كيوتو

ياپونىينىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت بۆشۈكى، قەدىمىي پايتەختى، كيوتو مەمۇرىي رايوننىڭ مەركىزى. كيوتو 794-يىلىدىن 1869-يىلىغىچە ياپونىيىنىڭ پايتەختى بولغان.

نامى كيوتو
دۆلىتى ياپونىيە
نوپۇسى 1469472 (2013-يىلى)
مەمۇرىي رايون تۈرى شەھەر
خەنزۇچە نامى 京都
يەر مەيدانى 827.90 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى سۇبتروپىك بەلباغ نەم كىلىمات

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كيوتوياپونىينىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت بۆشۈكى، قەدىمىي پايتەختى، كيوتو مەمۇرىي رايوننىڭ مەركىزى. كيوتو 794-يىلىدىن 1869-يىلىغىچە ياپونىيىنىڭ پايتەختى بولغان. ئۇنىڭ قۇرۇلۇشلىرى جۇڭگونىڭ تاڭ دەۋرىدىكى پاتەيختى چاڭئەننى ئاساس قىلغان ھالدا سېلىنغان. 1975-يىلى 5-ئايدا كيوتو بىلەن دۆلىتىمىزنى شىئەن شەھىرى دوست شەھەرلىك ئالاقىسىنى ئورناتقان. شەھەرنىڭ يەر مەيدانى 827.90 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 449 مىڭدىن ئاشىدۇ(1978) . كيوتو 1889-يىلى رەسمىي شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان.

 سانائەتتە توقۇمىچىلىق ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يېمەك-ئىچمەك، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، دورىگەرلىك، بوياقچىلىق، فارفۇر، ھاراق ئىشلەپچىقىرىش، سىر ئىشلەپچىقىرىش، يىپەك توقۇمىچىلىق، خىمىيە سانائەت، سۇ ئېلېكتر ئىستانىسى قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى تەرەققىي قىلغان. 

كيوتوكيوتو مۇھىم مەدەنىيەت، ساياھەت مەركىزى، بۇ جايدا قەدىمىي خان سارايلىرى، مۇھىم تارىخىي ئورۇنلار، ئاتاقلىق دىنىي ئورۇنلار، مەنزىرىسى گۈزەل ساياھەت ئورۇنلىرى ناھايىتى كۆپ. كيۇتودا دۆلەتنىڭ كيوتو داشۆسى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، مەشھۇر باغچىلار بار. شەھەرنىڭ غەربىي شىمالىدىكى «تاشپاقا» ناملىق باغچىغا، 1979-يىلى جۇئېنلەي زۇڭلىنىڭ خاتىرە مۇنارىسى ئورنىتىلغان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#