كۇسكو

جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى پېرونىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان تاغلىق شەھەر، كۇسكو ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر دېڭىز يۈزىدىن 3616 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ۋاتائى دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەتراپىنى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ.

نامى كۇسكو
نوپۇسى 121 مىڭدىن ئاشىدۇ
خەنزۇچە نامى 库斯科城
چەتئەلچە نامى The City of Cuzco

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۇسكوجەنۇبىي ئامېرىكىدىكى پېرونىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان تاغلىق شەھەر، كۇسكو ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر دېڭىز يۈزىدىن 3616 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ۋاتائى دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەتراپىنى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ يەر ۋەزىيىتى ئېگىز بولغانلىقتىن، ھاۋاسى يىل بويى سالقىن كېلىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 121 مىڭدىن ئاشىدۇ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ كۆپىنى ئىندىئانلار تەشكىل قىلىدۇ، كۇسكو ئامېرىكا بويىچە ئەڭ قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى، ئۇ 11-ئەسىردىن باشلاپ تاكى 16-ئەسىرگىچە ھىنگا ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى بولغان، 16-ئەسىردىن باشلاپ ئىسپانىيىلىكلەر ئىگىلەپ ئالغان.

 كۇسكو مەشھۇر ئارخېئولوگىيە ۋە مەدەنىيەت مەركىزى، بۇ جايدا نۇرغۇنلىغان خان ئوردىلىرى، بۇتخانىلار، قەلئەلەر، تاش تاملارنىڭ قالدۇقلىرى، چېركاۋلار، شۇنداقلا ئارخېئولولوگىيە مۇزېي، 1692-يىلى قۇرۇلغان داشۆسى بار. كۇسكو شەھىرى ئەتراپىدا ئالتۇن، كۈمۈش قاتارلىق كان بايلىقلىرى ئېلىنىدۇ. چارۋا مەھسۇلاتلىرى شەھەرگە توپلىنىپ تارقىتىلىدۇ، بۇ جايدا توقۇمىچىلىق، يېمەك-ئىچمەك، مېتاللۇرگىيە، كۆن-خۇرۇم قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى، خەلقئارا ئايرودرومى بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#