تومۇزغا

تومۇزغا

ھاشاراتلار سىنىپى يېرىم قاناتلىقلار ئەترىتى بويۇن تۇمشۇق كەنجى ئەترىتىنىڭ بىر تۈرى، پىژ پىژ ئىسسىق ياز كۈنلىرى، دەل دەرەخ بار جايلاردا «جىر-جىر» قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، مانا بۇ بىزگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان تومۇزغىدۇر.

ئۇيغۇرچە ئىسمى تومۇزغا
خەنزۇچە ئىسمى
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى ھاشاراتلەر سىنىپى
ئائىلىسى تومۇزغا ئائىلىسى
ئېنگىلىزچە ئىسمى Cicada
تارقالغان رايونلار قۇملۇق , ئوتلاق ۋە ئورمانلىقلار
تىپى بوغۇم ئاياغلىقلار ئائىلىسى
تۈركۈمى يېرىم قاناتلىقلار ئەترىتى
ئۇرۇقداشلىرى تومۇزغا ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تومۇزغاتومۇزغىنىڭ ئىككى جۈپ پەردە قاناتى، شەكلى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، بېشى كەڭ ھەم قىسقا، روشەن، گەۋدىلىك، ماڭلاي سۆڭىكى، كۆرۈش قۇۋۋىتى خېلى ياخشى، مۇرەككەپ كۆزى ئانچە چوڭ ئەمەس، بېشىنىڭ ئىككى تەرىپى ئىككىگە ئايرىۋېتىلگەن، ئۈچ تاق كۆزى بولىدۇ. سەزگۈ مۈڭگۈزى قىسقا بولۇپ، چاچما ھالەتتە. ئېغىز ئاپپاراتى ئۇزۇن، ئېغىز ئىچىدە قىزىلئۆڭگەچ ۋە شۆلگەي نەيچىسى بار، سانجىپ شورىغۇچىغا تەۋە. كۆكرەك قىسمى، ئالدى كۆكرىكى، ئوتتۇرا كۆكرەك ۋە كېيىنكى كۆكرەك، دەپ ئۈچكە بۆلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالدى كۆكرەك ۋە ئوتتۇرا كۆكرەك بىرقەدەر ئۇزۇن بولىدۇ. ئۈچ گەۋدە قىسىمىغا ئىگە بىر جۈپ پۇت، پاچاق بوغۇمى توم تەرەققىي قىلغان.  تومۇزغىنىڭ قورساق قىسمىدا ئۇزۇن كونۇسسىمان بولىدۇ، جەمئىي 10 قورساق بوغۇمى، 9 - قورساق بوغۇمى قۇيرۇق بوغۇمى. ئەركەك تومۇزغىنىڭ 1 - ، 2 - قورساق بوغۇمىلىرى ئاۋاز چىقىرىشئاپپاراتى، 10- قورساق بوغۇمى مەقئەت؛ چىشى تومۇزغىنىڭ 10 قورساق بوغۇمى شەكىللەنگەن ھەم بىرقەدەر يوغىنايدۇ. لىچىنكا تۇرمۇشى توپا ئىچىدە ، يېشى لېچىنكىسىنىڭ كۆپىنچىسى قوڭۇر، يېتىلگەن قۇرتنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. تومۇزغا چېكەتكە ئائىلىسىدىكى تۈكلۈك تومۇزغا. تومۇزغىنىڭمۇ ئوخشىمايدىغان جايلىرى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ شەكلى ئوخشاپ كەتكىنى بىلەن بىراق رەڭگى ئوخشىمايدۇ. 

تومۇزغايېتىلگەن تومۇزغا دەرەختە ياشايدۇ، ئۇنىڭ لىچىنكىسى بولسا توپىنىڭ ئاستىغا كىرىۋالىدۇ.چىشى تومۇزغا جۈپلىشىپ بولغاندىن كېيىن دەرەخنىڭ شېخىغا چىقىۋېلىپ، ھەرە چىشلىق تۇخۇملاش ئەزاسىنى يۇمران شاخچىلارنىڭ پوستى قاتلىمىغا سانجىپ تۇخۇمىنى تۇغۇپ كىرگۈزۈۋېتىدۇ. دەرەخ پوستى قاتلىمىدىكى تومۇزغا تۇخۇمى كۈن نۇرىنىڭ ئىسسىق ئۆتكۈزۈشى بىلەن لىچىنكا چىقىرىدۇ. لىچىنكا تۇخۇمىدىن چىقىپ بولغاندىن كېيىن، قېپقالغان پوستىدىن شەكىللەنگەن بىر تال ئىنچىكە يىپچە لىچىنكىنى بوشلۇقتا بېشىنى تۆۋەنگە قارىتىپ ئېسىلدۇرۇپ تۇرىدۇ. ئاندىن لىچىنكا يەرگە ئاستا-ئاستا چۈشۈپ، توپىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كېتىدۇ. 

