېر، جەنۇپتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن 600 كىلومىتېر كىلىدۇ.

 خوتەننىڭ كىلىماتى قۇرغاق قۇملۇق ھاۋا كىلىماتى بولۇپ،يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل يېغىن مىقدارى پەقەت 35 مىللىمېتىر،يىللىق ئوتتۇرچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2480 مىللىمىتېىر. تۆت پەسىلدە قۇم-بۇران كۆپ بولۇپ، ھەر يىللىق چاڭ-تۇزانلىق ھاۋا رايى 220 كۈندىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قۇيۇق چاڭ-تۇزان( قۇم-بۇران)لىق ھاۋارايى 60 كۈن ئەتراپىدا. بىر ئايدا ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەر كىۋادىرات كىلومېتىرغا 117.6 توننا چاڭ-تۇزان ياغىدۇ.

خوتەن ۋىلايىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇن بولۇپ، ۋىلايەت بۇيىچە 7ناھىيە، بىر شەھەر،91يېزا-بازار،4كۇچا ئىش بىجىرىش باشقارمىسى، 1387 مەمۇري كەنت بار 69 مەھەللە بار.

تەۋەلىكىدە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۆەنىنىڭ يېزا ئىگىلىك 14-دېۋىزىيسى جايلاشقان،ئۇمۇمى نۇپۇسى 2 مىليون 75 مىڭ 800، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ٪96.41 نى، خەنزۇلار ٪3.38 نى، باشقا مىللەتلەر ٪0.21 نى ئىگىلەيدۇ، ئۇيغۇر، خەنزۇ،خۇيزۇ، تاجىك، قىرغىز قاتارلىق 22 مىللەتتىن تەشكىل تاپقان. بىڭتۈەن يېزا ئىگىلىك 14-دېۋىزىيسى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مۇھىم تەركىۋىي قىسمى بولۇپ، تەۋەلىكىدە 4 تۈەن مەيدان بار. ئومۇمى نوپۇسى 36مىڭ 700.[1]

بىرىنچى

كۈن نۇرى ئىسسىقلىق بايلىقى مول. يىللىق كۈن نۇرىنىڭ يۇرۇتۇش ۋاقتى 2470 سائەتتىن 3000 سائەتكىچە بولۇپ،10سىلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى يىغىندى تېمپېراتۇرىسى  4200 سىلىتسىيە گرادۇس، ھازىرقى تېرىلغۇ يېرى 2 مىليون 540 مىڭ مو  بولۇپ، كىشى بىشىغا 1.3 مودىن تېرىلغۇ  يەر توغرا  كىلىدۇ.

ئىككىنچى

يورۇڭقاش دەرياسىيەر ئاستى سۇ بايلىقى مول،يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئۇنۋىرسال ئوتتۇررىچە تولۇقلىنىش مىقدارى 3 مىليارد 238 مىليون كۇپ مېتىر بولۇپ، بۇنىڭدىن پايدىلانغىلى بولىدىغان مىقدارى 2 مىليارد 141 مىليون كۇپ مېتىر، ۋىلايەت تەۋەلىكىدە چوڭ-كىچىك دەريا ئېقىندىن 36 سى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قاراقاش دەرياسى ۋە يۈرۈڭقاش دەرياسى ئەڭ چوڭ ئىككى دەريا ھېساپلىنىدۇ.

بۇلارنىڭ يىللىق ئېقىن مىقدارى 7مىليارت 300 مىليۇن كۇپ مېتىردىن ئارتۇق، بىراق دەريانىڭ پەسىللەرنى ئايرىش پەرقى ئىنتايىن زور بولۇپ، يازدا زور كەلكۈن كىلىدۇ. كۈز ۋە قىشتا ئېغىر قۇرغاقچىلىق بولىدۇ. ئەتىيازاد سۇ ئىنتايىن قىس بولىدۇ .تۆتىنچى، بەشىنچى ئايلاردىكى سۇ مىقدارى پۈتۈن يىللىق سۇ كىلىش مىقدارىنىڭ %7 نى ئىگەللەيدۇ.

ئۈچىنچى

قېزىلما بايلىقلار مول، خوتەن ۋىلايىتىدە مول ئېنىرگىيە ۋە قېزىلما بايلىقلار ساقلانغان، بۇلارنىڭ تۈرى كۆپ، زاپىسى مول بولۇپ، ئېچىشتا زور يۇشۇرۇن كۈچكە ئىگە. نۆۋەتتە 61 خىل قېزىلما بايلىق بايقالغان بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدا بايقالغان قېزىلما بايلىق تۈرىنىڭ %42.2 نى ئىگىلەيدۇ.

زاپىسى تەكشۈرۈپ ئىنىقلانغىنى 21 خىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تەبىئىي گاز بىر قەدەر زور زاپاس مىقدارغا ئىگە. نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش جەھەتتە 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى جۇڭگو نېفىتى تەبىئىي گاز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى گۇما ناھىيسى تەۋەسىدىكى كېدۇڭ 1-نۇمۇرلۇق قۇدۇقتا سىناق قىلغاندا يۇقىرى ھوسۇللۇق سانائەت ماي گازىغا ئېرىشتى. بۇنىڭ كۈندىلىك نېفىت مەھسۇلاتى تەخمىنەن 60 توننا، تەبىئىي گاز 100 مىڭ كۇپ مىتېر بولۇپ، ئېچىشتا يۇشۇرۇن كۈچى بىر قەدەر زور بولغىنى كۆمۈر، ئالماس، قاشتېشى، مىس، تۈمۈر ۋە تۈرلۈك رەڭلىك مىتاللار.

تۆتىنچى 

خوتەنساياھەت بايلىقى مول ۋە رەڭدار، خوتەن قەدىمدە ئۇدۇن دەپ ئاتالغان بولۇپ، يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم تۈگۈن ئىدى. 

شۇنداقلا ئۇ «يىپەك يولى»دىكى مۇھىم سودا شەھىرى بولغاچقا، قەدىمقى جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ قۇرۇقلۇق يولىدىكى ئۆتەڭ ئىدى. خوتەن مول ساياھەت بايلىقى ۋە نەچچە مىڭ يىللىق قەدىمى مەدەنىيەتكە ئىگە. 

نۇرغۇنلىغان ئىنسانلار مەدەنىيتىگە ئالاقىدار پائالىيەتلەر، قەدىمى مەنزىرىلەر ۋە بۇددا دىنى مەدەنىيتى خارابىلىرى ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. خوتەن تەۋەلىكىدە قەدىمى مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى نىيە ناھىيەسىدىكى نىيە خارابىسى، يەنى غەربى رايۇندىكى 36 دۆلەتنىڭ بىرى بولغان نىران خارابىلىقىدۇر.

خوتەننىڭ تەبىئى مەنزىرىسى، قۇملۇق ۋە مۇزلۇقلىرى ئۆزگىچىلىككە ئىگە.مىللى پۇرىقى قويۇق، ساياھەتنى ئېچىشتىكى يۇشۇرۇن كۈچى زور، ئۆزگىچە تەبىئى مەنزىرىسى قويۇق مىللى ئالاھىدىلىكى، ھەيۋەتلىك سۈنئىي مەنزىرىلەر، شۇنداقلا مول ساياھەت ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن كۆپلىگەن  ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. 

بولۇپمۇ ئەتلەس،گىلەم ۋە خوتەن قاشتېشى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق، يەنە ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى، ئېجياۋ، توشقان زەدىكى، ياڭاق، ئانار، ئەندىر قوغۇنى، پىچەكگۈل، ئۈرۈك، چىلان ۋە قىزىلگۈلنىڭ يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە پۈتۈن مەملىكىتىمىزگە داڭلىق.

كۈن نۇرى بايلىقى

 خوتەن ئېلىمىزدىكى  كۈن نۇرى بايلىقى بىرقەدەر مول رايۇن. قۇياشنىڭ ئۇمۇمىي رادىئاتسىيە مىقدارى يۇقىرى،تۈزلەڭلىكنىڭ يىللىق مىقدارى 138.1دىن 151.5 كىلو كالورىيە\كىۋادىرات سانتىمېتىر بولۇپ، چىڭخەي-شىزاڭ ئىگىزلىكىدىنلا پەرىقلىنىدۇ. ئوخشاش كەڭلىك گىرادۇستىكى شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكى ۋە چاڭجىياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا تۈۋەن ئېقىنىدىكى رايۇنلاردىن ياخشى.

 قۇياشنىڭ ئۇمۇمى رادىئاتسىيە مىقدارىنىڭ تارقىلىشى: جەنۇبتىكى تاغلىق رايۇنلارنىڭ شىمالدىكى تۈزلەڭلىكلەردىكىدىن كۆرىنەرلىك يۇقىرى بولۇپ، تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىدا چاڭ-تۇزاڭلاردىن كىلىپ چىققان ئاتمۇسىفىرا سۈزۈكلۈك دەرىجىسىنىڭ ئوخشاشماسلىقى سەۋەبىدىن، شەرقنىڭ غەرىب تەرەپنىڭكىدىن يۇقىرى.

 يۇرۇقلۇق ئېنىرگىيىسىدىن پايدىلىنىشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىت 6-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ئارلىق بولۇپ، نۇرنىڭ ئۇمۇمي رادىئاتسىيە مىقدارى 61 كىلو كالورىيە\كىۋادىرات سانتىمېتىرغا يىتىدۇ. ئۇ پۈتۈن يىللىق ئۇمۇمى رادىئاتسىيە مىقدارىنىڭ ٪42.7 نى ئىگىلەيدۇ.

قۇياش نۇرىنىڭ يۇرۇتۇش ۋاقتى ۋە پىرسەنتى  يۇقىرى بولۇپ، پۈتۈن يىللىق قۇياش نۇرىنىڭ يۇرۇتۇش ۋاقتى 2470دىن 3000 سائەتكىچە بولىدۇ، تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىدا غەرىپتىن شەرىق تەرەپكە تەدبىرىجى ئاشىدۇ، 6-ئايدىن 7-ئايغىچە قۇياش نۇرىنىڭ يۇرۇتۇش ۋاقتى ئەڭ كۆپ، 2-ئايدا ئەڭ ئاز بولىدۇ، پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن نۇرىنىڭ يۇرۇتۇش نىسبىتى٪58- ٪60 گىچە بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ٪84 كە يىتىدۇ.

يۇرۇقلۇق ئەھۋالى ياخشى، ئوخشاش سورتلۇق مېۋىلىك دەرەخ ۋە سەي-كۆكتاتلار رەڭگى قېنىق، توق ئۈسىدۇ، سۈپىتى ئادەتتە ئەسلى جايىنىڭكىدىن ئېشىپ كىتىدۇ.

خوتەن پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئەڭ ئىسسىق رايۇنلارنىڭ بىرى. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرچە تىمپىراتۇرسى ℃11.6 بولىدۇ، زىرائەتلەرنىڭ جانلىنىش مەزگىلى 6-ئايدىن 9-ئايغىچە بولۇپ، ئىنتايىن مول ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىسىگە ئىگە، بۇنىڭ ئىچىدە ℃10 لۇق يېغىندى تېمپىراتۇرسى ℃4200 بولۇپ، ۋىلايەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىنتايىن پايدىلىق. قىراۋسىز، ئۈششۈكسىز مەزگىل(يەر يۈزى تىمپىراتۇرسى ≥℃1-،ئەڭ تۈۋەن تىمپىراتۇرا ≥℃14) 170- 201 كۈنگىچە بولىدۇ، شۇنداقلا تىمپىراتۇرا پەرقى چوڭ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ فوتوسىنتېز ھاسىلاتلىرىنىڭ يىغىلىشىغا پايدىلىق بولۇپ، مېۋە-چىۋېلەرنىڭ شىكەر مىقدارى ۋە كېۋەز غۇزلىرىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ھۆل يېغىن ئاز، قۇرغاق، تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىنىڭ يىللىق ھۆل يېغىن مىقدارى 13.1دىن 48.2 مىللىمېتىر، يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2450دىن 3137 مىللىمېتىرغىچە بولۇپ، قۇرغاقلىق نىسبىتى 20 دىن يۇقىرى.

بۇ تۈرلۈك قۇرۇق يەل-يىمىش ۋە كېۋەزنىڭ ئېچىلىشى شۇنداقلا كېسەللىك ۋە ھاشارەت زىيىنى يۈز بىرىشتىن ساقلىنىشقا پايدىلىق. قىش پەسلىدە قار ئاز ياغىدۇ، بۇلۇتلۇق كۈنلەر ئاز، 10-ئايدىن كېيىنكى يىلى 2-ئايغىچە قۇياش نۇرى تۇلۇق بولۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇۋاپىق.

يەر ئۈستى سۈيى

خوتەن خوتەن ۋىلايىتى تىپىك ئىچكى قۇرۇقلۇق قۇرغاق رايونىغا تەۋە بولۇپ، دەريا-ئېقىنلار ئىچكى قۇرۇقلۇق ئېقىنى ھىساپلىنىدۇ. ئادەتتە گۇما، خوتەن-قاراقاش-لوپ، چىراكېرىيەنىيە ۋە چىياڭ تاڭ ئىگىزلىكىدىكى كۆللۆك رايۇنى قاتارلىق 5 ئىچكى ئېقىن رايۇنىغا ئايرىشقا بولىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە خوتەندە ھىندىستاندىكى چىپچاپ دەرياسىنىڭ تاشقى ئېقىنىغا ئېقىپ كىرىدىغان ئېقىنلارمۇ (يىللىق تاشقى ئېقىن مىقدارى 293 مىليون كۇپ مېتىر)بار.

  تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىدىكى ئېقىن رايۇنىدا 36 چوڭ-كىچىك دەريا-ئېقىن بار بولۇپ، 30 دەريا سۇغۇرۇش، شۇنداقلا ئادەم ۋە چارۋىنىڭ ئىچىملىك سۈيىگە ئىشلىتىلدۇ.

 ۋىلايەت بويىچە يىللىق ئوتتۇرىچە يەر ئۈستى سۈيى ئېقىن مىقدارى 7 مىليارد 335 مىليون 200مىڭ كۇپ مېتىر. بۇنىڭ ئىچىدە گۇما ئىچكى ئېقىن رايۇنىنىڭ ئېقىن مىقدارى 706 مىليون 500 مىڭ كۇپ مېتىر،خوتەن-قاراقاش-لوپ ئىچكى ئېقىن رايۇنىنىڭ ئېقىن مىقدارى 4 مىليارد 509 مىليون 400 مىڭ كۇپ مېتىر،چىرا-كېرىيە-نىيە ئىچكى ئېقىن رايۇنىنىڭ ئېقىن مىقدارى 2 مىليارد 119 مىليون 300 مىڭ كۇپ مېتىر.

بۇنىڭدىن باشقا چىياڭ تاڭ ئىگىزلىكى ئىچكي ئېقىن كۆل رايۇنىدا جەمئىي 943 مىليون كۇپ مېتىرلىق سۇ بايلىقى بار. يۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەن قاراقاش دەرياسىنىڭ سۇ مىقدارى پۈتۈن ۋىلايەتتىكى دەريا ئۇمۇمى سۇ مىقدارىنىڭ ٪61.2 نى ئىگىلەيدۇ. بۇ ئىككى دەريا قۇشلاش ئەتراپىدا بىرلىشىپ،خوتەن دەرياسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. خوتەن دەرياسى جەنۇبتىن شىمالغا ئېقىپ تەكلىماكان قۇملۇقىنى كىسىپ ئۆتۈپ تارىم دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان بولۇپ،تارىم دەرياسىنىڭ مۇھىم سۇ مەنبەسىنىڭ بىرى. خوتەن دەرياسىدىن ھەر يىلى كەلكۈن مەزگىلىدە تارىم دەرياسىغا 1 مىليارد 200 مىليون كۇپ مېتىر ئەتراپىدە سۇ قۇيۇلۇپ،تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئىكىلوگىيىلىك سېستىمىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  يەر ئۈستى دەريا ئېقىنلارنىڭ سۈيى ئاساسلىقى قار مۇز  ۋە بىرقىسىم ئېگىز تاغلاردىكى ھۆل يېغىندىن تولۇقلىنىدۇ،شۇڭا دەريا ئېقىن مىقدارىنىڭ يىللار ئارا ئۆزگىرىش نىسبىتى ئىنتايىن چوڭ، بىرقەدەر چوڭ دەريا ئېقىنلارنىڭ سۈيى ئېگىز تاغلاردىكى مۇزلاردىن تولۇقلىنىدۇ، قار ئورنى يۇقىرى بولغاچقا، كەلكۈن كىچىكىپ كىلىدۇ، مىقدارى زور، داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇن بولىدۇ، مەسىلەن: يۇرۇڭقاش دەرياسى، قاراقاش دەرياسى، بىرقەدەر كىچىك دەريا ئېقىنلارنىڭ سۈيى ئوتتۇرا ۋە پەس تاغلاردىكى يىغىندى قار ۋە ھۆل يېغىنلاردىن تولۇقلىنىدۇ، كەلكۈن بالدۇر كىلىدۇ، مىقدارى ئاز، داۋاملىشىش ۋاقتى قىسقا.

