تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى تارقىتىش

تېلېۋىزىيە نومۇرلىرنى تارقىتىش

كىنو قويغاندا، كىنو قويۇش ئاپپاراتى قويۇپ چىقارغان سۇرەتلەر ئوپتېكا ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق بىۋاسىتە كامېرا تۇربىسىغا كىرگۈزۈلۈپ ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن تارقىتىلىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىستانسا ئىچىدە ئورۇنداپ تارقىتىش-تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ تارقىتىش بۆلۈمىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. تارقىتىش بۆلۈمىدە مىكروفون ۋە تېلېكامېرا ئارقىلىق ئورۇندالغان ئاۋاز ۋە سۈرەتلەر ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، كۈچەيتىلگەندىن كېيىن، تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ تارقىتىش ماشىنىسى ۋە ئانتېنناسى ئارقىلىق ئېلېكتر سىگنالى رادىئو دولقۇنىغا ئايلاندۇرۇلۇپ تارقىتىلىدۇ. ئادەتتە، بىر نەچچە تېلېكامېرا تەڭ ئىشلىتىلىدۇ. ھەر بىر تېلېكامېرا ئوخشاشمىغان ئورۇندا تۇرۇپ سۈرەتكە ئالىدۇ، سۈرەتلەر رېژىسسورنىڭ تەھرىرلىكىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن تارقىتىلىدۇ. 

پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئوخشاش بەزى نومۇرلارنى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ تارقىتىش بۆلۈمىدە ئورۇندىغىلى بولمايدۇ. ئۇنى پەقەت نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقاتقىلى بولىدۇ. نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقاتقاندا، تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى ئۇلاپ تارقىتىش ماشىنىسى ئىشلىتىلىدۇ، ماشىنىغا زۆرۈر بولغان ئۇلاپ تارقىتىش ئۈسكۈنىلىرى سەپلەنگەن بولۇپ، رېژىسسور دەل ئاشۇ ماشىنىنىڭ ئۈستىدە مەشغۇلات ئېلىپ بارىدۇ. بۇ چاغدا، تېلېكامېراغا ئالغۇچى ئۇلار تارقىتىش نەق مەيدانىدا تۇرۇپ سۈرەتلەرنى تېلېكامېراغا ئالىدۇ، سۈرەت سىگنالى ئاۋۋال ئېلېكتر كابېلى ئارقىلىق ئۇلاپ تارقىتىش ماشىنىسىغا يەتكۈزۈلىدۇ. رېژىسسور سۈرەتلەرنى تاللىغاندىن كېيىن، مىكرو دولقۇن ئارقىلىق سىگناللارنى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىغا يوللايدۇ. تېلېۋىزىيە ئىستانىسى يوللانغان سىگناللارنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى يەنە تارقىتىش ئاپپاراتى ئارقىلىق تارقىتىدۇ.

سىنئالغۇ فىلىملىرىنى قويۇشتا، ۋاقتىنچە قويۇلمايدىغان بەزى نومۇرلار سىئالغۇ ئاپپاراتى ئارقىلىق لېنتىغا كۆچۈرۈۋېلىنىدۇ، قويۇشقا ئېھتىياجلىق بولغاندا، تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ تارقىتىش ئاپپاراتى ئارقىلىق تارقىتىلىدۇ.

تېلېۋىزىيە نومۇرلىرنى تارقىتىش ئادەتتە ئىستانسا ئىچىدە ئورۇنداپ تارقىتىش، نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتىش، كىنو قويۇش، سىئالغۇ فىلىملىرىنى قويۇشتىن ئىبارەت تۆت خىل شەكىلدە تارقىتىىدۇ. 

تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى ئۇلاپ تارقاتقاندا قايسى خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ؟

تېلېۋىزىيە ئىستانىسى تارقاتقان ئېلېكتر دولقۇنىنىڭ تارقىلىش ئارىلىقى چەكلىك بولىدۇ، ئادەتتە ئاران نەچچە ئون مىڭ مېتىر ئارىلىققا يېتىپ بارالايدۇ. تېلېۋىزىيە سىگنالىنى تېخىمۇ يىراققا تارقىتىش ئۈچۈن تارقىتىش مۇنارىنى ئېگىزلىتىپ، تارقىلىش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما بۇنداق قىلغاندىمۇ نەچچە يۈز مىڭ مېتىر ئارىلىققىلا تارقاتقىلى بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن مىكرو دولقۇنلۇق كۈچ ئۇلاپ ئالاقىلىشىپ تارقىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. مىكرو دولقۇننى نۇر دولقۇنىغا ئوخشاش مەركەزلەشتۈرۈپ بىر يۆنىلىشكە تارقاتقىلى بولىدۇ. تېلېۋزىيە سىگنالىنى مىكرو دولقۇنىغا قوشۇپ تارقىتىشتا، ھەر 40-50 مىڭ مېتىر ئارىلىققا بىردىن مىكرو دولقۇنلۇق كۈچ ئۇلاش پونكىتى قۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق بولغاندا تېلېۋىزىيە سىگنالى پونكىتتىن پونكىتقا ئۆتۈپ ناھايىتى يىراق جايلارغىچە تارقىلالايدۇ، ئاندىن شۇ جايدىكى تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ئارقىلىق ئۇلاپ تارقىتىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا، تېلېۋىزىيە سىگنالىنى يەنە نەچچە مىڭ مېتىر يىراققىچە تارقاتقىلى بولىدۇ.

ئارتۇقچىلىقى شۇكى، تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى تېخىمۇ يىراقلارغا تارقىتالايدۇ، سۈپىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. نۆۋەتتە، تېلېۋىزىيە نومۇرلىنى ئۇلاپ تارقىتىشتا ماس قەدەملىك ھەمراھنىڭ يەر شارىنى غەربتىن شەرققە بىر ئايلىنىشى ئۈچۈن بىر ھەپتە ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا بىر ھەپتە ئايلانغان ۋاقتىغا توغرا كېلىدۇ. سۈنئىي ھەمراھ يەر شارىغا نىسبەتەن ھەر ۋاقىت يەر شارىنىڭ مەلۇم بىر ئورنىدىكى بوشلۇقتا تۇرىدۇ. بۇ خىل سۈنئىي ھەمراھنىڭ يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 36 مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ يەر شارىغا تارقاتقان ئېلېكتر دولقۇنى يەر شارى سىرتقى يۈزىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمىنى قاپلىيالايدۇ. بۇنداق بولغاندا، تېلېۋىزىيە ئىستانىسى تېلېۋىزىيە سىگنالىنى يەر يۈزى پونكىتىغا تارقاتقاندىن كېيىن، يەر يۈزى پونكىتىدىن سۈنئىي ھەمراھقا يوللاپ، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يەنە ئۇلاپ تارقىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى يەر شارىنىڭ ھەر قانداق جايىدا قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#