مالابو شەھىرى

مالابو شەھىرى

ئېكۋاتور گۋېنىيىنىڭ پايتەختى مالابو شەھىرى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەركىزى، مۇھىم پورتى. شەھەر ئاھالىسى 80 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). 

نامى مالابو شەھىرى
دۆلىتى ئېكۋاتور گۋىنىيىسى
نوپۇسى 80 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983-يىلى)
چەتئەلچە نامى Malabo
خەنزۇچە نامى
马拉博市
تەۋە رايون ئېكۋاتور گۋىنىيىسى
كىلىماتى يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن ℃25

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مالابو شەھىرىئېكۋاتور گۋېنىيىنىڭ پايتەختى مالابو شەھىرى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەركىزى، مۇھىم پورتى. شەھەر ئاھالىسى 80 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983-يىلى). ئېكۋاتور گۋېنىيىسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان كاكائو، كوفى قاتارلىق تروپىك بەلباغ مەھسۇلاتلىرى بۇ جايغا توپلىنىپ تارقىتىلىدۇ.

 بۇ شەھەردىكى پورت يانار تاغ ھەرىكىتىدىن شەكىللەنگەن يېرىم ئاي شەكىلدىكى قولتۇق بويىغا جايلاشقان بولۇپ، سۈيى چوڭقۇر، ئوكيان پاراخوتلىرى بىۋاسىتە كىرەلەيدۇ، پورت ئارقىلىق كاكائو، كوفى، بانان، ياغاچ ماتېرىياللار ئېكسپورت قىلىنىدۇ، شەھەردە خەلقئارا ئايرودرومى بار.

مالابو شەھىرىكىلىمات تروپىك بەلباغ دېڭىز-ئوكيان كىلىماتىغا تەۋە ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃25 كېچىدە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن ℃18 تۆت پەسىلنىڭ پەرقى بولمايدۇ، پەقەت قۇرغاق پەسلى بىلەن يامغۇر پەسلى دەپ ئايرىلىدۇ. 3-5-ئاي، 9-11-ئايغىچە يامغۇر پەسلى، 12-2-ئاي، 6-8-ئايغىچە قۇرغاق پەسلى ھېسابلىنپ يىللىق ئوتتۇرىچە نەملىكى %85 كە يېتىدۇ . 

 شەھەردە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش، ئورمان كېسىش قاتارلىق كىچىك تىپتىكى سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەر ئەتراپىدا ھەرخىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#