كيېلېر قانىلى

گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، يوتلاندىيە يېرىم ئارىلىنى غەربتىن شەرققە كېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ قانال «شىمالىي دېڭىز—بالتىق دېڭىز قانىلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، يوتلاندىيە يېرىم ئارىلىنى غەربتىن شەرققە كېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ قانال «شىمالىي دېڭىز—بالتىق دېڭىز قانىلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېلىبا دەريا ئاغزىدىكى برونسبوكتىلكودىن باشلىنىپ، كيېلېر قولتۇقى بويىدىكى خولتىنوغا قەدەر سوزۇلىدۇ. بالتىق دېڭىزى بىلەن شىمالىي دېڭىزنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇ قانال قېزىلغاندىن كېيىن، قاتناش مۇساپىسى 685 كىلومېتىر قىسقىراپ، خەلقئارادىكى مۇھىم سۇ قاتناش يولىغا ئايلاندى. بۇ قانال 1887-يىلىدىن 1895-يىلىغىچە قېزىلغان، 1907-يىلىدىن 1914-يىللىرى كېڭەيتىپ قېزىلغان. ئۇزۇنلۇقى 98.26 كىلومېتىر، سۇ يۈزىنىڭ كەڭلىكى 103 مېتىر، قاتناش يولىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 11.3 مېتىر كېلىدۇ. قانالنىڭ ئالتە يېرىدە چۈشۈرگۈسى بار، كەڭلىكى 40 مېتىر كېلىدىغان پاراخوتلار ئۆتەلەيدۇ. بىر يىلدا قانالدىن ئۆتىدىغان سودا پاراخوتلىرى 60 مىڭدىن ئاشىدۇ، توشۇلىدىغان يۈك 78 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ، ئاساسلىق كۆمۈر، پولات ماتېرىياللىرى، نېفىت، كان رۇدىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلار يۆتكىلىدۇ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.