لاگوس

نېگىرىيىنىڭ بۇرۇنقى پايتەختى، ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى. بۇ شەھەر ئوگون دەريا ئاغزىدىكى ئالتە كىچىك ئارال بىلەن قۇرۇقلۇقنىڭ بىر قىسمىغا جايلاشقان .

نامى لاگوس
دۆلىتى نېگىرىيە
نوپۇسى 1750 تۈمەن (2010)
مەمۇرىي رايون تۈرى شەھەر
خەنزۇچە نامى 拉各斯
يەر مەيدانى 740 كۋادرات كىلومېتىر
چەتئەلچە نامى Lagos

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لاگوسنېگىرىيىنىڭ بۇرۇنقى پايتەختى، ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى. بۇ شەھەر ئوگون دەريا ئاغزىدىكى ئالتە كىچىك ئارال بىلەن قۇرۇقلۇقنىڭ بىر قىسمىغا جايلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدىكى لاگوس ئارىلىغا شەھەرنىڭ مەركىزىي قىسىملىرى جايلاشقان. ئىكۋى، ۋىكتورىيە ئاراللىرى كۆۋرۈك ئارقىلىق چوڭ قۇرۇقلۇق قىسمى بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. شەھەر ئاھالىسى تەخمىنەن 5 مىليونغا يېتىدۇ(1982) ، ئۇ غەربىي ئافرىقا بويىچە ئۈچ شەھەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

لاگوس لاگوس نېگىرىيىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، بۇ جايدا چوڭ تىپتىكى ياغ زاۋۇتلىرى، كاكائو مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، توقۇمىچىلىق، كۈندىلىك خىمىيىۋى سانائەت مەھسۇلاتلىرى، ياغاچچىلىق ئىشلەپچىقىرىش، كېمىسازلىق، ماشىنىسازلىق، قەغەز، كاۋچۇق قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. پورتنىڭ سۈيى چوڭقۇر، ئۈسكۈنىلىرى خېلى زامانىۋى بولۇپ، مەخسۇسلاشقان نېفىت، كۆمۈر، بېلىقچىلىق قاتارلىق پرىستانلىرى بار. لاگوس شەھىرى تۆمۈر يول، تاشيوللار ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زارىيا، كانو، كادۇنا، مايدۇگورى، جوس قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. لاگوس شەھىرىدە خەلقئارا ئايرودومى، لاگوس داشۆسى، دۆلەتلىك كۇتۇپخانا، مۇزېي، دېڭىز قىرغاقلىرىدا دەم ئېلىش ھەم ساياھەت قىلىش ئورۇنلىرى ۋە باشقا مەشھۇر تارىخىي ئورۇنلار بار. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#