مەسىلەن: نىيە دەرياسى، دۇۋا دەرياسى قاتارلىقلار، 3-ئايدىن 5-ئايغىچە يەر ئۈستى سۈيى پەقەت پۈتۈن يىلنىڭ ٪9.3 نى ئىگىلەيدۇ، بۇ سۇ تارتىلىش مەزگىلى ھىسابلىنىدۇ، 6-ئايدىن 8-ئايغىچە يەر ئۈستى سۈيى پۈتۈن يىللىق سۇ مىقدارىنىڭ ٪75 نى ئىگىلەيدۇ، بۇ كەلكۈن مەزگىلى ھىسابلىنىدۇ. ئوخشاش بولمىغان يىللاردىكى يەر ئۈستى سۈيى ئېقىن مىقدارىنىڭ پەرقىمۇ چوڭ بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى ٪20 دىن ٪40 ئارلىقىدا ئۆزگىرىپ تورىدۇ.

يەر ئاستى سۈيى

تارىختىن بۇيانقى تاغ ھەرىكىتى  سەۋەبىدىن، كوئىنلۇن تاغ تىزمىسى قاتتىق قىستىلىپ، يەر قاتلىمى تۈرۈلۈپ ۋە ئۈزۈلۈپ، تىك يارلار پارچىلىنىپ، تاغ جىلغىسى پەسلەپ، تاغ گەۋدىسى يىمىرىلىپ، تاغ ئىتەكلىرىدىكى كەلكۈن تەسىرىدىن شەكىللەنگەن سېكتور ۋە لاتقا تۈزلەڭلىكلەرنىڭ كۈپىنچىسى تۆتىنچى ئەسىردىكى بوش شېغىل تاش قاتلىمى ۋە قۇم-شېغىل تاش قاتلىمىغا تەۋە بولۇپ، دەريا قېنىنىڭ قاپلىنىش قەۋىتى قېلىن، توم، قىياسى تىك، سۇنىڭ سىڭىش سۈرئىتى تىز، مىقدارى چوڭ.

 تاغنىڭ يەر ئاستى سۈيىنى تۇلۇقلاش مەنبەسى ئاساسلىقى ئېگىز تاغلاردىكى ھۆل يېغىن، ئېرىگەن قار -مۇز بولۇپ،ئالدى تەرەپتىكى تاغلار بىلەن پەس تاغ تۆپىلىك بەلۋاغلىرىدا ئىرىگەن قار ۋە ھۆل-يېغىن ئاساس قىلىنغان، ھەمدە يەر ئاستىدىكى يۇشۇرۇن ئېقىنلار بىرلىشىپ دەريا ئېقىنىغا قۇيۇلىدۇ.

 تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۈيى ئاساسلىقى دەريا ئېقىنلار، سۇغىرىش ئېرىق ئۆستەڭلىرى، ئېتىز،سۇ ئامبىرىدىكى سۇنىڭ سىڭىشىدىن تولۇقلىنىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دەريادىكى يۇشۇرۇن ئېقىن، بۇلاق سۈيى، قۇدۇق سۈيى، سۇغۇرۇش سۈيىنىڭ قايتىپ ئايلىنىشى ۋە ھۆل-يېغىنلارنىڭ سىڭىشىدىن تۇلۇقلىنىدۇ.

خوتەننىڭ يەر ئاستى سۈيى ئۇمۇمەن جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئاقىدۇ. 315- دۆلەت يۇلىنىڭ جەنۇبىدا كۈمۈلۈش چوڭقۇرلىقى 50- 60 مېتىرغىچە، شىمالىدا 5-30مىتېرغىچە بولىدۇ. پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە يەر ئاستى سۈيىنىڭ يىللىق تېشىپ چىقىدىغان ئېقىن مىقدارى 1 مىليارد 192 مىليون كۇپ مېتىر(تەكرار پايدىلانغىلى بولىدىغان بۇلاق سۈيى) بولۇپ،تەكرار پايدىلانغىلى بولمايدىغان دەريا يۇشۇرۇن ئېقىنى 166 مىليون 100 مىڭ كۇپ مېتىر.

مۇزلۇقلار

مۇزلۇق خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى تاغلىق رايۇنلىرى كوئىنلۇن تاغ تىزمىلىرىنىڭ ئۇتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، پۈتكۈل تاغ گەۋدىسى شىمالدىن جەنۇب تەرەپكە قاراپ تىز ئىگىزلەيدۇ، مۇز چۇققىسى دېڭىز يۈزىدىن 6638 مېتىر ئېگىز بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتى بويىچە ئەڭ ئېگىز چۇققا ھىسابلىنىدۇ.

 قارا قۇرۇم تاغ ئېغىزىدىن قاراڭغۇ تاغ ئېغىزىغىچە بولغان 170 مىڭ مېتىر ئۇزۇنلىقتىكى تاغلىق رايۇننىڭ كۆپىنچىسى قار-مۇز بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ھازىرقى زامان مۇزلۇقى يىتىلگەن ۋە جايلاشقان رايۇن ھىسابلىنىدۇ.

 كوئىنلۇن تاغ تىزمىسىنىڭ مۇزلۇقلىرى ئاساسلىقى قاراقاش دەرياسى بىلەن نىيا دەرياسى ئارلىقىدىكى تەخمىنەن 400 مىڭ مېتىر كىلىدىغان تاغلىق رايۇنغا مەركەزلىك جايلاشقان، بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى تاغ مۇزلۇقىغا تەۋە،قار ئورنى ئېگىز، كۆلىمى چوڭ، ئېرىش سۈرئىتى ئاستا بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ مۇزلۇق رايۇنلارنىڭ بىرى.

 ئوتتۇرا كوئىنلۇن تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالى باغرىدىكى ئەڭ چوڭ بولغان يۈلۇڭ مۇزلۇقىنىڭ ئۇزۇنلىقى 25 مىڭ مېتىر، كۈلۈمى 251.7 كىۋادىرات كىلومېتىر. پۈتۈن ۋىلايەتتىكى مۇزلۇقنىڭ كۈلۈمى 11 مىڭ 447 كىۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى مۇزلۇق كۈلۈمىنىڭ ٪43.9 نى ئىگىلەيدۇ. مۇزلۇق سۇ بايلىق زاپىسى1 تېرىليۇن 140 مىليارد كۇپ مېتىر، يىللىق قامدايدىغان يەر ئۈستى سۈيى تەخمىنەن 1 مىليارد 400 مىليون كۇپ مېتىر بولۇپ، يىللىق تولۇقلىنىدىغان يەر ئۈستى سۈيى ئېقىن مىقدارىنىڭ ٪20 نى ئىگىلەيدۇ. جەنۇبى تەرەپتىكى ئېگىز تاغلىق رايۇنلاردىكى مۇزلۇقلار تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريا ئېقىنلارنىڭ سۇ مەنبەسى، شۇنداقلا خوتەندىكى ئاساسلىق دەريا ئېقىنلارنى سۇ بىلەن تولۇقلايدىغان مۇھىم مەنبەلەرنىڭ بىرى.

سۇ ئېنېرگىيە بايلىقى

خوتەن ۋىلايىتىدىكى دەريا ئېقىنلار ئاساسلىقى قار مۇز ئارقىلىق سۇ تولۇقلايدىغان بولۇپ، ئېقىن مىقدارى تۇلۇق، تاغلىق رايۇننىڭ بۆلەك پەرقى مەركەزلىك بولۇپ،جىلغىسى تار ھەم چوڭقۇر، يەر شەكلى ياخشى، سۇ ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ ساقلىنىش مىقدارى مول.

مۆلچەر بويىچە ھىسابلىغاندا، ۋىلايەت بويىچە سۇ ئېنېرگىيىسىنىڭ نەزەرىيىۋى ساقلىنىش مىقدارى 3 مىليون 600 مىڭ كىلۇۋات بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ٪10.7 نى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 50 مىڭ كىلۇۋاتتىن يۇقىرى دەريادىن 5 بار، بۇلارنىڭ يىغىندىسى 3 مىليون 406مىڭ كىلۇۋات بولۇپ، ۋىلايەتنىڭ ئۇمۇمى سۇ ئىنىرگىيە بايلىقى مىقدارىنىڭ ٪94.6 نى ئىگىلەيدۇ.

 ۋىلايەت بويىچە يېقىندا ئېچىش ئىمكانىيىتى بار سۇ ئېنېرگىيە بايلىقى 400 مىڭ كىلۇۋات، بۇنىڭ ئىچىدە ئېچىش ئىمكانىيىتى 10 مىڭ كىلۇۋاتتىن يۇقىرى بولغان دەريادىن 5 بار بولۇپ، يۇرۇڭقاش، قاراقاش دەرياسىنىڭلا 368 مىڭ كىلۇۋات چىقىدۇ.

پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ سۇ ئىنىرگىيە بايلىقى نوقتىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تاغ ئېغىزىنىڭ يۇقىرىسىدىكى دەريا بۆلەكلىرىگە جايلاشقان بولۇپ، 2006-يىلىغا قەدەر دۆلەت 35 ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئومۇمى قۇراشتۇرما سىغىمچانلىقى 109 مىڭ 200 كىلوۋاتقا يەتتى.

يەر بايلىقى

خوتەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ زىمىنى كەڭ،يەر مەيدانى 24 مىليون 927 مىڭ گېكتار،بۇنىڭ ئىچىدە تاغ 11مىليون 102 مىڭ گېكتار بولۇپ، ئۇمۇمى يەر مەيدانىنىڭ ٪44.5 نى ئىگىلەيدۇ.

تۈزلەڭلىك 13مىليون 820 مىڭ گېكتار بولۇپ، ئۇمۇمىي يەر مەيدانىنىڭ ٪55.5 نى ئىگىلەيدۇ. تاغ كۆلىمى ئىچىدە 2 مىليون 194 مىڭ گېكتار يايلاق، 705 مىڭ گېكتار مۇزلۇق ۋە ئاز مىقدارىدىكى تېرىلغۇ يەر، ئورمانلىقلاردىن باشقا ٪42 تى پايدىلىنىشقا بولمايدىغان ئۇچۇق شېغىل، تاشلىق.

 تۈزلەڭلىك كۆلىمىدە قۇملۇق 10مىليون 318 مىڭ گېكتار بولۇپ،٪74.5 نى ئىگىلەيدۇ، چۆللۈك 2 مىليون 67 مىڭ گېكتار بولۇپ ٪15 نى ئىگىلەيدۇ، بوستانلىق كۆلىمى 9730 كىۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، ئۇمۇمىي يەر مەيدانىنىڭ ٪3.96 نى ئىگىلەيدۇ.

قىزىلما بايلىقى

خوتەن قاشتېشى

خوتەن ۋىلايىتىدە نۆۋەتتە 61 خىل قىزىلما بايلىق بايقالدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئېنېرگىيە قىزىلما بايلىقى 6 خىل بۇلار: كۆمۈر، تەبىئى گاز، نېفىت، مايلىق سلانېتس، ئىسسىق بۇلاق، ئۇران، قاتارلىقلار...

مېتال 15 خىل بولۇپ، بۇلار:تۈمۈر، مانگان، مىس، ئالتۇن، كۈمۈش، سۈرمە، سىماب، قوغۇشۇن، سىنىك، نىكېل، ماگنىي، لىتىي، بېرىللي، رۇبىدىي، سترونتسىي.

خېمىيە سانائەت خام ئەشيا مېتاللوئىد قىزىلما بايلىقى 9 خىل بۇلار:گۈڭگۈرت، تۇز، بور، مىرابىلىت، كالىيلىق تاش، سېرپېننتىن، بارىت، سېرىق تۆمۈر رۇدىسى، فوسفارت، قاتارلىقلار...

قۇرۇلۇشقا كىتەرلىك قىزىلما بايلىقى 18 خىل بۇلار : گەج، تاشپاختا، گرافىت، فتورىت، سېمنۇت ئىشلەپچىقىرىدىغان ھاك تاش، سېغىز توپا، ئەينەك ئىشلەپچىقىرىدىغان كۋارتىس، ساپال ۋە فارفور ئىشلەپچىقىرىدىغان دالا شپاتى، خىش ئىشلەپچىقىرىدىغان سېغىز تۇپا، سېرىق تۇپا، مەرمەر تاش، بازالىت، خرۇستال، ئىسلاندىيە كرىستالى، ئاق چىرىمتال، ئانار تېشى، قۇم-شېغىل ۋە گاۋلىڭ توپىسى، قاتارلىقلار...

مېتال تاۋلاشقا كىتەرلىك قۇشۇمچە خام ئەشيا قىزىلما بايلىقى 5 خىل بولۇپ، بۇلار ماگنېزىت، دولومىتلىق سۈرتاش، كۋارتىس، سېغىز تۇپا ۋە ھاك تاش، ياقۇت، قاتارلىقلار...

قاشتېشى قىزىلما بايلىقى 6 خىل بۇلار خوتەن قاشتېشى، كوئېنلۇن قاشتېشى، ئالماس، ھېقىق، ئانار تېشى، بېرىل. 

ئەۋزەل قىزىلما بايلىقى ۋە ئۆزگىچە قىزىلما بايلىقى ئاساسلىقى خوتەن قاشتېشى، ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللار، سۈرمە رودىسى، ئالتۇن رودىسى ۋە سىماب رۇدىسى. 

ئاساسلىق كان ئورنى بۇيا كۆمۈر كېنى، دۇۋا كۆمۈر كېنى، ئاچچىغ سېمىنۇت ھاك تاش كېنى، گەج كېنى، ئالماس خوتەن قاشتېشى كېنى، قاراڭغۇ تاغ خوتەن قاشتېشى كېنى، يۇرۇڭقاش دەرياسى كۇمات ئەتراپىدىكى خوتەن زىرە تاش كېنى، جەرەن چوققا سۈرمە كېنى، پېئال جىلغىسى سىماب كېنى، پاشايىم ئالتۇن كېنى، يۇلغۇنلۇقتىكى ئاز ئۇچرايدىغان مېدال كېنى، كەڭشىۋە قوغۇشۇن كېنى، كەڭ ساي كىپەك ئالتۇن كېنى قاتارلىقلار بولۇپ، 27 ھەر خىل قىزىلما بايلىق كان ئورنى، 168كان نوقتىسى بار. 

2006-يىلىغا قەدەر قىدىرىپ تەكشۈرۈپ ئىنىقلانغان قىزىلما بايلىق زاپىسىدىن : خوتەن دەرياسى گازلىقى، گاز زاپىسى 61 مىليارد 600 مىليون كۇپ مېتىر، ئاچقىلى بولىدىغان زاپاس مىقدارى 44 مىليارد 500 مىليون كۇپ مېتىر، ئېچىشقا بولىدىغان كۆمۈر زاپىسى 200 مىليون توننا، سىمنۇت ھاك تاش زاپىسى 100 مىليون توننا، قاشتېشى قىزىلما زاپىسى 350 مىڭ توننا، گەج 160 مىليون توننا، كۋارتس 3 مىليون 280 مىڭ توننا، كالىي مانگان ماگنىتلىق تۆمۈر رودىسى 280 مىڭ توننا.

ياۋايى ھايۋاناتلار

خوتەن ۋىلايىتىدىكى ياۋايى ھايۋاناتلار ئاساسلىقى 21 خىل بولۇپ، دۆلەتلىك 1-دەرىجلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاناتلاردىن ياۋا تۆگە، ياۋا قوتاز، شىزاڭ ياۋا ئىشىگى، يىلپىز قاتارلىقلار... 

دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاناتلاردىن شىزاڭ بۆكىنى، بۇغا، ئارقار قاتارلىقلار بار.

 دۆلەتلىك 3-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاناتلاردىن ئاق تۆش بۇلغۇن، ئاق بوغۇز بۆكەن، تاغ تىكىسى، كۆكيامان،كۆكمەت، ئۇلا قاتارلىقلار بار.

ئۇندىن باشقا يەنە بۆرە، چىلبۆرە، ھىمالايا سۇغۇرى، بوز توشقان، كەكلىك، ياۋا توڭغۇز، قىزىل تۈلكە، تارىم توشقىنى قاتارلىقلار بار.

ياۋا ئۆسۈملۈكلەر

خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ۋىلايىتىدىكى ياۋا ئۆسۈملۈك 53 ئائىلە، 193 ئۇرۇقداش،348خىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسمى ئوت-چۆپ تۈرىدىكى ئۆسۈملۈك، يەنە بىر قىسمى ئالاھىدە ئىقتىسادى ئۆسۈملۈك، بۇ دورىلىق ئۆسۈملۈكلىرى، قۇمنى تىزگىنلەش ئۆسۈملۈكلىرى، يىمەكلىك ئۆسۈملۈكلەر، تېخنولوگىيە ئۆسۈملۈكلىرى، دېھقانچىلىق دورىلىرى ئۆسۈملۈكلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  دورىلىق ئۆسۈملۈكلىرى ئاساسلىقى توشقان زەدىكى، چۈچۈكبۇيا قاتارلىقلار. ۋىلايەت بويىچە توشقان زەدىكى ئۈسۈشكە مۇۋاپىق كىلىدىغان چاتقاللىق يەر كۈلۈمى 105 مىڭ گىكتار كىلىدۇ. 

خوتەن توشقان زەدىكىنىڭ مىقدارى كۆپ، سۈپىتى ياخشى، دۆلەت ئىچىدىكى دورا ماتېرىيال بازارلىرىدا ئابرۇيغا ئىگە. 2007-يىلى يىل ئاخىرىغا قەدەر خوتەن ۋىلايىتىدە سۈنئى ئۇسۇلدا تىكلگەن يۇلغۇن 215مىڭ مو بولۇپ، سۈنئىي ئۇسۇلدا 152 مىڭ 600 مو  توشقان زەدىكى تېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 90مىڭ موسىنىڭ ئىقتىسادى ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 65 مىليون يۈەنگە يەتتى.

چۈچۈكبۇيا دورا ماتېرىيال شىركىتى كۆپ مىقداردا سېتىۋالىدىغان جۇڭگو تىبابىتى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ۋىلايەت بويىچە 224 مىڭ مو كۈلەمدە چۈچۈكبۇيا بار. 10 گېكتار ئەتراپىدا قانتېپەر بار. گۇما ناھىيە سانجۇ دەرياسىنىڭ غەرب تەرپىدىكى سۇغۇق ھەم نەم تاغ جىلغا تاش يېرىقىدا يەنە تەڭرىتاغ رەۋىنى ئۈسىدۇ.

  قۇم تىزگىنلەش ئۆسۈملۈكلىرى ئاساسلىقى كوئىنلۇن جۇزغۇنى، تەسكەن، قويانجىن، تەتۈر يىڭنە يۇپۇرماقلىق بېلىقۆز، گۇما قارا چايىلى، پەيقىلتىرىق قاتارلىقلار بار.

  يىمەكلىك ئۆسۈملۈكلىرى ئاساسلىقى شالاڭ يۇپۇرماقلىق يانتاق بولۇپ، كەڭ جايلاشقان، تەسكەننىڭ جايلىشىش دائىرسىمۇ ئىنتايىن كەڭ. قاغا جىگدىسىدىن ھەم ياۋا ئۆسكىنى،ھەم سۈنئى ئۇسۇلدا ئۆستۈرۈلگىنى بار. كونۇرباش بىرقەدەر كەڭ تارقالغان. يىكەن تۈزلەڭلىك رايۇندىكى سازلىقتا كەڭ جايلاشقان.

  تېخنولوگىيە ئۆسۈملۈكلىرى ئاساسلىقى كوئىنلۇن ئارچىسى ۋە كوئىنلۇن يەركەنت ئارچىسى بولۇپ، سانجۇ دەرياسىنىڭ غەربىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 2800 دىن 3600 مېتىرلىق تەسكەي يانباغىر ياكى جىلغىلارغا جايلاشقان، كۆلىمى كىچىك، سانىمۇ ئاز، كوئىنلۇن تېغىدىكى ئىنتايىن قىممەتلىك دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ، چاتقاننىڭ ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى ھىسابلىنىدۇ.

لوپنۇر كەندىرى كەڭ تارقالغان بولۇپ، كۆلىمى 1334 گىكتار كىلىدۇ. ئۇ ئۇنۋىرسال پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. توغراق ۋىلايەت بۇيىچە تارقالغان بولۇپ، كۆلىمى 120 مىڭ گىكتارغا يىتىدۇ. 

يۇلغۇننى پىرىسلانغان تاختاينىڭ ئەسلى ماتىرىيالى قىلىشقا، شۇنداقلا يەنە كاۋچۇك تاۋلاشقىمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ يىلتىزىدىن پايدىلىنىپ توشقان زەدىكى ئۆسىدۇ، ئۇ يەنە قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇپ بۇراندىن مۇداپىئە قىلىدۇ، ھازىر ۋىلايەت بۇيىچە 199 مىڭ مو كۆلەمدە ئىپتىدائى يۇلغۇنلۇق بار، قۇمۇش كەڭ تارقالغان بولۇپ، 173 مىڭ گىكتار كۆلەمگە ئىگە،چىغ پۈتۈن ۋىلايىتىمىزگە دىگۈدەك تارقالغان،شۇرتاق شۇرنى تىزگىنلەيدۇ، ئۇ ئاساسلىقى نىيا ناھىيسىگە تارقالغان بولۇپ، كۆلىمى 25 مىڭ گىكتار كىلىدۇ.

دېھقانچىلىق دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن بۇيا، ياۋا شوخلا(ئىت ئۈزۈمى)، سۆگەت، ئادىراسمان ۋە كالا قۇلاق.[2]

خوتەننىڭ تەرەققىياتى2011-يىلى ۋىلايەت بۇيىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى(GDP)12مىليارت 663 مىليۇن يۈەنگە يىتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىگە قارىغاندا %15 ئاشتى.

بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 4 مىليارد 21 مىليون يۈەن بولۇپ، %6.5 كۆپەيگەن. 

ئىككىنچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 2 مىليارت 424 مىليون يۈەن بولۇپ%19.3 كۆپەيگەن، ئۈچىنچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 6 مىليارد 218 مىليون يۈەن بولۇپ،%19.7 كۆپەيگەن.

بىرىنچى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ۋىلايەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %15.3،%21.8،%62.9 بولدى.

نوپۇس تەۋەلىكىگە ئاساسەن ھېساپلىغاندا ۋىلايەتنىڭ كىشى بېشى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى 6154 يۈەنگە يىتىپ %18.8 ئاشقان. ۋىلايەتنىڭ مالىيە كىرىمى تىز كۆپەيگەن. پۈتۈن بىر يىلدا يەرلىك مالىيە كىرىمى 1237 مىليۇن يۈەنگە يىتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىگە قارىغاندا(ئوخشاش ئۆلچەم) %46.1 ئاشقان. 

بۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى خامچوت كىرىمى 932 مىليۇن يۈەن  بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىگە قارىغاندا %47.7  ئاشقان. پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 2 مىليون 3 مىڭ 702 مو بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 61 مىڭ 600 توننىغا يىتىپ %2.3 كۆپەيگەن. 

چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى پۇختا ئاشقان، چارۋىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى قوتان قالدۇقى 4مىليون 854مىڭ 500گە،كۆپەيتىلىپ ئەي بولغان ئۇششاق چارۋا 3مىليۇن 441 مىڭ 600 گە، قوتاندىن چىقىرىلغان چارۋا 3 مىليون 882 مىڭ 900 گە يەتتى. پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 10 مىليارد 69 مىليون يۈەنگە (يەرلىكنىڭ 7 ملىيارد 901 مىليون يۈەن،بىڭتۈەننىڭ 268 مىليون يۈەن،تۈمۈر يول ۋە دۆلەت يولىغا 1 مىليارد 900 مىليون يۈەن)گە يىتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىگە قارىغاندا %31.3 كۆپەيگەن.

بازاردىكى ئىستىمال بويۇملىرى مۇقىم كۆپەيدى،ۋىلايەت بۇيىچە ئىجتىمائى ئىستىمال بويۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمى سوممىسى 2 مىليارت 34 مىليۇن يۈەنگە يەتتى.سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشنى «بىرىنچى نۇمۇرلۇق قۇرۇلۇش»قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچتە ئەلا »تەلىپى بۇيىچە «ئۈچ تەدبىر»نى ئەمىللەشتۈرۈپ، يېڭىچە سانائەتلىشىشنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پۈتۈن يىلدا ۋىلايەت بۇيىچە سودىگەر چاقىرىش تۈرى 98 گە يىتىپ،  تۈرگە جەمئىي سېلىنغان مەبلەغ سوممىسى 2 مىليارد 495 مىليون يۈەنگە يىتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %15. 1 ئاشقان، بۇنىڭدا ئەمەلىيىلەشكەن مەبلەغ 1 مىليارد 263 مىليون يۈەنگە يىتىپ، %20. 1 كۆپەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدە داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلىگەن تۈر 38 گە، جەمئىي مەبلەغ 917 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

 ئەمىللەشكەن مەبلىغى712مىليون يۈەنگە يەتكەن. يېڭىدىن ئىشلەنگەن تۈر 60 بولۇپ، ئومۇمى مەبلىغى1 مىليارد 577 مىليون يۈەن، بۇنىڭدىن ئەمىللەشكىنى 551 مىليون يۈەن بولغان، تۈمۈر يول مىنىستىرلىكى ياردەم قىلىپ ئىشلىگەن خوتەن ناھىيسىدىكى 30 مىڭ توننىلىق ياڭاقنى ئىنچىگە پىششىقلاپ ئىشلەشنى مۇھىم نوقتا قىلغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى پائال ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

 گۇما ناھىيسىنىڭ سەنشىيا سانائەت باغچا رايۇنىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك سانائەت باغچا رايۇنى بولغان، گۇما ناھىيسىنىڭ كېدوڭ بىرىنچى نۇمۇرلۇق نېفىت گازلىقىنى چارلاپ تەكشۈرۈپ ئېچىش، قاراقاش ناھىيسىنىڭ يۈبى بىرىنچى نۇمۇرلۇق قۇدۇقىنى چارلاپ تەكشۈرۈشتە خۇشاللىنارلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. كۆمۈرنى ئېچىپ پايدىلىنىش قەدىمى تىزلىتىلگەن.

 يىللىق ئەمەلىي قېزىش مىقدارى 1 مىليون 100 توننىغا يەتكەن. كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 853 مىليون يۈەن بولغان. ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى يېڭى بىر پەللىگە قەدەم قويغان.

 ئۆتكەن يىلى قۇرۇلغان گىلەم موزىيخانىسى ۋە ياڭاق موزىيخانىسى ئاساسىدا بۇ يىل يەنە خوتەن قاشتېشى مەدەنىيتى تېمى، قۇملۇق مەنزىرسى سۇپىسى، لوپ راۋاق بۇددا مۇنارى خارابىسى، قاراقاش شاخلىق قورۇقى، چىرا دامكۇ، بۇددا دىنىي خارابىلىقى، خوتەن ناھىيسى ئۈزۈم كارىدورى قاتارلىق ساياھەت مەنزىرە نوقتىلىرى بەرپا قىلىندى، 6-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلىقئارا ساياھەت بايرىمى ۋە 7-نۆۋەتلىك خوتەن قاشتېشى مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. پۈتۈن بىر يىلدا دۆلەت ئىچى سىرتىدىن كەلگەن 800 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچى كۈتىۋىلىنىپ، ساياھەتتىن قىلىنغان كىرىم 90 مىليون يۈەنگە يەتكەن. 

جۇغراپىيەلىك ئورنى

خوتەننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىخوتەن ۋىلايىتى شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ،جەنۇبتا كوئىنلۇن تېغىدىن ھالقىپ،شىزاڭ شىمالي ئېگىزلىكى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرىقتە بايۇنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالدا تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ ئىچكىرسىگە كىرىشىپ كىتىپ،ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ.غەرىبتە قەشقەر بىلەن ،غەربى جەنۇپتا قارا قۇرۇم تېغى ئارقىلىق ھىندىستان،پاكىستان بىلەن چىگىرلىنىدۇ،چىگرا لىنىيە ئۇزۇنلىقى 210 كىلومېتىر،شەرقتىن غەربگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 670 كىلومىتېر،جەنۇپتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن 600 كىلومىتېر كىلىدۇ.ئۇمۇمى كۆلۈمى 247 مىڭ 800 كىۋادىرات كىلومېتىر،خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەيۋەتلىك كوئىنلۇن تېغى يايسىمان ھالەتتە شەرقتىن غەربكە كىسىپ ئۆتىدۇ.قاتمۇ-قات تاغ چوققىلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ،ئىنتايىن خەتەرلىك. كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالى يانتۇلۇققا قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ،جىلغىلىرى كۆپ،جەنۇب تەرىپى پەسرەك بولۇپ،بۆلۈنۈش دەرىجىسى يۇقىرى ئەمەس،تاغ تىزمىلىرى ئادەتتە دېڭىز يۈزىدىن 6000 مىتېر ئەتراپىدا ئېگىز بولۇپ، ئەڭ ئېگىز يېرى 7000 مىتېردىن ئاشىدۇ.ھاۋا كىلىماتىنىڭ قۇرغاق بولىشى سەۋەبىدىن قۇملۇق ئىگىزلىكى ئادەتتە 3300 مىتېرغا،ئايرىم جايلىرىنىڭ 5000 مىتېرغا يىتىدۇ.جەنۇب ۋە شىمالى ئېتىگىدىكى قار ئورنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 6000 مىتېر ۋە 5500 مىتېردىن يۇقىرى كىلىدۇ.كوئىنلۇن تېغى بىلەن قاراقۇرۇم تېغىنىڭ پاسىلىدا ئويمانلىق ھاسىل بولغان ،بۇنىڭدىن ھازىرقى تۇز كۆل ۋە شۇرلۇق،ساسلىق پەيدا بولۇپ،تاغلىق كۆل شەكىللەنگەن.

  تاغنىڭ شىمالى قىسمى چۆللۆك بولۇپ،دەريا ئېقىنلارنى بويلاپ يەلپۈگۈچسىمان شەكىلدىكى بوستانلىق ئۇزىراپ، بوستانلىق گىرۋەكلىرى تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن ئۇلىنىپ،بىۋاستە تارىم ئويمانلىقىنىڭ كىندىكىگىچە تۇتاشقان.مازا تاغدىكى قەدىمقى تاغ خارابە قالدۇقلىرى ھىلىھەم شىمالدىكى قۇملۇقنىڭ غەربى شىمالىدا مەۋجۇت بولۇپ،دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 430مىتېر كىلىدۇ.

يەر شەكلى

  1.ئەڭ ئېگىز تاغ بەلبىغى: دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5200-5500مىتېرغىچە بولۇپ،ئۇ ھازىرقى زامان مۇز تاغلىرى ۋە قار توپلاشقان بەلباغنى كۆرسىتىدۇ.كۆپىنچە ئىنتايىن قاتتىق مېتامورفىك تاش ۋە گىرانت تاش قاتارلىق تاغ جىنىسلىرىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ،ئىنتايىن ھەيۋەتلىك.

  2.ئېگىز تاغ بەلبىغى: دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4200-5200مىتېرغىچە بولۇپ،ئادەتتە گىياھ ئۈنمەيدۇ.بۇ يەردە زور مىقداردا قەدىمقى مۇز تاغلارنىڭ ئىزناسى بار،،مەسىلەن،چىرا يامۇن يايلىقىدىكى قەدىمقى مۇز دۈمبەللىرى مەككار تاش دەرياسىنىڭ مەنبەسىدىكى مۇز ئازگاللىرى كىچىك كۆلدىكى مۇز دۈمبەل كۆلى قاتارلىقلار.

