كىنگىستون

كىنگىستون

لاتىن ئامېرىكىسىدىكى كارايىپ دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان يامايكىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەم مەدەنىيەت مەركىزى. 

نامى كىنگىستون
دۆلىتى يامايكا
نوپۇسى 937,700 (2011-يىلى)
چەتئەلچە نامى Kingston
دىئالېكتى ئىنگلىز تىلى
خەنزۇچە نامى 金斯敦
يەر مەيدانى 25 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى تروپىك بەلۋاغ كىلىماتى
مەمۇرىي رايون تۈرى پايتەخت

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كىنگىستونلاتىن ئامېرىكىسىدىكى كارايىپ دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان يامايكىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەم مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەر يامايكا ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى قولتۇق بويىغا جايلاشقان، شەھەر ئەتراپىدا تۇپرىقى مۇنبەت بولغان لىگۋانىيە تۈزلەڭلىكى بار. شەھەر ئاھالىسى 650 مىڭدىن ئاشىدۇ(1984) ، بۇ شەھەر 1692-يىلى سېلىنغان. 1872-يىلى ئىسپان بازىرى ئورنىغا يامايكىنىڭ مەركىزى بولغان. كېيىن بىرنەچچە قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە ۋەيران بولغان، 1907-يىلىدىكى چوڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىن قايتىدىن سېلىنغان.

 سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ كۆپى شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇبىي ياقىسىدىكى سازلىق ئورۇنلارغا سېلىنغان بولۇپ، ئاساسەن يېمەك-ئىچمەك، قەغەز، ماشىنا رېمونت قىلىش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى تەييارلاش، تاماكا، مېتاللۇرگىيە، خىمىيە، نېفىت ئايرىش قاتارلىق سانائەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ.

كىنگىستون پورتنىڭ شارائىتى ياخشى بولۇپ، چوڭ تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرى توختىيالايدۇ. شەھەردە 1699-يىلى سېلىنغان سانت توماس چېركاۋسى، كۇتۇپخانىلار، مۇزېي ۋە ئالىي مەكتەپلەر بار. شەھەرنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. شەھەردە چوڭ تىپتىكى خەلقئارا ئايرودرومى بار، كىنگستون شەھىرى تۆمۈر يول، تاشيوللار ئارقىلىق باشقا شەھەرلەر بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#