خاي-پخوڭ شەھىرى

خاي-پخوڭ شەھىرى

ۋيېتنامنىڭ شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى. بۇ شەھەر قىزىل دەريا دېلتىسىنىڭ شەرقىي شىمال، جىڭتەي دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى، شىمالىي قولتۇقىنىڭ بويىغا جايلاشقان.

نامى خاي-پخوڭ شەھىرى
دۆلىتى ۋيېتنام
نوپۇسى 1907705 (2012-يىلى)
چەتئەلچە نامى Thành phố Hải Phòng
قۇرۇلغان ۋاقتى 1874-يىلى
خەنزۇچە نامى 海防市
يەر مەيدانى 1503 كۋادرات كىلومېتر
كىلىماتى تروپىك مۇسسون كىلىماتى
مەمۇرىي رايون تۈرى شەھەر
جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋيېتنامنىڭ شىمالى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خايپخوڭ شەھىرىۋيېتنامنىڭ شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى. بۇ شەھەر قىزىل دەريا دېلتىسىنىڭ شەرقىي شىمال، جىڭتەي دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى، شىمالىي قولتۇقىنىڭ بويىغا جايلاشقان. مەيدانى 1503 كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ بىر مىليون 300 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980) . بۇ جاي ئەسلى كىچىك بىر بېلىقچىلىق يېزىسى بولۇپ، 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى فېئودال خانلار بۇ جايدا «دېڭىزدىن كىرىشنى قوغداش» چېگرا پونكىتى قۇرغان. 

خايپخوڭ شەھىرىشەھەر جىڭتەي دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىغا سوزۇلغان بولۇپ، ۋيېتنامنىڭ مۇھىم ھەربىي ستراتېگىيىلىك ئورنى ھەم دېڭىزدىكى ئىشىكى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى. سانائىتىدە سېمونت، ماشىنىسازلىق، كېمىسازلىق، خىمىيە، فارفور، شال ئاخلاش، كونسېرۋا، ئەينەك قاتارلىق سانائەتلەر ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. تۆمۈريول، تاشيوللار ئارقىلىق خانوي بىلەن بىۋاسىتە تۇتىشىپ تۇرىدۇ. پورتتىكى سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى 13-15 مېتر كېلىدۇ، ئوكيان پاراخوتلىرى كېلىپ توختىيالايدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#