  تاغدىن چۈشكەن تاش دۆۋىلىرى،تاغ ئېتىگىدىكى قار لاتقىلىرىنى ئاساسى تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىي ئېتىگىدە كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.

  3.سۇبئالىپ ئېگىز تاغ باغرى:دېڭىز يۈزىدىن 3400-4200مىتېرغىچە كىلىدۇ،بىر قەدەر قېلىن تۇپراق قاتلىمىغا ئىگە بولۇپ،تاغ چوققلىرىدا مەنبە تاش ۋە  قىيا تاشلار تىك كۆرىنىدۇ.تاغ بەلبىغىدا رۇشەن چىرىغان ئىزلىرى بولۇپ،تاغلار ھەيۋەتلىك،ئادەتتىكى يانتۇلۇقى 20-38گىرادۇسقىچە كىلىدۇ.

  4.ئوتتۇرا تاغ بەلباغلىرى:دېڭىز يۈزىدىن 3000-3400مىتېرغىچە بولۇپ،تاغنىڭ ئېگىز پەسلىكى رۇشەن بولۇپ،تاغ چوققىسى ئىنىق كۆرىنىدۇ.بىراق تاغ چوققىسىنىڭ ئومۇمى كۆرۈنۈشى يۇپيۇمىلاق بولۇپ،تۈزلەڭلىك يەر شەكلىگە ئوخشىشىپ كىتىدۇ.قېلىن سىرىق توپا ئارقىلىق شەكىللەنگەن تولۇق ئوتلاق،تۇپراق تىپىغا ئىگە.بۇ يەرگە بىپايان مول ئوتلاق جايلاشقان بولۇپ،خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مۇھىم چارۋىچىلىق بازىسى ھېساپلىنىدۇ،

  5.تۆۋەن تاغ بەلبىغى: دېڭىز يۈزىدىن 2200-3000مىتېرغىچە بولۇپ،ئىگىز پەسلىكى تەكشى،تۇپراق قاتلىمى قېلىن بولۇپ،كوئىنلۇن سىرىق توپىسى كۆپ دۆۋىلەنگەن،دەريا ئېقىنىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا دېھقانچىلىق ئېتىرلىرى جايلاشقان بولۇپ،دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشكەن رايۇن ھېساپلىنىدۇ.

  6.تاغ ئېتىكى يانتۇ تۈلەڭلىك.دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1250-2200مىتېر كىلىدۇ.دېڭىز يۈزىدىن 1700-2200مىتېرگىچە بولغان يىرى يىرىك قۇم ۋە شىغىل بىلەن قاپلانغان چۆللۈك.بۇ يەردە قۇرغاقچىلىققا چىداملىق شالاڭ چۆل يېپىنچىلىرى بار،دېڭىز يۈزىدىن 1450-1700مىتېرگىچە بولغان جايلىرى يىرىك شىغىللىق چۆل،دېڭىز يۈزىدىن 1250-1450مىتېرغىچە بولغان جايلىرى بوستانلىق جايلاشقان رايۇن بولۇپ،ئۇزاق مۇددەت سۇغارغانلىقتىن تۇپرىقى ئۆلۈكسىز پىشىپ يىتىلگەن.

  7.قۇملۇق رايۇن:دېڭىز يۈزىدىن 1250مىتېردىن تۆۋەنگە جايلاشقان شىمالى قىسمى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە تۇتىشىپ،قۇرغاقچىلىققا چىداملىق چۆل ئۆسۈملۈكلىرى بار.

خوتەن مەمۇرى رايۇن خەرىتىسى1913-يىلى خوتەن بىۋاستە ئايمىقى خوتەن ناھىيسى بولۇپ قۇرۇلغان،گۇۋاڭشۈنىڭ 28-يىلى (1902-يىلى گۇما ناھىيسى تەسىس قىلىنغان)خوتەن ناھىيسىنىڭ شەرقى چىگرىسىدىكى 23 كەنت بىلەن كېرىيە ناھىيسىنىڭ غەربى چىگرىسىدىكى 15كەنت ئايرىلىپ،لوپ ناھىيسى تەسىس قىلىندى.1915-يىلى خوتەن ناھىيسىدىن قاراقاش ناھىيسى ئايرىلىپ چىقتى.1929-يىلى چىرا ناھىيسى تەسىس قىلىندى،گۇاڭشۈنىڭ 9-يىلى (1883-يىلى)كېرىيە ناھىيسى تەسىس قىلىنىپ،ئورنى قاراقاشتا (ھازىرقى قاراقاش ناھىيە بازىرى)بولدى. كىيىن ھازىرقى ئورنىغا كۆچتى،1959-يىلى كىرىيە ناھىيسى دەپ ئۆزگەرتىلدى.1945-يىلى نىيا مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇلدى.1947-يىلى نىيا ناھىيسىگە ئۆزگەرتىلدى.1983-يىلى 9-ئايدا گوۋۇيۇەننىڭ تەستىقى بىلەن خوتەن شەھىرى قۇرۇلدى.ئاپتۇنۇم رايۇن خوتەن ناھىيسىنىڭ خوتەن بازىرى شورباغ گوڭشىسى،لاسكۇي گۇڭشىسى،ئۇرۇغچىلىق مەيدانىنى خوتەن شەھىرىگە ئايرىپ بىرىشنى تەستىقلىدى،1950-يىلى ج ك  پ  خوتەن ۋىلايەتلىك كومىتېتى،خوتەن ۋالى مەھكىمىسى قۇرۇلدى.1966-يىلى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»باشلانغاندىن كىيىن،رەھبەرلىك ئورگىنىنىڭ ھوقۇقى تارتىۋىلىنىپ،ئاپپاراتلار پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى.1969-يىلى خوتەن يەرلىك ئىنقىلابى كومىتېتى قۇرۇلدى،1971-يىلى 2-ئايدا خوتەن ۋىلايەتلىك ئىنقىلابى كومىتېتكە ئۆزگەرتىلدى،شۇ يىلى 6-ئايدا ج ك پ خوتەن ۋىلايەتلىك كومىتېتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ قۇرۇلدى،1978-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك ئىنقىلابى كومىتېت ىوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكمىگە ئۆزگەرتىلدى.

  خوتەن ۋىلايىتىگە خوتەن شەھىرى،خوتەن ناھىيىسى،گۇما ناھىيىسى،قاراقاش ناھىيىسى،لوپ ناھىيىسى،چىرا ناھىيىسى،كېرىيە ناھىيىسى،نىيا ناھىيىسىدىن ئىبارەت 7 ناھىيە،1 شەھەر،89 يېزا-بازار،4 كۇچا ئىش بىجىرىش باشقارمىسى ،1383 مەمۇرىي كەنت،6232 كەنت مەھەللە گۇرۇپپىسى قارايدۇ.ۋىلايەت ئىچىدە يەنە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 14-دىۋىزىيسى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق نۇرى چارۋىچىلىق فىرمىسى،47-تۈەن مەيدانى،گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە 224-تۋەن مەيدان بار[9]

  خوتەن ۋىلايىتى ياۋرۇپا، ئاسىيا چوڭ قۇرۇغلۇقىنڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان،پامىر ئېگىزلىكى بىلەن تەڭرىتاغلىرى تۇسۇپ تۇرغاچقا،غەربى،شىمالى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سىبىرىيە سۇغۇق ھاۋا كىلىماتى ئاسانلىقچە كىرەلمەيدۇ،جەنۇبى قىسمى كوئىنلۇن تېغى ۋە قاراقۇرۇم تاغلىرىغا تۇتاشقان بولۇپ،ھىندى ئوكياندىن كىلىدىغان نەملىك ۋە ئىسسىق ھاۋانى تۇسۇپ تۇرغاچقا،ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغنىڭ تىپىك قۇرغاق چۆل ئىقلىمىنى شەكىللەندۈرگەن،ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى: تۆت پەسىلنىڭ پەرقى  ئىنىق بولۇپ،يازدا قاتتىق ئىسسىق،قىشتا قاتتىق سۇغۇق بولىدۇ،ئەتىيازدا تىمپىرا تۇرىنىڭ ئۆرلىشى تىز ھەم تۇراقسىز بولغاچقا،دائىم ئەتىياز سۇغۇقى بولۇپ تۇرىدۇ.چاڭ-تۇزانلىق ھاۋا رايى كۆپ بولىدۇ.كۈزدە تىمپىراتۇرا تىز تۆۋەنلەيدۇ.پۈتۈن يىللىق ھۆل-يىغىن مىقدارى ئىنتايىن كەمچىل،قوياشنىڭ يۇرۇتۇشى يىتەرلىك،ئىسسىقلىق مىقدارى مول،قىرۇسىز مەزگىلى ئۇزۇن كىچە كۈندۈزلۈك پەرقى چوڭ.ھاۋا كىلىمات ئالاھىدىلىكى: ئەتىيازدا قۇم بوران كۆپ بولۇپ، ھاۋانى كۆپىنچە چاڭ تۇزان قاپلاپ تۇرىدۇ.ياز پەسىلىدە ھاۋا قاتتىق ئىسسىق ۋە قۇرغاق بولىدۇ.يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يىغىن مىقدارى 35مىللىمىتېر،يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2480 مىللىمىتېر،تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە قۇم بوران كۆپ بولۇپ،ھەر يىلى قۇم بورانلىق ھاۋا رايى 220كۈندىن ئاشىدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە قويۇق چاڭ تۇزان(قۇم بوران)لىق ھاۋا رايى 60كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. خوتەننىڭ چاڭ- تۇزانلىق ھاۋارايى كۈن سانى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 2.5 كۈن كۆپىيىدۇ،پۇتۇن يىلدا 1-،2-دەرىجىلىك ھاۋارايى كۆرۇلمەيدۇ،3-،4-دەرىجىلىك ھاۋارايى 28كۈن،5-دەرىجىلىك ھاۋارايى 300 كۈن ئەتراپىدا بولۇپ،ئېيىغا ئوتتۇرىچە 124 تونناكۇۋادىرات كىلومىتىر توپا ياغىدۇ.

خوتەندىكى توپا يېغىش  

ۋىلايەتنىڭ دائىرىسى كەڭ،كۆلۈمى چوڭ بولۇپ،ئوخشاش بولمىغان يەر شەكلى شارائىتىدا،جانلىقلار ۋە كىلىمات پەرقى ئىنتايىن زور بولغاچقا،چوڭ جەھەتتىن جەنوبى رايۇن،بوستانلىق،تۈزلەڭلىك رايۇن،شىمالى قۇملۇق رايۇندىن ئىبارەت ئۈچ خىل كىلىمات تىپىغا ئايرىشقا بولىدۇ.

جەنوبى تاغلىق رايۇن

خوتەننىڭ تاغلىق رايۇنلىرى بۇ دېڭىز يۈزىدىن 1800-3000 مىتىر ئىگىز بولغان تاغ،جىلغا بەلبىغىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۆتىدىل بەلباغ ۋە سۇغاق مۆتىدىل بەلباغ كىلىمات بەلبىغىغا تەۋە بولۇپ،چىرا ناھىيە چىگرىسىدىكى نۇرى لەڭگەر(دېڭىز يۈزىدىن 1970 مىتىر ئىگىز) ۋە غەربىدىكى قاراڭغۇ تاغ(دېڭىز يۈزىدىن 1800 مىتىر ئىگىز)نىڭ ھاۋارايى ماتىرىيالىنى تەھلىل قىلىشقا ئاساسلانغاندا،يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتورا℃4.7،ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتورا℃34- ℃30.4، ئەڭ تۈۋەن تېمپىراتورا℃25-،يىللىق ھۆل يىغىن مىقدارى127.5-201.2 مىللىمېتىر بولۇپ،℃10 تىن يوقىرى ھەرىكەتچان يىغىندى تىمپىراتورا ℃3400 غا يىتىدۇ. ياز پەسلى قىسقا،قىش پەسلى ئۇزۇن،قىسمەن رايۇنلارنىڭ تەتۇر تىمپىراتورا قاتلىمى بىرقەدەر گەۋدىلىك بولۇپ،قىش پەسلىنىڭ تىمپىراتورىسى تۈزلەڭلىك رايۇننىڭكىدىن ℃1-℃2 قىچە بولىدۇ.

  دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 3000 مىتىردىن يۇقىرى بولغان تاغلىق رايۇن سۇغۇق بەلباغ كېلىماتىغا تەۋە بولۇپ،ھاۋا كېلىماتى سوغۇق،تۆت پەسىل ئايرىلمايدۇ. پەقەت ئىسسىق سوغۇقلۇق پەرقىلا بار،سۇغۇق پەسلى ئىسسىق پەسلىدىن ئوزۇن،ھۆل- يىغىن مىقدارى ئىنتايىن تەكشىسىز،ئادەتتە يىللىق ئوتتۇرىچە مىقدارى 300 مىللىمىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ،℃0 تىن يۇقىرى ئۆسۇش مەزگىلى 120-150كۈنگىچە بولىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 5500 مىتىردىن يۇقىرى بولغان جايلار ℃0 تىن تۇۋەن مەڭگۈلۈك قارلىق بەلباغ ھىساپلىنىدۇ.

بوستانلىق،تۈزلەڭلىك رايۇننىڭ تۆت پەسىل كېلىمات ئاساسى ئەھۋالى

باھار پەسلى ئوزۇن بولۇپ،بوران كۆپ چىقىدۇ،ياز پەسلى ئىسسىق ھەم قۇرغاق،كۈز پەسلىدە تىمپىراتورا تىز تۆۋەنلەيدۇ،قىشتا قار ئاز ياغىدۇ،سۇغۇق بولمايدۇ، ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغنىڭ تىپىك قۇرغاق چۆل كىلىماتىغا ياتىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تىمپىراتورىسى℃11-℃12.1 قىچە بولۇپ يىللىق ھۆل يىغىن مىقدارى 47.1-28.9 مىللىمىتىرغىچە يىللىق ھورغا ئايلىنىش مىقدارى2198-2790مىللىمىتىرغىچە بولىدۇ.

شىمالى قۇملۇق رايۇنى

قۇملۇق كىلىماتى ئىنتايىن قۇرغاق،يامغۇرى ئاز،كۈن نۇرى كۈچلۈك،كېلىمات ئۆزگىرىشى تىز،قۇم-بوران كۆپ بولۇپ،تىپىك چوڭ قۇرۇقلۇق چۆللۈك كىلىماتىغا ياتىدۇ.

ھاۋارايى ئەھۋالى

تۈزلەڭلىك رايۇننىڭ ℃0 ≤يىغىندى تىمپىراتورىسى℃4507.1-℃4783 قىچە،℃10 ≤يىغىندى تىمپىراتورىسى℃406.1-℃4311.6 قىچە بولىدۇ. قۇملۇق رايۇنىنىڭ يىغىندى تىمپىراتورىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.مەسىلەن: خوتەن تەۋەككۇلنىڭ ℃0 ≤يىغىندى تىمپىراتورىسى℃5000،℃10≤يىغىندى تىمپىراتورىسى℃4500 بولىدۇ. تاغلىق رايۇننىڭ يىغىندى تىمپىراتورىسى دېڭىز يۇزى بىلەن بولغان ئىگىزلىكىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تۈۋەنلەيدۇ. مەسىلەن: خوتەن قاراڭغۇ تاغنىڭ ℃0 ≤يىغىندى تىمپىراتورىسى℃2453.4،℃10≤يىغىندى تىمپىراتورىسى℃1865.2،كەڭشىۋەنىڭ ℃0 ≤يىغىندى تىمپىراتورىسى℃1090.3،℃10≤يىغىندى تىمپىراتورىسى℃293.3 بولىدۇ. تاتلىق سۇ كۆلىنىڭ ℃0 ≤يىغىندى تىمپىراتورىسى ئاران ℃341.2بولىدۇ.

  تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ قىروۋسىز مەزگىلى 182 كۈندىن 226 كۈنگىچە بولۇپ،كۆپ بولغاندا 200 كۈندىن ئاشىدۇ،قۇملۇق ۋە تاغلىق رايونلارنىڭ دەسلەپكى قىروۋ مەزگىلى بوستانلىق رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا،ئاخىرلىشىشى كېيىنرەك بولىدۇ،مەسىلەن خوتەن تەۋەككۇل يېزىسىنىڭ قىروۋسىز مەزگىلى 200 كۈندىن 210 كۈنگىچە،قاراڭغۇ تاغنىڭ تەخمىنەن 100 كۈن.

