دار ئەل بەيدا

دار ئەل بەيدا

ماراكەشنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان ياقىسىدىكى ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى، ئەڭ مۇھىم سودا-سانائەت مەركىزى. ئۇ دۆلەتنىڭ پايتەختى رابات شەھىرىدىن 88 كىلومېتر غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان.

نامى دار ئەل بەيدا
دۆلىتى ماراكەش
مەمۇرىي رايون تۈرى شەھەر
ئىتقاد قىلىدىغان دىن كۆپ قىسىم ئاھالىلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ
خەنزۇچە نامى 达尔贝达
نوپۇسى 290 تۈمەن (2009)
جۇغراپىيىلىك ئورنى ئاتلانتىك ئوكيان ياقىسىغا جايلاشقان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دار ئەل بەيداماراكەشنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان ياقىسىدىكى ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى، ئەڭ مۇھىم سودا-سانائەت مەركىزى. ئۇ دۆلەتنىڭ پايتەختى رابات شەھىرىدىن 88 كىلومېتر غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 3 مىليوندىن ئوشۇق بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوخشاش بولمىغان ئىرقتىكى 150 دىن ئوشۇق مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دار ئەل بەيدا دارئەل بەيدا شەھىرى ماركەشنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق سودا-سانائەت مەركىزى. بۇ جايدا 58 مىڭ 900 دىن ئوشۇق سودا-سانائەت كارخانىسى، 150 دىن ئوشۇق يېمەك-ئىچمەك سانائەت ئورۇنلىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا توقۇمىچىلىق سانائىتى، خىمىيە سانائىتى، نېفىت ئايرىش، ماشىنىسازلىق، ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، كاۋچۇك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىمۇ بار. دارئەل بەيدا ماراكەشنىڭ ئەڭ چوڭ پورتى، تانجىر شەھىرىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ ساياھەت شەھىرى، بۇ جايدىكى پورتتا بىرلا ۋاقىتتا 24 چوڭ تىپتىكى پاراخوت توختىيالايدۇ. يىلىغا 20 مىليون توننا يۈكنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. بۇ شەھەرنىڭ شىمالىدا كېڭەيتىپ قۇرۇلۇۋاتقان مۇھەممەدىيە پورتىغا 100 مىڭ توننىلىق غايەت زور تىپتىكى پاراخوتلار كېلەلەيدۇ. ماراكەش بويىچە ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ 3/2 قىسمى دارئەل بەيدا پورتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#