تومۇزغا لىچىنكا مەزگىلىدە دائىم ياۋا ھەرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۇ يەنە پاقا، ئۆمۈچۈك، ياچىۋەك قاتارلىق كۈچلۈك دۈشمەنلىرىگە دۇچ كېلىدۇ. كۈر مىڭ جاپا-مۇشەققەت، خېيىمخەتەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، دەرەخقە يامىشىپ چىقىپ يېتىلگەن تۇمۇزغىغا ئايلىنالايدىغانلىرى شۇ تۈركۈمدىكى تۇخۇمدىن چىققان لىچىنكىلارنىڭ ناھايىتى ئاز ساندىكى تەلەيلىكلىرىدۇر. تومۇزغىنىڭ لىچىنكا مەزگىلىدە ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، ئۇ پەقەت كۆپلەپ تۇخۇملاش ئارقىلىق پەرزەنتلىرىنىڭ يېتەرلىك ئەي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. 

تومۇزغاتومۇزغىنىڭ لىچىنكىسى توپا ئىچىدە، ئالدى پۇتى بىر جۈپ قاۋۇل. سانجىپ شورىغۇچى ئېغىز ئاپپاراتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆسۈملۈك يىلتىزىنىڭ شىرنىسىنى شورايدۇ، دەرەخ ھالىتى، دەرەخ شېخى قاتارلىقلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشى ۋە دەرەخلەرنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە توپا ئىچىدە بىر نەچچە يىل، ھەتتا ئون نەچچە يىل تۇرىدۇ. 

تومۇزغاكۆپ قىسمى تروپىك بەلباغ، ئوتلاق ۋە ئورمىنى ۋە قۇملۇقتا ياشايدۇ. ھەر يىلى يازدا ھاۋا تىنچىق ۋاقىتلاردا كۆرۈلىدۇ، تومۇزغا - پەرۋانىسى تومۇزغا ئۇرۇقدىشى قاتارلىق تۈرلىرىدىن باشقا يەنە دەۋرىي تومۇزغا. ئەڭ داڭلىق دەۋرى تومۇزغا 13  يىللىق تومۇزغا ۋە 17 يىللىق تۇمۇزغا بار، تۈپ سانلىق تومۇزغا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ھاياتلىق دەۋرىيلىكى تۈپ سان بولغاچقا، كۈچلۈك دۈشمەنلىرىگە دۇچ كېلىدۇ.

تومۇزغاتومۇزغا قاسرىقى تەركىبىدە پۇست ماددىسى بار، غەلىتە سېرىق پتېرىن، قىزىل پتېرىن، ئادېنوزىن ئۈچ فوسفات ئېنزىمى، ئىسسىقتىن بولغان زۇكام داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ، يۆتەل ۋە ئاۋازى پۈتۈپ قېلىش، گال ئىششىپ ئاغرىش، يەلتاشما قىتىشىش، كۆز ئېقى قىزىرىش، كىچىك بالىلاردىكى چۆچۈپ كېتىشتىن بولغان تۇتقاقلىق كېسىلى، كېچىسى يىغلاپ توختىماسلىق قاتارلىق كېسەللەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ، « جۇڭگۇ دورا ماتېرىياللىرى ئىلمى » دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، يەنە پايدىلىق تەركىبى ئىنتايىن جىق، يۆتەلنى توختىتىپ، خىلىت پەيدا قىلىدۇ، ئۆپكىنى ساغلاملاشتۇرۇپ بۆرەككە مەنپەئەت قىلىدۇ، باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش قاتارلىقلارغا شىپا بۇلىدۇ. [0]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#