  قىشتا قار ئاز ياغىدۇ،ئوتتۇرىچە قار يېغىش كۈنى 6.3 كۈن بولۇپ،ئوتتۇرىچە قار يېغىش مىقدارى 3.6 مىللىمىتىر،ئەڭ كۆپ بولغاندا 21 كۈن بولۇپ،قار مىقدارى 23.2 مىللىمېتىرغا يىتىدۇ،قىشتا قاتتىق سوغۇق بولمايدۇ،تېمپىراتۇرىنىڭ يىللىق سېلىشتۇرما پەرقى 23 سىلسىيە گىرادۇستىن 35 سىلسىيە گىرادۇسقىچە بولۇپ،كۈندىلىك سېلىشتۇرما پەرقى 12.8 سىلسىيە گىرادۇستىن 16.3 سىلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدۇ[3]

 1913-يىلى خوتەن بىۋاستە ئايمىقى خوتەن ناھىيسى بولۇپ قۇرۇلغان،گۇۋاڭشۈنىڭ28-يىلى (1902-يىلى گۇما ناھىيسى تەسىس قىلىنغان)خوتەن ناھىيسىنىڭ شەرقى چىگرىسىدىكى 23كەنت بىلەن كېرىيە ناھىيسىنىڭ غەربى چىگرىسىدىكى 15كەنت ئايرىلىپ،لوپ ناھىيسى تەسىس قىلىندى.1915-يىلى خوتەن ناھىيسىدىن قاراقاش ناھىيسى ئايرىلىپ چىقتى.1929-يىلى چىرا ناھىيسى تەسىس قىلىندى،گۇاڭشۈنىڭ 9-يىلى (1883-يىلى)كېرىيە ناھىيسى تەسىس قىلىنىپ،ئورنى قاراقاشتا (ھازىرقى قاراقاش ناھىيە بازىرى)بولدى. كىيىن ھازىرقى ئورنىغا كۆچتى،1959-يىلى كىرىيە ناھىيسى دەپ ئۆزگەرتىلدى.1945-يىلى نىيا مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇلدى.1947-يىلى نىيا ناھىيسىگە ئۆزگەرتىلدى.1983-يىلى 9-ئايدا گوۋۇيۇەننىڭ تەستىقى بىلەن خوتەن شەھىرى قۇرۇلدى.ئاپتۇنۇم رايۇن خوتەن ناھىيسىنىڭ خوتەن بازىرى شورباغ گوڭشىسى،لاسكۇي گۇڭشىسى،ئۇرۇغچىلىق مەيدانىنى خوتەن شەھىرىگە ئايرىپ بىرىشنى تەستىقلىدى،1950-يىلى ج ك  پ  خوتەن ۋىلايەتلىك كومىتېتى،خوتەن ۋالى مەھكىمىسى قۇرۇلدى.1966-يىلى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»باشلانغاندىن كىيىن،رەھبەرلىك ئورگىنىنىڭ ھوقۇقى تارتىۋىلىنىپ،ئاپپاراتلار پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى.1969-يىلى خوتەن يەرلىك ئىنقىلابى كومىتېتى قۇرۇلدى،1971-يىلى 2-ئايدا خوتەن ۋىلايەتلىك ئىنقىلابى كومىتېتكە ئۆزگەرتىلدى،شۇ يىلى 6-ئايدا ج ك پ خوتەن ۋىلايەتلىك كومىتېتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ قۇرۇلدى،1978-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك ئىنقىلابى كومىتېت ىوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكمىگە ئۆزگەرتىلدى.

خوتەن ۋىلايىتى ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان كۆپ مىللەتلىك ۋىلايەت بولۇپ،ئۇيغۇر،خەنزۇ،خۇيزۇ،قازاق،قىرغىز،مانجۇ،موڭغۇل،زاڭزۇ،تۇجازۇ،ئۆزبەك قاتارلىق 22 مىللەت بار،ئاھالىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ،ۋىلايەتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليۇن 39 مىڭ 600 بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %96.4نى،خەنزۇلار %3.4نى،باشقا مىللەتلەر %0.2نى ئىگىلەيدۇ. يېزا ئىگىلىك 14- دىۋىزىيىسى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مۇھىم تەركىۋىي قىسمى بولۇپ،4 تۈەن (مەيدان) بار،ئومۇمىي نوپۇسى 36 مىڭ 700.[5]

خوتەن ۋىلايىتىدە قەدىمدە گۇما،ئۇدۇن،ئۇزۇنتات،نىران،رۇڭلار،چىرا بەگلىكلىرى بولغان،غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ 2- يىلى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 60- يىلى)دىن باشلاپ،غەربىي خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرتقا قورۇقچى بەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلغان،غەربىي يۇرت قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشى بىلەن خوتەن جۇڭگو تەۋەلىكىگە مەنسۇپ بولۇپ،ۋەتىنىمىز مۇقەددەس زىمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلانغان،مىلادىدىن بۇرۇنقى 2- ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدە خەن سۇلالىسى ئۇدۇن،ئۇزۇنتات،نىران،گۇما،چىرا،روڭلار بەگلىكلىرى خەن سۇلالىسىنىڭ مۆھىرىنى قۇبۇل قىلدى،خەن سۇلالىسى يەنە نىراندا ئايماق تەسىس قىلىپ،بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىشلىرىنى ئىدارە قىلغان،مىلادى 57- يىلدىن كېيىن ئۇدۇن بەگلىكى كۈچىيىپ،ئەتراپىدىكى خوشنا بەگلىكلەرنى بويسۇندۇرغان،ۋېي،جىن سۇلالىلىرىگە كەلگەندە،گۇما،چىرا،رۇڭلار،ئۇزۇنتات،نىران قاتارلىق بەگلىكلەر ئۇدۇنغا قوشۇلۇپ كەتكەن،بۇ مەزگىلدىكى ئۇدۇننىڭ دائىرىسى ھازىرقى خوتەن ۋىلايىتىگە توغرا كېلەتتى،غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ مەركىزىي خاندانلىق بۇ يەردە ئايماق تەسىس قىلىپ باشقۇرغان،جىن ۋۇدى سۇلالىسىنىڭ 5- يىلى (مىلادى 269- يىلى) ئۇدۇن بەگلىكىگە «جىن سۇلالىسىگە كۆيۈنگۈچى» دىگەن نامنى بەرگەن،تاڭ سۇلالىسىنىڭ 2- يىلى (مىلادى 675- يىلى) خوتەندە ۋايسارا تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ 10 ئايماق قۇرغان،كېيىن ۋايجراشۇڭ ئۇدۇن بەگلىكىنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن،لىياۋ سۇلالىسى ئۇدۇندا بەگلىك مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ،سۇڭ رىنزۇڭ جيايۇ 8- يىلى (1063- يىلى) ئۇدۇن بېگىگە ساداقەتمەن قاراخان پادىشاھ دەپ ئوتۇغات نامى بەرگەن،يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇللار بەگلىك قۇرغان،مىلادى 1279- يىلىدىن 1289- يىلىغىچە قۇبلەيخان خوتەندە ئايغاقچى مەھكىمىسى،باش ئەمىر لەشكەر مەھكىمىسى تەسىس قىلغان،يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇدۇن قۇدان ياكى خوتەن دەپ ئاتالغان،چىڭ سۇلالىسى بۈگۈنكى كېرىيەدە ئۇدۇننى تەسىس قىلغان بولۇپ،شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇدۇن خوتەن نامى بىلەن ئاتالغان،1759- يىلى چىڭ سۇلالىسى خوتەندە خان ئامبال تەسىس قىلغان،بۇ ئامبالنى يەركەنت ئامبىلى باشقۇرغان،1865- يىلى ياقۇپ بەگ خوتەننى بېسىۋالغان،1878- يىلى چىڭ سۇلالىسىنىڭ لىيۇ جىنتاڭ قوشۇنى خوتەننى قايتۇرۇۋالغان،گۇاڭشۈنىڭ 9- يىلى (1883- يىلى) خوتەن بىۋاستە قاراشلىق ئايماق بولۇپ قۇرۇلغان،مىڭگونىڭ 17- يىلى (مىلادى 1928- يىلى)خوتەن مەمۇرىي رايونغا ئۆزگەرتىلىپ ۋالىي مەھكىمىسى قۇرۇلغان،1933- يىلى مۇھەممەت ئىمىن توپىلاڭ كۆتۈرۈپ،«خوتەن ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» قۇرغان،1934- يىلى ما خوسەن قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان،1937- يىلى شىڭ شىسەي ئۆلكە ئارمىيىسىنى باشلاپ خوتەنگە كىرگەن،مىڭگونىڭ 32- يىلى (مىلادى 1943- يىلى) مەمۇرىي نازارەتچىلىك ۋالىي مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان،1949- يىلى 12- ئاينىڭ 22- كۈنى جۇڭخۇا خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ 15- تۈەنى خوتەنگە كېلىپ خوتەننى ئازاد قىلغان،1950- يىلى خوتەن مەخسۇس رايون دەپ ئاتالغان،1959- يىلى «خوتەن» دەپ ئاتالغان،1971- يىلى مەخسۇس رايون ۋىلايەت قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن،1979- يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە قۇرۇلغان،خوتەن قەدىمقى يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولۇپ،قەدىمقى تۆت چوڭ مەدەنىيەتنىڭ تۈگۈنى بولغان،مىلادىدىن بۇرۇنقى 1- ئەسىردە بۇددا دىنى خوتەنگە كىرگەندىن كېيىن خوتەندە شانلىق بۇددا مەدەنىيىتى يارىتىلغان،قەدىمقى ئۇدۇن بۇددا ئىلى دەپ ئاتالغان،مىلادى 1006- يىلى ئىسلام دىنى خوتەنگە كىرىپ كەڭ تارقالغان.[4]

ئۇنۋېرسال

  ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۆرۈنەرلىك تىز بولدى. دەسلەپكى ھىساۋاتقا ئاساسلانغاندا،2010- يىلى پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) 1 مىليارت 59 مىليۇن يۈەن بولۇپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %12.2 ئاشقان،بىرىنچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 3 مىليارت 376 مىليۇن يۈەن بولۇپ %4.9 ئاشقان،ئىككىنچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 1 مىليارت 920 مىليۇن يۈەن بولۇپ %17.2 ئاشقان،ئۈچىنچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 4 مىليارت 764 مىليۇن يۈەن بولۇپ %15.5 ئاشقان. بىرىنچى،ئىككىنچى،ئۈچىنچى كەسىپ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ۋىلايەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %33.6،%19.1،%47.3 بولغان. تۇرۇشلۇق نوپۇسنىڭ سانى بويىچە ھىساپلىغاندا،ۋىلايەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 5035 يۈەن بولۇپ %9.9 ئاشقان.

  بازار باھاسى ئۆرلىگەن. نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا،2010- يىللىق ئاھالىلارنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرى باھاسى (CPI) ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.7 ئاشقان،8 خىل باھادىن قارىغاندا،«5تە ئۆسۈش،3تە تۆۋەنلەش» ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن،بۇنىڭ ئىچىدە باھا بىر قەدەر زور دەرىجىدە ئۆسكەنلىرى يىمەكلىك،ئولتۇراق،ھاراق-تاماكا،داۋالىنىش،ساقلىقنى ساقلاش،شەخسلەر تۇرمۇش بۇيۇملىرى،كىيىم-كېچەك تۈرىدىكىلەر بولۇپ،ئايرىم-ئايرىم ھالدا %13،%5،%5،%1.3،%0.6 بولغان،باھاسى بىر قەدەر تۆۋەنلىگەنلىرى كۆڭۈل ئېچىش،مائارىپ،مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ۋە مۇلازىمەت،قاتناش ۋە ئالاقە،ئائىلە سايمانلىرى ۋە رىمونتچىلىق مۇلازىمەت تۈرىدىكىلەر بولۇپ،ئايرىم-ئايرىم ھالدا %1.3،%0.3،%0.2 تۆۋەنلىگەن. يىمەكلىك تۈرى ئىچىدىكى سەي-كۆكتات،تۇخۇم،ماي،قۇرۇق مىۋە-چىۋە قاتارلىقلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشى بازار باھاسىنى ئۆرلەتكەن ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قالغان،سانائەت بۇيۇملىرىنىڭ زاۋۇت باھاسى (PPI) %0.59 ئۆرلىگەن.

يېزا-ئىگىلىك

دېھقانچىلىق  2010- يىلى دېھقانچىلىق،ئورمانچىلىق،چارۋىچىلىق،بىلىقچىلىق كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 7 مىليارت 645 مىليۇن يۈەنگە يەتكەن بولۇپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %7.6 ئاشقان،بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانچىلىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 4 مىليارت 618 مىليۇن يۈەن بولۇپ %6.3 ئاشقان،ئورمانچىلىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 1 مىليارت 101 مىليۇن يۈەن بولۇپ %26.8 ئاشقان،چارۋىچىلىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 1مىليارت 777 مىليۇن يۈەن بولۇپ %1 ئاشقان،بىلىقچىلىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 24 مىليۇن يۈەن بولۇپ %1.2 ئاشقان،دېھقانچىلىق،ئورمانچىلىق،چارۋىچىلىق،بىلىقچىلىقنىڭ مۇلازىمەتچىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 125 مىليۇن يۈەن بولۇپ %11.7ئاشقان.

  دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى زور دەرىجىدە ئاشقان،ھەر دەرىجىلىك پارتكوم،ھۆكۈمەتلەر يېزا ئىگىلىككە ئېتىۋار بېرىش سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،دېھقانچىلىق تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتتى،دېھقانچىلىقنىڭ كەسىپلىشىشى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ،ۋىلايەت بويىچە ئاشلىق تېرىلغان كۆلەم 2 مىليۇن 396 مىڭ 800 مو بولۇپ 44 مىڭ 500 مو كۆپەيگەن،ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1 مىليۇن 74 مىڭ 600 توننىغا يىتىپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن 23 مىڭ 900 توننا كۆپىيىپ %2.3 ئاشقان،ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلى 448.34 كىلوگىرامغا يىتىپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن 1.66 كىلوگىرام ئاشقان،%0.4 كۆپەيگەن،كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 374 مىڭ 600 مو بولۇپ 119 مىڭ مو كۆپەيگەن،ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 46 مىڭ 500 توننىغا يىتىپ %1.8 ئاشقان،بىرلىك مەھسۇلاتى 124.04 كىلوگىرامغا يىتىپ 1.81 كىلوگىرام ئازايغان،سەي كۆكتاتنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى 224 مىڭ 200 موغا يىتىپ،18 مىڭ 200 مو كۆپەيگەن،بىرلىك مەھسۇلاتى 476 مىڭ 300 توننىغا يىتىپ %14.9 ئاشقان،بىدىنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى 302 مىڭ مو بولۇپ،25 مىڭ 900 مو كۆپەيگەن،ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 272 مىڭ 300 توننىغا يىتىپ %18.4 ئاشقان،قوغۇن-تاۋۇزنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1 مىليۇن 10 مىڭ 800 موغا يىتىپ،109 مىڭ 100 مو ئاشقان،ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 515 مىڭ 100 توننىغا يىتىپ %8.6 ئاشقان،بۇنىڭ ئىچىدە مىۋە-چىۋە كۆلىمى 938 مىڭ 500 مو بولۇپ،92 مىڭ 200 مو كۆپەيگەن،ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 348 مىڭ 500 توننىغا يىتىپ %5.4 ئازايغان.

  ئورمانچىلىق مۇقىم تەرەققىي قىلغان. بۇ يىل تىكىلگەن ئورمان 204 مىڭ مو بولۇپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %27.3 ئازايغان،بۇنىڭ ئىچىدە ئىقتىسادىي ئورمان 152 مىڭ 900 مو بولۇپ %28.5 ئازايغان،قاشالاپ يىتىشتۈرۈلگەن ئورمان 700 مىڭ 200 مو بولۇپ %19.2 ئاشقان،يىتىشتۈرۈلگەن كۆچەت كۆلىمى 2 مىليۇن 205 مىڭ موغا يىتىپ %32.3 ئازايغان،يىتىشكەن كۆلەم 2 مىليۇن 423 مىڭ 100 موغا يىتىپ %54.3 كۆپەيگەن،ياڭاقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 50 مىڭ 600 توننىغا يىتىپ %41.6 ئاشقان،كېسىلگەن ياغاچ مىقدارى 23 مىڭ 200 كۇپ مېتىرغا يىتىپ %17.3 ئازايغان.

  چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇقىم ئاشتى. يىل ئاخىرىغىچە قوتاندا قالغان چارۋا سانى 4 مىليۇن 854 مىڭ 500 توياققا يىتىپ %3 ئاشقان،كۆپىيەلەيدىغان ئانا چارۋا 3 مىليۇن 239 مىڭ 100 توياققا يىتىپ %3.7 ئاشقان،ئەي بولغان بالا چارۋا 3 مىليۇن 441 مىڭ 600 توياققا يىتىپ %5.1 ئاشقان،قولدا قالغان چارۋا 3 مىليۇن 882 مىڭ 900 توياققا يىتىپ %7.4 ئاشقان،گۆش مەھسۇلاتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى 71 مىڭ 400 توننىغا يىتىپ %3.8 ئاشقان،يۇڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى 6 مىڭ 800 توننىغا يىتىپ %3.6 ئاشقان،كالا سۈتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى 29 مىڭ توننىغا يىتىپ %10.4 ئاشقان،قۇش،تۇخۇم مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 10 مىڭ توننىغا يىتىپ %16.7 ئاشقان。

  بىلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كۆلىمى كېڭەيدى. يىللىق سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق كۆلىمى 53 مىڭ 500 موغا يىتىپ %0.2 ئاشقان،سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1800 توننىغا يىتىپ %1.2 ئاشقان.

  ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. يىل ئاخىرىغىچە ئۈنۈملۈك سۇغۇرۇلىدىغان كۆلەم 2 مىليۇن 481 مىڭ 300 موغا يىتىپ %0.6 ئازايغان،يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي ھەركەت مىقدارى 532 مىڭ 800 كىلوۋاتقا يىتىپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %7.5 ئاشقان،يىل ئاخىرىغىچە ئوتتۇرا،چوڭ تىپتىكى تىراكتور 11 مىڭ 300گە يىتىپ %23.9 ئاشقان،كىچىك تىپتىكى تىراكتور 10 مىڭ 600گە يەتكەن.

  دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنىڭ سەرپىياتى ئاشقان،دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان سۇلياۋ يوپۇق مىقدارى 6 مىڭ 222 توننىغا يىتىپ،ئالدىنقى يىلدىكى بىلەن تەڭلەشكەن،ئىشلىتىلگەن ئوغۇت مىقدارى 63 مىڭ 500 توننىغا يىتىپ %9.5 ئاشقان. دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان سالياركا مىقدارى 29 مىڭ 43 توننىغا يىتىپ %9.7 ئاشقان،دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 4 مىليۇن 263 مىڭ 300 توننىغا يىتىپ %11.8 ئاشقان،يېزا ئېلىكتىر مىقدارى 229 مىليۇن كىلوۋات سائەتكە يىتىپ %2 ئاشقان.

  يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى ئۈزلۈكسىز ئاشقان. پۈتۈن يىلدا ئورۇنلانغان ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 1 مىليارت 244 مىليۇن يۈەن بولۇپ %8.8 ئاشقان؛تىجارەت كىرىمى 1 مىليارت 232 مىليۇن يۈەنگە يىتىپ %17 ئاشقان؛124 مىليۇن يۈەن پايدا يارىتىلىپ %13.3 ئاشقان؛52 مىليۇن يۇەن باج تاپشۇرۇلۇپ %23.7 ئاشقان.

[سانائەت ۋە بىناكارلىق]

  يېڭىچە سانائەتلىشىش تەرەققىياتى تىزلەشتى. ۋىلايەت بويىچە ئاساسىي تىجارەت كەسپىي كىرىمى 5 مىليۇن يۈەندىن ئاشقان سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئورۇنلىغان ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 871 مىليۇن يۈەن بولۇپ،ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.1 ئاشقان؛بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر سانائەتتە ئورۇنلانغان ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 736 مىليۇن يۈەن بولۇپ %84.5 نى ئىگىلەپ،%2 ئاشقان؛يىنىك سانائەتتە ئورۇنلانغان ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 135 مىليۇن يۈەن بولۇپ %9.4 ئاشقان؛دۆلەت پېيىنى كونترول قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 536 مىليۇن يۈەنگە يىتىپ،%61.5نى ئىگىلەپ،%4.6 تۆۋەنلىگەن؛سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىش نىسبىتى %98.7 بولغان،بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش نىسبىتى %98،يىنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىش نىسبىتى %102.9 بولغان،پاي ھەسسىدارلىق تۈزۈمىدىكى شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلات سېتىش نىسبىتى %99.1 بولغان.

[مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى]

  مەبلەغ سېلىنمىسىنىڭ كۆپىيىشى تىز ھەم مۇقىم بولدى. ۋىلايەت بويىچە جەمئىيەت مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى پۈتۈن يىلدا 10 مىليارت 69 مىليۇن يۈەن (يەرلىك 7 مىليارت 901 مىليۇن يۈەن،بىڭتۈەن 268 مىليۇن يۈەن،تۆمۈر يول،دۆلەت يولى 1 مىليارت 900 مىليۇن يۈەن) ئورۇنلىنىپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %31.3 ئاشقان؛بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر-بازار مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 7 مىليارت 905 مىليۇن يۈەن بولۇپ %22.3 ئاشقان؛يېزىلارنىڭ دېھقانلاردىن باشقا نوپۇس سېلىنمىسى 225 مىليۇن يۈەن بولۇپ %27.1 تۆۋەنلىگەن؛يەرلىكنىڭ سېلىنمىسى ئىچىدە بىرىنچى كەسىپكە سېلىنغان مەبلەغ 603 مىليۇن يۈەن بولۇپ %4.3 تۆۋەنلىگەن؛ئىككىنچى كەسىپكە سېلىنغان مەبلەغ 1 مىليارت 379 مىليۇن يۈەن بولۇپ %9.6 ئاشقان؛بۇنىڭ ئىچىدە سانائەت سېلىنمىسى 1 مىليارت 362 مىليۇن يۈەن بولۇپ %11.5 ئاشقان؛ئۈچىنچى كەسىپكە سېلىنغان مەبلەغ 5 مىليارت 919 مىليۇن يۈەن بولۇپ %26.4 ئاشقان؛مەبلەغ سېلىنمىسى پۈتۈن ۋىلايەت ئىقتىسادىنىڭ سىجىل،تىز ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

[ئىچكىي سودا ۋە تاشقىي ئىقتىساد]

  ئىستېمال بازىرى مۇقىم ئاشقان. ۋىلايەت بويىچە جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 2 مىليارت 34 مىليۇن يۈەن بولۇپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %11.1 ئاشقان؛بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر-بازارلارنىڭ 1 مىليارت 463 مىليۇن يۈەن بولۇپ %12.2 ئاشقان؛يېزا-كەنتلەرنىڭ 571 مىليۇن يۈەن بولۇپ %8.2 ئاشقان؛ساھەلەر بويىچە قارىغاندا،توپ تارقىتىش كەسپىدە 319 مىليۇن يۈەن بولۇپ %5.5 ئاشقان؛پارچە سېتىش كەسپىدە 1 مىليارت 447 مىليۇن يۈەن ئورۇنلىنىپ %12.3 ئاشقان؛مېھمانساراي كەسپىدە 18 مىليۇن يۈەن ئورۇنلىنىپ %8.8 ئاشقان؛ئاشخانا يىمەك ئىچمەك كەسپىدە 250 مىليۇن يۈەن ئورۇنلىنىپ %11.6 ئاشقان.

  سودىگەر ۋە مەبلەغ كىرگۈزۈش تىز تەرەققىي قىلدى. پۈتۈن يىلدا ۋىلايەت بويىچە 98 تۈردە سودىگەر ۋە مەبلەغ كىرگۈزۈلۈپ،تۈر ئومۇمىي سېلىنمىسى 2 مىليارت 495 مىليۇن يۈەنگە يىتىپ،ئالدىنقى يىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا %15.1 ئاشقان؛ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 1 مىليارت 263 مىليۇن يۈەن بولۇپ %20.1 ئاشقان؛بۇنىڭ ئىچىدە داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلەنگەن تۈر 38،ئومۇمىي مەبلەغ سېلىنمىسى 917 مىليۇن يۈەن،ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 712 مىليۇن يۈەن،يېڭىدىن ئىشلەنگەن تۈر 60 بولۇپ،ئومۇمىي سېلىنمىسى 1 مىليارت 577 مىليۇن يۈەن،ئەمەلىيلەشكىنى 551 مىليۇن يۈەن،ئاپتونوم رايوننىڭ سىرتىدىن سېلىنما سېلىنغان تۈر 65 بولۇپ،ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى 1 مىليارت 925 مىليۇن يۈەن،ئەمەلىيلەشكىنى 972 مىليۇن يۈەن بولۇپ %20 ئاشقان.

  ئىكىسپورت ئېشىپ ئىمپورت كېمەيگەن. تاموژنا سىتاتىستكىسىغا ئاساسلانغاندا،پۈتۈن يىللىق تاشقىي سودا ئىمپورت ئىكىسپورت ئومۇمىي سوممىسى 7 مىليۇن 157 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ،ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10.1 ھەسسە ئاشقان،بۇنىڭ ئىچىدە ئىكىسپورت سوممىسى 7 مىليۇن 27 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يىتىپ،ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 13.7 ھەسسە ئاشقان؛ئىمپورت سوممىسى 130 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يىتىپ،ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.9 تۆۋەنلىگەن.

  بىئومۇمىي ئىگىلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تىز بولدى. ۋىلايەت بويىچە رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە كۆلەملەشكەن پۇخراۋىي كارخانىلار پائال يىتىلدۈرۈلۈپ «كەسپىي،سەرخىل،ئالاھىدە،يېڭى» ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار زور كۈچ بىلەن تەرەققىي  قىلدۇرۇلۇپ،پۇخراۋىي ئىگىلىك ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى. ۋىلايەت بويىچە يىل ئاخىرىدىكى پۇخراۋىي كارخانىلار 1871گە،كەسىپدارلار 24 مىڭ 900گە،تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتال 3مىليارت 425 مىليۇن يۈەنگە،ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 544 مىليۇن يۈەنگە يىتىپ،ئايرىم-ئايرىم ھالدا %16.3،%8.3،%39.5 ۋە 3.3 ھەسسە ئاشقان؛يىل ئاخىرىدىكى يەككە تىجارەتچىلەر 31 مىڭغا يىتىپ،شۇ يىلى 5800 يەككە تىجارەتچى كۆپىيىپ %4.7 ئاشقان؛تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتال 395 مىليۇن يۈەنگە يىتىپ %53.5 ئاشقان.

[قاتناش]

خوتەن قاتنىشى  قاتناش قۇرۇلۇشى قەدىمى تىزلەشتى. يىل ئاخىرىغىچە پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ماشىنا قاتنىغان تاشيول مۇساپىسى 18 مىڭ 700 كىلومېتىر بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە ناھىيە يولىدىن تۆۋەن تاشيول مۇساپىسى 13 مىڭ 400 كىلومېتىرغا يىتىپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن 154.7 كىلومېتىر كۆپەيدى،يېزا تاشيولى «خەلقنى بېيىتىش،يولنى راۋانلاشتۇرۇش» قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى،قەشقەر-خوتەن تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىدىكى (خوتەن بۆلىكى) پويىز قاتنىغان مۇساپە 205 كىلومېتىرغا يەتتى. يېزا-بازار تاشيولى ۋە قاتناش نىسبىتى %98.9گە يەتتى،مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ يول قاتناش نىسبىتى %99.2كە،ماي بېسىش نىسبىتى %44.4كە يەتتى.

  پۇقراۋىي ئاپتۇموبىل سانى داۋاملىق ئاشتى. يىل ئاخىرىغىچە ۋىلايەت بويىچە پۇقراۋىي ئاپتۇموبىلنىڭ سانى 206 مىڭ 600 بولۇپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %10.7 كۆپەيگەن،بۇنىڭ ئىچىدە: ئاپتۇموبىل 59 مىڭ 500 بولۇپ %37.3 كۆپەيگەن،موتىسكىلىت 122 مىڭ 700 بولۇپ %0.6 كۆپەيگەن،تىراكتۇر 21 مىڭ 900 بولۇپ %10.1 كۆپەيگەن،پىرىتسىپلىق ماشىنا 2500 بولۇپ %74.1 كۆپەيگەن؛باشقا تۈردىكى ئاپتۇموبىللار ئالدىنقى يىلدىكى بىلەن ئوخشاش سەۋىيىنى ساقلىغان،خۇسۇسىي ئاپتۇموبىللار داۋاملىق كۆپەيگەن بولۇپ،سانى 167 مىڭ 900گە يىتىپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن 14 مىڭ 100 ئاپتۇموبىل كۆپىيىپ %9.1 ئاشقان؛ۋىلايەت بويىچە ماتورلۇق ئاپتۇموبىل شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالغان ئادەم سانى 208 مىڭ بولۇپ %13.9 ئاشقان.

  پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يولۇچى،يۈك تىرانسىپورت مىقدارى ئومۇمىيۈزلۈك ئاشقان. پۈتۈن يىلدا ئورۇنلانغان يولۇچى تىرانسىپورت مىقدارى 25 مىليۇن 420 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %6.6 ئاشقان؛يۈك تىرانسىپورت مىقدارى 9 مىليۇن 130 مىڭ توننا بولۇپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %9 ئاشقان؛پۈتۈن يىللىق ئاۋىئاتسىيە يولۇچى تىرانسىپورت مىقدارى 232 مىڭ 600 ئادەم قېتىمغا يىتىپ %23.7 ئاشقان.

پوچتا تېلېگراف

پوچتا تىز يوللانما پوچتا-تېلېگراف خەۋەرلىشىشى بىر قەدەر تىز تەرەققىي قىلغان. پۈتۈن يىلدىكى پوچتا تېلېگراف كەسپىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 2 مىليارت 247 مىليۇن يۈەن بولۇپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %14.5 ئاشقان؛پوچتا مۇلازىمەت تۈرلىرى كۆپىيىپ،يوللانما يەتكۈزۈش سۈرئىتى تىزلەشكەن،پۈتۈن يىلدا 2 مىليۇن 493 مىڭ پارچە خەت يوللانغان،پوچتا تېز يوللانمىسى 8300 گە يەتكەن،شەھەر-يېزىلارنىڭ ئادەتتىكى مۇقىم تېلىفون ئابونتى 133 مىڭ 400گە يىتىپ %5.6 ئازايغان،بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئاھالىسى 55 مىڭ 700 بولۇپ %23.4 ئازايغان؛كۆچمە تېلىفون ئابونتى (كىچىك زېرەك ئابونتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مۇقىم كۆپىيىپ،838 مىڭ 400گە يىتىپ،28 مىڭ 700 ئادەم كۆپىيىپ %3.6 ئاشقان.

  ساياھەتچىلىك

ساياھەتچىلىك تىز تەرەققىي قىلدى. پۈتۈن يىلدا كۈتۈۋېلىنغان چەتئەللىك ساياھەتچى 804 مىڭ ئادەم قېتىمغا يىتىپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %32.9 كۆپەيگەن،بۇنىڭ ئىچىدە: چىگرىدىن كىرگەن ساياھەتچى 9 مىڭ 600 ئادەم قېتىم بولۇپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %31.6 كۆپەيگەن،ساياھەتچىلىك ئومۇمىي كىرىمى 93 مىليۇن يۈەنگە يىتىپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %41.3 كۆپەيگەن؛ۋىلايەت بويىچە ئا دەرىجىلىك مەنزىرە رايون 10غا يەتكەن،بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئۈچ ئا دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى 5،ئىككى ئا دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى 4،بەرپا قىلىنغان يېزا ئىگىلىك ساياھەت نوقتىسى 2،يۇلتۇز دەرىجىلىك دېھقانلار شاتلىقى 4كە يەتكەن،يىل ئاخىرىدا ۋىلايەت بويىچە يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانا 17گە يەتكەن بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە 3 يۇلتۇز دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى مېھمانخانا 15كە يەتكەن،ۋىلايەت بويىچە ئىككى ساياھەت كوپراتىپى بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە: چەتئەلگە چىقىش ساياھەتچىلىك كوپراتىپى 2.

