بالىلارنىڭ ھەسەتخورلۇق پسىخىكىسى

بالىلارنىڭ ھەسەتخورلۇق پسىخىكىسى

ھەسەتخورلۇق بولسا ئىنسانلارنىڭ بىرخىل ئىپتىدائىي ھېسسىياتى ۋە ئىنسانلارنىڭ پسىخىكا پائالىيەت جەريانىدىكى تەبىئىي تۇيغۇسىنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇپ، بەلگىلىك ئومۇملىققا ئىگە. بالىلارنىڭ ھەسەتخورلۇق پسىخىكىسى دەسلەپكى مەزگىلدىكى كەيپىياتتىن باشلاپ شەكىللىنىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا ۋە يېشىغا تولغان بالىلاردا كەيپىيات پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالىلارنىڭ ھەسەتخورلۇق پسىخىكىسىھەسەتخورلۇق بولسا ئىنسانلارنىڭ بىرخىل ئىپتىدائىي ھېسسىياتى ۋە ئىنسانلارنىڭ پسىخىكا پائالىيەت جەريانىدىكى تەبىئىي تۇيغۇسىنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇپ، بەلگىلىك ئومۇملىققا ئىگە. بالىلارنىڭ ھەسەتخورلۇق پسىخىكىسى دەسلەپكى مەزگىلدىكى كەيپىياتتىن باشلاپ شەكىللىنىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا ۋە يېشىغا تولغان بالىلاردا كەيپىيات پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. مەسىلەن: يەپ تويغان بولسا، قېلىن كىيىنىپ راھەت ھېس قىلغان بولسا، رازىمەنلىك ۋە خۇشاللىق كەيپىياتنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا يىغلاپ، توختىماي نارازى بولۇش كەيپىياتىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۈچ-تۆت ئايلىق بولغاندا، بوۋاقلارنىڭ كەيپىياتى شادلىنىش ۋە قايغۇرۇش دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ، بەش-ئالتە ئايلىق بولغاندا قايغۇرۇش ئاساسىدا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قورقۇش، نەپرەتلىنىش ۋە ئاچچىقلىنىش كەيپىياتى پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن: بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ئاتا-ئانىلار باشقا بالىلارنى ئەركىلىتىپ، ئامراقلىق قىلسا، ئۇ دائىم نارازىلىق ئىپادىسىدە بولۇپ، يىغلاپ ھەسەتخورلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ. ھەسەتخورلۇق—ناچار كەيپىيات بولۇپ، ئۇ ئادەمنى ئىچى تار، مەنپەئەتپەرەس قىلىپ قويىدۇ. ئېغىر دەرىجىدىكى ھەسەتخورلۇق يەنە قاتتىق ئۆچمەنلىك پسىخىكىسىنى پەيدا قىلىپ، ئۆچ ئېلىش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ھەسەتخورلۇق پسىخىكىسىغا قارىتا توغرا يېتەكچىلىك قىلىپ، توغرا رىقابەتلىشىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ، تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان قىلىشى كېرەك. بۇ ۋاقىتتا ھەسەتخورلۇق بالىلارنى ئالغا باستۇرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولىدۇ. 

بالىلارنىڭ ھەسەتخورلۇق پسىخىكىسىھەسەتخورلۇق پسىخىكىسىنىڭ بالىلارنىڭ روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى كەلتۈرىدىغان خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار چوقۇم توغرا يېتەكچىلىك قىلىشى، ئالدى بىلەن، بالىغا ھەسەتخورلۇق پسىخىكىسىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل پسىخىكا ئادەمنىڭ نورمال كەيپىياتىغا تەسىر قىلىپلا قالماستىن تەن سالامەتلىكىگىمۇ خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشى، ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلاردا ئۆز-ئۆزىنى تونۇتۇش ئىقتىدارىنى تۇرغۇزۇپ، تېخىمۇ ئەتراپلىق ھالدا ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى تونۇش، شۇنداقلا بالىلارغا ھەربىر ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە يېتەرسىزلىكى بولىدىغانلىقى، ھەربىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارى چەكلىك بولىدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ ھەرقانداق ئادەمدىن كۈچلۈك بولۇشنىڭ ناتايىنلىقى، بىراق ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان ئارتۇقچىلىقى بارلىقىنى، مەلۇم جەھەتلەردە باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئىلمىي ھالدا توغرا چۈشەندۈرۈش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا بالىلارغا پسىخىكا جەھەتتە تەڭپۇڭ ھالەتنى پەيدا قىلىپ، ھەسەتخورلۇق پسىخىكىسىنى يېڭىشقا پايدىسى بولىدۇ. يەنە بالىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىشى ۋە نورمال رىقابەت ئېڭىنى قوزغاش، ھەرگىزمۇ باشقىلار ئالدىدا بالىسىغا سەن باشقىلارغا يېتەلمەيسەن دەپ تەربىيە بەرمەسلىك كېرەك. بولمىسا بالىلارنىڭ غۇرۇرى ۋە ئىشەنچىگە تەسىر يېتىدۇ، بالىنى كۆپرەك ئىلھاملاندۇرۇپ، بالىنىڭ ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى تونۇتۇش لازىم. بۇ ھەسەتخورلۇق پسىخىكىسىنى يوقىتىدىغان ياخشى ئامال، ئاخىرىدا بالىلاردا شوخ، جۇشقۇن، كۆكسى-قارنى كەڭ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ قارايدىغان پسىخىكىنى پەيدا قىلىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا بالىلاردا ھەسەتخورلۇق پسىخىكىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بالىلارنىڭ روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#