مالىيە،پۇل-مۇئامىلە

  مالىيە كىرىمى تىز سۈرئەتتە كۆپەيدى. پۈتۈن يىلدا تاماملانغان مالىيە كىرىمى 847 مىليۇن يۈەن بولۇپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %59 كۆپەيدى،مالىيە ئومۇمىي كىرىمى ۋىلايەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە %8.4نى ئىگىلەپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %2.4 ئاشتى،بۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى خامچوت كىرىمى 631 مىليۇن يۈەن بولۇپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %44.4 كۆپەيدى،پۈتۈن يىلدا يەرلىك مالىيەنىڭ چىقىمى 10 مىليارت 26 مىليۇن يۈەن بولۇپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %81.1 كۆپەيدى،كىرىم-چىقىم زىددىيىتى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولدى.

  ئامانەت قەرىز كۆلىمى داۋاملىق كېڭەيدى. يىل ئاخىرىدىكى ۋىلايەتنىڭ پۈتۈن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى ئامانەت قالدۇقى 19 مىليارت 612 مىليۇن يۈەن بولۇپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %34.5 كۆپەيدى،بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئامانەت قالدۇقى 8 مىليارت 99 مىليۇن يۈەن بولۇپ %36.9 كۆپەيدى،كارخانا ئامانەت قالدۇقى 3 مىليارت 582 مىليۇن يۈەن بولۇپ %40.5 كۆپەيدى؛تۈرلۈك قەرىز قالدۇق سوممىسى 3 مىليارت 810 مىليۇن يۈەن بولۇپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %27.5 كۆپەيدى؛قەرىز ئىچىدە قىسقا مۇددەتلىك قەرىز سوممىسى 2 مىليارت 260 مىليۇن يۈەن بولۇپ %18.2 ئاشتى؛ئوتتۇرا،ئۇزۇن پەسىللىك قەرىز سوممىسى 1 مىليارت 531 مىليۇن يۈەن بولۇپ %43 ئاشتى؛پۈتۈن يىلدىكى پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ نەخپۇل كىرىمى 39 مىليارت 303 مىليۇن يۈەن بولۇپ %36.4 ئاشتى؛نەخپۇل چىقىمى 40 مىليارت 957 مىليۇن يۈەن بولۇپ %38 كۆپەيدى؛1 مىليارت 654 مىليۇن يۈەن پۇل تارقىتىلىپ %91.8 كۆپەيدى.

سۇغۇرتا كەسپى

سۇغۇرتا كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى بولدى. پۈتۈن يىلدىكى سۇغۇرتا كىرىمى 223 مىليۇن يۈەن بولۇپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %16.4 كۆپەيدى؛بۇنىڭ ئىچىدە مال-مۈلۈك سۇغۇرتا كىرىمى 125 مىليۇن يۈەن،ئۆمۈر سۇغۇرتىسى كىرىمى 98 مىليۇن يۈەن بولۇپ،ئايرىم-ئايرىم ھالدا %16.1،%16.8 كۆپەيدى؛تۆلەم بېرىلگەن پۇل 70 مىليۇن يۈەن بولۇپ %2.8 تۆۋەنلىدى؛بۇنىڭ ئىچىدە مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسىدىن تۆلەم بېرىلگىنى 56 مىليۇن يۈەن،ئۆمۈر سۇغۇرتىسىدىن تۆلەم بېرىلگەن پۇل 14 مىليۇن يۈەن بولۇپ،ئايرىم-ئايرىم ھالدا %40.9 ئاشتى ۋە %20.5 تۆۋەنلىدى.

ئاساسىي مۇئەسسەلىرى

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ 513-لىنىيىسى تەۋەسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. تارىم قۇملۇق تاشيولىدا قاتناشنىڭ باشلىنىشى خوتەن بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى؛ ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشقان بولۇپ، % 90 دىن كۆپرەكى ئاسفالىتلاشتۇرۇلۇپ بولدى. خوتەن ئايرودرومىغا چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولوچىلار ئايروپىلانى قونالايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئۇچالايدۇ. ھەر كۈنى قەرەللىك ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بار. [6]

ئىجتىمائىي  ئىشلار

  پەن-تېخنىكا ئىشلىرى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى. پۈتۈن يىلدا ۋىلايەت ئىلتىماس قىلىپ،دۆلەت،ئاپتونوم رايوننىڭ پەن-تېخنىكا پىلانىغا كىرگۈزگەن تۈرى 31گە،تۈر راسخودى 9 مىليۇن 200 مىڭ يۈەنگە،ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 7 مىليۇن 20 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ ئەمەلىيلەشكەن ئۈچ تۈرلۈك راسخودى 20 مىليۇن 960 مىڭ يۈەنگە يىتىپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %19.6 ئاشتى،پەن-تېخنىكىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك راسخود تۈرى 148گە يىتىپ،ئاجرىتىلغان تۈر مەبلىغى 14 مىليۇن 608 مىڭ يۈەنگە يەتتى،ۋىلايەتنىڭ «ئىككىنى تىزلىتىش،بىردە بۆسۈش ھاسىل قىلىش» بويىچە پەن-تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىشنى چۆرىدەپ،ناھىيە،يېزا،كەنت دەرىجىلىك ئۈلگىلىك باغ،ئۈلگىلىك كەنتتىن 77سى يىتىشتۈرۈلۈپ،ئۈلگە كۆرسىتىش كۆلىمى 7075 موغا يەتتى. پاتنېتنى ئىقتىسادقا ئايلاندۇرۇشتا بەلگىلىك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتىلدى.

مائارىپ مائارىپ ئىشلىرى داۋاملىق مۇستەھكەملەندى. 2010- يىلى ۋىلايەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ ئىنىستىتوتى ئۈچ،مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 5800 بولۇپ %5.9 ئاشتى؛ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوملار 4،مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 4500 بولۇپ %44 ئاشتى؛ كەسپىي تۇلۇق ئوتتۇرا 8،مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 16 مىڭ 500 بولۇپ %27.6 ئاشتى؛ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ 147،مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 115 مىڭ 300 بولۇپ %1.6 تۆۋەنلىدى؛بۇنىڭ ئىچىدە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 11 مىڭ 100 بولۇپ %9.5 ئاشتى؛تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 103 مىڭ 200 بولۇپ %2.7 تۆۋەنلىدى؛باشلانغۇچ مەكتەپ 670،مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 199 مىڭ 500 بولۇپ %3.8 تۆۋەنلىدى؛يەسلى 199،يەسلىدىكى بالا 59 مىڭ 100 بولۇپ %22.1 ئاشتى،ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپى،ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ خوتەندىن قۇبۇل قىلغان ئوقۇغۇچى سانى 1458گە يەتتى؛باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99.7،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %96.5كە،تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ ئادەتتىكى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %12.7كە يىتىپ %0.6 ئاشتى.

 مەدەنىيەت ئىشلىرى تىز تەرەققىي قىلدى،ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى كۈچىيىپ 74 يېزا-بازارنىڭ مەدەنىيەت پونكىتى قۇرۇلۇشى تاماملاندى،پۈتۈن يىلدا يېڭىدىن 161 كەنت دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئۆيى،20 مەھەللە مەدەنىيەت ئۆيى قۇرۇلدى،يېزىلاردا سىفىرلىق كىنو قويۇش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ،80 يۈرۈش كىنو قويۇش سىستېمىسى ئىشلىتىلدى. ۋىلايەت،ناھىيە دەرىجىلىك سەنئەت ئۆمەكلىرى 1614 مەيدان قېتىم ئويۇن قويۇشقا قاتناشتى،خوتەندە مىللىي پۇراق،يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە دەۋىر روھىغا ئىگە ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرى «پارتىيىنىڭ سىياسىتى ياخشى»،مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2010- يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە قويۇلدى. چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇل «ھەممە بار بۇ نەغمىدە» دۆلەتلىك تىياتىرخانىدا قويۇلدى. يىل ئاخىرىدا،ۋىلايەت بويىچە كەسپىي سەنئەت ئۆمىكى 9؛كۈتۈپخانىدا ساقلانغان ئومۇمىي كىتاپ 441 مىڭ؛ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى مەدەنىيەت يۇرتى،سەنئەت سارىيى 9؛ۋىلايەتلىك مۇزېي پۈتۈن يىلدا كۈتىۋالغان ئېكىسكۇرسىيە قىلغۇچى جەمئىي 78 مىڭ 600 ئادەم قېتىم بولۇپ %33.2 كۆپەيدى. ۋىلايەت بويىچە رادىئو تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 10،تەڭشەلمە چاستوتا ئۇلاپ تارقىتىش ئىستانسىسى 198،تېلېۋىزور ئۇلاپ تارقىتىش ئىستانسىسى 202؛خەلق رادىئو ئۇزۇلى نومۇرى 18 يۈرۈش بولۇپ،ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەر كۈنى 181.72 سائەت؛تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى نومۇرى 17 يۈرۈش بولۇپ،ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەپتىسىگە 1460.95 سائەت تارقىتىدۇ. سىملىق تېلېۋىزىيە ئابونتى 20 مىڭ 600 ئائىلىگە يىتىپ %19.1 كۆپەيدى. بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئاھالىسى 2600 ئائىلە،تېلېۋىزور ۋە رادىئونىڭ ئاھالىنى قاپلاش نىسبىتى %97.6 ۋە %98كە يىتىپ،ئالدىنقى يىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا،ئايرىم-ئايرىم %0.3 فوئىنت ئۆستى. «خوتەن گېزىتى»نىڭ بېتى كۆپەيتىلىپ،پۈتۈن يىلدا 9 مىليۇن 965 مىڭ نۇسخا تارقىتىلىپ،ئالدىنقى مەزگىلدىكىدىن %10.5 تۆۋەنلىدى،بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچە گېزىت 7 مىليۇن 37 مىڭ نۇسخا بولۇپ،%15.2 تۆۋەنلىدى،خەنزۇچە گېزىت 1 مىليۇن 928 مىڭ نۇسخا بولۇپ %3.5 كۆپەيدى،نەشىر قىلغان ژورنال (ئۇيغۇرچە «يېڭى قاشتېشى سەنئىتى») 18 مىڭ نۇسخا بولۇپ،ئالدىنقى يىل بىلەن تەڭلەشتى.

سەھىيەشەھەر-يېزا داۋالاش،سەھىيە ئىشلىرى يەنىمۇ راۋاجلاندى. يىل ئاخىرىدا،ۋىلايەت بويىچە تۈرلۈك سەھىيە،داۋالاش ئاپپاراتى جەمئىي 297 بولۇپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن 29ى كۆپەيدى. بۇنىڭ ئىچىدە دوختۇرخانا 54،كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش،تىزگىنلەش مەركىزى 9،ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتى 9،يېزا-بازارلىق شىپاخانا ۋە مەھەللە مۇلازىمەت ئاپپاراتى 98،سەھىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى 9. سەھىيە ئاپپاراتىدىكى كارۋات 10مىڭدىن ئېشىپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %15 كۆپەيدى،بۇنىڭ ئىچىدە دوختۇرخانىدىكى كارۋات 6100،يېزا-بازارلىق شىپاخانىدا 3800. شەھەر-يېزا داۋالاش،سەھىيە كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلار قوشۇن قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ،ۋىلايەت بويىچە سەھىيە تېخنىكا خادىمى 6 مىڭغا يىتىپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %8.7 كۆپەيدى،بۇنىڭ ئىچىدە كەسپىي دوختۇر (كەسپىي ياردەمچى دوختۇرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 2200،رويخەتكە ئېلىنغان سىستېرا 1700. دېھقان،چارۋىچىلىق رايوننىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى ئومۇمىيۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ،ۋىلايەت بويىچە بۇنىڭغا قاتناشقان دېھقان،چارۋىچى 1 مىليۇن 617 مىڭ 500 گە يىتىپ،قاتنىشىش نىسبىتى %99.33 بولدى.

 تەنتەربىيە

 تەنتەربىيە ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ۋىلايەتنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 2010- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك تەنھەركەت يىغىنى،ئاپتونوم رايونلۇق 7- نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەركەت يىغىنى،ئاپتونوم رايونلۇق 5- نۆۋەتلىك مېيىپلار تەنھەركەت يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 5- نۆۋەتلىك ياشانغانلار تەنھەركەت يىغىنى قاتارلىق تۆت تەنھەركەت يىغىنىدا 21 تۈرلۈك مۇسابىقىگە قاتنىشىپ جەمئىي 14 ئالتۇن مېدال،22 كۈمۈش مېدال،31 مىس مېدالغا ئېرىشىشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى،ئاممىۋىي ساغلاملىق پائالىيىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تەن ساپاسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

نوپۇس ۋە خەلق تۇرمۇشى

  نوپۇس كۆلىمى تەرتىپلىك كېڭەيدى. ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ سىتاتىستكىسىغا ئاساسلانغاندا،يىل ئاخىرىدىكى پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليۇن 39 مىڭ 600 بولۇپ،ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 83 مىڭ 800 ئادەم كۆپىيىپ %4.3 (ئەرلەر 1 مىليۇن 33 مىڭ 400،ئاياللار 1 مىليۇن 6 مىڭ 200 بولۇپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا %3.6 ۋە %5 كۆپەيدى) ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە: يېزا نوپۇسى 1 مىليۇن 701 مىڭ 500 بولۇپ %4.5،شەھەر نوپۇسى 338 مىڭ 100 بولۇپ %3.2،خەنزۇلار 70 مىڭ 300 بولۇپ %3.5،ئۇيغۇرلار 1 مىليۇن 964 مىڭ 900 بولۇپ %4.3،باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر 4600 بولۇپ %6.7 كۆپەيدى. يىل ئاخىرىدىكى ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە نوپۇسى 3.73 ئادەم بولۇپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن 0.02 ئادەم ئازايدى. نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش  نىسبىتى ‰29.42،ئۆلۈش نىسبىتى ‰6.92،تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰22.5 بولۇپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم،‰5.82 ،‰1.67 ۋە ‰4.14 فوئىنت كۆپەيدى.

  ئاھالىلارنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشتى. دۆلەتلىك سىتاتىستكا ئىدارىسى خوتەن تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ 50 ئائىلىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا،2010- يىلى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 12743.3 يۈەن بولۇپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %10.3؛شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىستېمال چىقىمى 10670.6 يۈەن بولۇپ %3.8 كۆپەيدى. بۇنىڭ ئىچىدە: ئاھالىلارنىڭ يىمەكلىك ئىستېمالى 4095.24 يۈەن بولۇپ %1.2 ئېشىپ،ئىستېمال چىقىمىنىڭ %38.4نى ئىگىلىدى. ۋىلايەت بويىچە دېھقان،چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 3150 يۈەن بولۇپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن 483 يۈەن كۆپىيىپ %18.1 ئاشتى. ئىشلەۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى 32 مىڭ 899 يۈەن بولۇپ %21.3 كۆپەيدى.

  ئاھالىلارنىڭ ئولتۇراق شارائىتى داۋاملىق ياخشىلاندى. پۈتۈن يىلدا يېڭىدىن سېلىنغان ئەرزان،قولايلىق ئولتۇراق ئۆي 520 يۈرۈش،48 مىڭ كۇۋادىرات مېتىر،ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي 9431 يۈرۈش،472 مىڭ كۇۋادىرات مېتىر،جەمئىي سېلىنغان يېزا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئولتۇراق ئۆي 391 مىڭ 700 يۈرۈش بولۇپ،1 مىليۇن 560 مىڭ ئادەم كۆچۈپ كىردى.

  تەبىئىي گاز ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى جىددىي يولغا قويۇلىۋاتىدۇ. تەبىئىي گاز 39 مىڭ 100 ئائىلىگە كىرگۈزۈلۈپ،پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ئومۇمىي ئائىلىنىڭ %7.2نى ئىگىلىدى،بۇنىڭ ئىچىدە: يېزا ئاھالىسى 4132 ئائىلىگە يەتتى.

  يېزا ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقى زورايتىلدى. پۈتۈن يىلدا 101 مىڭ 600 ئادەمنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ،يېزىلاردا ئىچىملىك سۈيى ياخشىلانغانلار 1 مىليۇن 150 مىڭ ئادەمگە يەتتى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش

  ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى مۇقىم بولدى.  ۋىلايەت بويىچە كەسىپدارلار 745 مىڭ 900گە يىتىپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %3.7 كۆپەيدى،بۇنىڭ ئىچىدە: شەھەر-بازارلاردىكى كەسىپدارلار 161 مىڭ 100 بولۇپ %3.8 كۆپەيدى. شەھەر-بازار ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچى 79 مىڭ بولۇپ %0.03 كېمەيدى. پۈتۈن يىلدا ۋىلايەت بويىچە ئىشلەۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش ئومۇمىي سوممىسى 2 مىليارت 607 مىليۇن يۈەن بولۇپ ئالدىنقى يىلدىكىدىن %21.6 كۆپەيدى. شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 21 مىڭ 700،ئىش ئورنىدىن قالغانلار ۋە ئىشسىزلاردىن 2200 ئادەم قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى،يىل ئاخىرىدا شەھەر-بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلار 2700 بولۇپ %7 ئازايدى. شەھەر-بازارلارنىڭ تىزىملىغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %3.2 بولۇپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %0.5 پوئىنت تۆۋەنلىدى.

ئىجتىمائىي كاپالەت

ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيىسى يەنىمۇ ئۆستى. ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ سىتاتىستكىسىغا ئاساسلانغاندا،يىل ئاخىرىدا ۋىلايەت بويىچە ياشانغاندا كۈتىنىش ئاساسىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 42 مىڭ بولۇپ %12.9،ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 57 مىڭ 600 بولۇپ %40.6،شەھەر-بازار خىزمەتچىلىرىدىن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 124 مىڭ 900 بولۇپ %30.3،ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 56 مىڭ 900 بولۇپ %13.4،تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 67 مىڭ 200 بولۇپ %7 كۆپەيدى. شەھەر-بازار ئاھالىلىرىدىن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 172 مىڭ 600گە يىتىپ %12.3 كۆپىيىپ،قاتنىشىش نىسبىتى %90تىن يۇقۇرى بولدى. ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇشتىن بەھرىمەن بولغانلار 412 مىڭ 800گە يەتتى،بۇنىڭ ئىچىدە: شەھەر-بازار ئاھالىلىرىدىن ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە ئېرىشكەنلەر 109 مىڭ،يېزا ئاھالىلىرىدىن ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە ئېرىشكەنلەر 303 مىڭ 800. يېزا يېڭىچە ئىجتىمائىي ياشانغاندا كۈتىنىش سۇغۇرتىسى ئومۇمىيۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ،يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ قاتنىشىش نىسبىتى %66كە يەتتى.[7]

ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئومۇمىي ئەھۋالى

ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى  خوتەن ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ،مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارلىقى قۇملۇق تاشيولى بىلەن ماڭغاندا 1500 كىلومېتىردىن كۆپرەك كېلىدۇ. پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ شەرىقتىن غەرىپكە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 670 كىلومېتىر،جەنۇپتىن شىمالغا بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن 600 كىلومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى 247 مىڭ 800 كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ،ئاپتونوم رايون ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ 6دىن 1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە: تاغلىق %33.3نى،قۇملۇق چۆل-جەزىرە %63نى،بوستانلىق ئاران %3.7نى ئىگىلەيدۇ. بۇنى قۇملۇق ۋە چۆل-جەزىرىلەر چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان 300دىن كۆپرەك بوستانلىققا ئايرىۋەتكەن،چىگرا لىنىيە ئۇزۇنلۇقى 264 كىلومېتىر. خوتەن ۋىلايىتى قۇرغاق چۆللۈك كېلىماتىغا تەۋە بولۇپ،يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 35 مىللىمېتىر،يىللىق ئوتتۇرىچە ھورغا ئايلىنىش مىقدارى 2480 مىللىمېتىرغا يىتىدۇ،تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە قۇم-بوران كۆپ بولۇپ،ھەر يىلى چاڭ-توزاڭلىق ھاۋارايى 220 كۈندىن ئاشىدۇ،قويۇق چاڭ-توزاڭ (قارا بوران)لىق ھاۋا رايى 60 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. 2009- يىلى خوتەن شەھرى ئۈنۈملۈك كۈزەتكەن كۈن 355 كۈن بولۇپ،شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ياخشى ۋە 2- دەرىجىگە تەڭ بولغان كۈن سانى 154 كۈن،ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئۆلچەمگە يىتىش نىسبىتى %42. جەمئىي 36 دەريا بولۇپ،يىللىق ئومۇمىي ئېقىن مىقدارى 7 مىليارت 253 مىليۇن كۇب مېتىر،شۇنىڭ بىلەن تەڭ 60تىن كۆپرەك بۇلاق بولۇپ،يىللىق ئېقىن مىقدارى 1 مىليارت 192 مىليۇن كۇب مېتىر،پايدىلىنىشقا بولىدىغان يەر ئاستى سۇيى 2 مىليارت 141 مىليۇن كۇب مېتىر. سۇغۇرۇش كۆلىمى بويىچە ھىساپلىغاندا مو بېشىغا 1800 كۇب مېتىردىن كۆپرەك توغرا كېلىدۇ،يىللىق ئېقىن مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشى بىر قەدەر مۇقىم. يەر ئۈستى سۈيىنىڭ پەسىللىك تارقىلىشى ئىنتايىن تەكشىسىز بولۇپ،4-،5- ئايلاردىكى سۇ مىقدارى پەقەت يىللىق سۇ مىقدارىنىڭ %7نى،6- ئايدىن 8- ئايغىچە ئېقىن مىقدارى يىللىق ئېقىن مىقدارىنىڭ %74-%90نى ئىگىلەيدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭ %52ى خوتەن دەريا ئېقىنىغا مەركەزلىشىدۇ. دەريا ئېقىنىنىڭ پەسىللىك پەرقى ناھايىتى زور،ياز پەسلىدە كەلكۈن،كۈز پەسلىدە ئېغىر قۇرغاقچىلىق،قىشتا سۇ ئىنتايىن كەمچىل بولىدۇ. سۇ بايلىقىنىڭ پەسىل ۋە رايونغا تەخسىملىنىشى تەكشىسىز بولۇش قاتارلىق ئامىللار يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى قاتتىق چەكلەپ تۇرىدۇ. يەر كۆلىمى 245 مىڭ 500 كۇۋادىرات كىلومېتىر،تاغلىق 161 مىليۇن 59 مىڭ مو بولۇپ،ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %43.73نى ئىگىلەيدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە: ئوتلاق 32 مىليۇن 889 مىڭ مو،مۇزلۇق 10 مىليۇن 575 مىڭ 100 مو؛بوستانلىق كۆلىمى 9730 كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ،ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %3.96نى ئىگىلەيدۇ؛قالغان كۆپ قىسمى پايدىلانغىلى بولمايدىغان قاقاس تاغ،تۈزلەڭلىك كۆلىمى 27 مىليۇن 269 مىڭ مو بولۇپ،ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %56.27نى ئىگىلەيدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە قۇملۇق 154 مىليۇن 689 مىڭ مو،چۆل-جەزىرە 30 مىليۇن 997 مىڭ 400 مو.

مۇھىت سۈپىتى

خوتەننىڭ ھاۋا رايى  مۇھىت ئاسراش خىزمىتى يەنىمۇ كۈچەيتىدى. 2010- يىلى ئېنىرگىيە تىجەپ بۇلغانمىنى ئازايتىش بويىچە قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش يىلى بولۇپ،«ئۈچ شىمالىي رايون ئىھاتە ئورمىنىنىڭ 4- قارارلىق قۇرۇلۇشى»،تارىم دەريا ۋادىسى خوتەن دەريا ئېكولوگىيىسىنى تۈزەش،تەبىئىي ئورماننى قوغداش،چۆللۈك يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى قوغداش،تۈزلەڭلىكنى كۆكەرتىش قاتارلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر ئەتراپىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ،خوتەننىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى يەنىمۇ ياخشىلاندى. يىل ئاخىرىدا ۋىلايىتىمىزدە پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدىن ئىككىسى بولۇپ،يىللىق پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش مىقدارى 8 مىليۇن 90 مىڭ توننىغا يىتىپ،%57.7 ئاشتى. ئىس-تۈتەك تىزگىنلەش رايونى بىر،كۆلىمى 2.64 كۇۋادىرات كىلومېتىر. مۇھىت ئۆلچەش پونكىتى 5،شاۋقۇن ئۆلچەش نوقتىسى 134،ئۆلچەش كۆلىمى 8.37 كۇۋادىرات كىلومېتىر. نوقتىلىق ئېنىرگىيە ئىشلىتىدىغان كارخانىلار ئېنىرگىيە تىجەش تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىشنى تىزلىتىپ،2010- يىلى 10 مىڭ يۈەنلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنىرگىيە سەرپىياتى 1.59 توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرگە چۈشۈپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %3.8 تۆۋەنلىدى. پۈتۈن يىلدا جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي توك ئىشلىتىش مىقدارى 751 مىليۇن كىلوۋات سائەت بولۇپ %5.5 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاھالىلار ئىشلەتكەن توك 205 مىليۇن كىلوۋات سائەت،سانائەت ئىشلەتكەن توك 312 مىليۇن كىلوۋات سائەت. پۈتۈن يىلدا قويۇپ بېرىلگەن گۈڭگۈرت Ⅳ ئوكسىد ئومۇمىي مىقدارى 6784.27 توننا،خىمىيىلىك ئايروبىك قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارى 5333.2 توننا بولۇپ،ئايرىم-ئايرىم %6.1 ۋە %2.8 ئۆرلىدى.

  -2010 يىلى،خوتەن شەھرى ئاتموسېفىرادىكى ئومۇمىي چاڭ-توزاڭ دانچىسى (TSP)نى ئۈنۈملۈك ئۆلچىگەن كۈن 339 كۈن. 1- دەرىجىلىك (سۈپەتلىك) ھاۋا كېلىماتى بىر كۈن،2- دەرىجىلىك (ياخشى) ھاۋا كېلىماتى 112 كۈن،3- دەرىجىلىك (يىنىك بۇلغانغان) ھاۋا كېلىماتى 157 كۈن،1-،2-،3- دەرىجىلىكى جەمئىي 270 كۈن بولۇپ %79.6نى ئىگىلەپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %52.3 پوئىنت كۆپەيدى. 4- دەرىجىلىك (ئوتتۇرا بۇلغانغان) ھاۋا رايى 20 كۈن،6- دەرىجىلىك (ئېغىر بۇلغانغان) ھاۋارايى 49 كۈن بولۇپ،ئوتتۇرا دەرىجىدىن يۇقۇرى ھاۋارايى %20.4نى ئىگىلەپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %52.3 پوئىنت تۆۋەنلىدى. يىللىق ئوتتۇرىچە توپا يېغىش مىقدارى ئېيىغا 122.2 توننا كۇۋادىرات كىلومېتىر. شەھەر ئىچىنىڭ ئاساسلىق بۇلغانمىسىنى چاڭ-توزاڭ دانچىسى ۋە ياغقان توپا سۈمۈرىدۇ.

چۆل ئورمىنىدىكى توغراق  774 مىڭ 500 مو،شالاڭ ئورمانلىق 1 مىليۇن 890 مىڭ مو،يۇلغۇن ۋە چاتقاللار 1 مىليۇن 446 مىڭ مو، سامان غوللۇق يېپىنچا ئۆسۈملۈك 500 مىڭ مو،پۈتۈن ۋىلايەتتىكى تەبىئىي ئورمان،قاقاسلىق ئورمان ئومۇمىي كۆلىمى 6 مىليۇن 580 مىڭ مو.بۇنىڭ ئىچىدە 4 مىليۇن 390 مىڭ مو دۆلەتنىڭ نوقتىلىق پاراۋانلىق ئورمىنىغا كىرگۈزۈلدى.[8]

خوتەنبۇ ۋىلايەتنىڭ ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن نىيە خارابىسى، ئاقسېپىل قەدىمىي شەھىرى، مىلىكئاۋات خارابىسى قاتارلىقلار بار. ئاساسلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن قۇملۇق مەنزىرىسى، بىپايان كوئىنلۇن، چەكسىز كەتكەن ئۈزۈم كارىدورى قاتارلىقلار بار. 

خوتەن نېمىشقا شەھىدانە خوتەن دەپ ئاتالغان؟خوتەن خەلقىنىڭ داستان رىۋايەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا خوتەننى شېھىدانە خوتەن دەپ تىلغا ئالىدۇ. بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى ۋەقە كۆپ تىلغا ئېلنىدۇ: بىرى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىردا خوتەندە مەنچىڭ خانلىقىنىڭ زۇلىمىغا قارشى ئابدىراخمان خانپاششا ئىسىملىك ئەزىمەتنىڭ باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ غەلبە قىلغان ھەم ئىسلام دۆلىتى قۇرغان. ئۇزۇن ئۆتمەي بەدۆلەت قوشۇن باشلاپ بېرىپ ئۇلارنى ئالداپ، قەسلەپ ئۆلتۈرۋەتكەن. بۇنىڭ بىلەن خوتەن خەلقى پادىشاھىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىپ، نەچچە ئون مىڭ پۇخرا شېھىت بولغان. بۇلارنىڭ باشلىرىدا نەچچە يۇز مېتىر ئېگىزلىكتە تاغ ياسىغان. شۇڭا خوتەن شېھىدانە خوتەن دەپ ئاتالغان. بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار"ئابدىراخمان خانپاششا" دېگەن خەلق داستانىدا تەپسىلىي بايان قىلىنغان. يەنە بىرى: خوتەن خەلقى ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي تۇرپاندىكى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلمىغانلار تەرپىدىن باستۇرلۇشقا ئۇچراپ، پۈتۈن بىر شەھەرنىڭ ئادەملىرى بىر مەيدانغا يىغىلغان، خوتەنلىكلەرنى ئىسلام دىنىدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن بىردىن باغلاپ بوينىغا قىلىچ تەڭلەپ تۇرۇپ، خۇدا نەچچە دەپ سورىغان، خوتەنلىكلەر بىر دەپ جاۋاپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن كاللىسىنى چېپىۋەتكەن، يەنە بىردىن سورىغان بىر دەپ جاۋاپ بەرگەن كاللىسىنى چېپىۋەتكەن، شۇنداق قىلىپ نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ كاللىسىنى چېپىۋەتكەن. ھەممىسى قىلىچ ئالدىدا تەمتىرىمەستىن بىر دەپ جاۋاپ بەرگەن، شۇڭا خوتەنلىكلەر بىرنى بىر دەيدۇ، جاھىل خەق دەپ نام ئالغان ھەمدە شۇ قېتىم شېھىت بولغانلار بەك كۆپ بولغاچقا شۇندىن بېرى خوتەن شېھىدانە خوتەن دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.[0]

يەر تۈزۈلۈشى

يەر تۈزۈلۈشى

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

خوتەننىڭ قىسقىچە ئەھۋالى 

http://uyghur.xjht.gov.cn/htgk/2011/10364.htm

2.

تەبىئى بايلىقلىرى 

http://uyghur.xjht.gov.cn/htgk/2011/10362.htm

9.

مەمۇرى رايۇنلىرى 

http://uyghur.xjht.gov.cn/htgk/2011/10363.htm

3.

خوتەننىڭ يەر شەكلى ۋە ھاۋا كىلىماتى 

http://uyghur.xjht.gov.cn/htgk/2011/10361.htm

5.
4.

تارىخىي ئۆزگىرىش 

http://uyghur.xjht.gov.cn/htgk/2011/10360.htm

6.

ئىقتىسادىي تەرەققىياتى 

http://uyghur.xjht.gov.cn/htgk/2011/10358.htm

7.

ئىجتىمائىي ئىشلار 

http://uyghur.xjht.gov.cn/htgk/2011/10357.htm

8.

ئېكولوگىيىلىك مۇھىت 

http://uyghur.xjht.gov.cn/htgk/2011/10356.htm

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

خوتەن ئۇچۇرتورى

http://uyghur.xjht.gov.cn/index.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#