مالاككا

مالاككا

غەربىي مالايسىيادىكى مالاككا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ھەم مۇھىم پورتى. بۇ شەھەر مالاككا دەرياسىنىڭ ئاغزىغا جايلاشقان، ھازىر تەخمىنەن 648500 ئاھالىسى بار.

نامى مالاككا
دۆلىتى مالايسىيا
تەۋە رايون مالاككا ئۆلكىسى
نوپۇسى 648500 (تەخمىنەن)
مەركىزىي شەھەر مالاككا شەھىرى،
خەنزۇچە نامى 马六甲
ئۆلكىسى مالاككا ئۆلكىسى
يەر مەيدانى
1,650 KM²
چەتئەلچە نامى Malacca

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مالاككاغەربىي مالايسىيادىكى مالاككا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ھەم مۇھىم پورتى. بۇ شەھەر مالاككا دەرياسىنىڭ ئاغزىغا جايلاشقان، ئاھالىسى 464 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982)، ھازىر تەخمىنەن 648500 ئاھالىسى بار. ئاھالىنىڭ كۆپىنى خەنزۇلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىگىلەيدۇ. مالاككا شەھىرىنىڭ ئاساسى تەخمىنەن 1400-يىللىرى سېلىنغان. مالاككا مالايسىيانىڭ مۇھىم شەھەرلىرىنىڭ بىرى. 

مالاككاشەھەردە نەشرىياتچىلىق، ياغاچچىلىق، قەغەز ئىشلەش، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەردە مۇستەتملىكىچىلەر ۋاقتىدا سېلىنغان بىر قەۋەت ئۆيلەر، 1521-يىلى سېلىنغان سانت پاۋلو ئىبادەتخانىسى، خرىستىئان دىنى چېركاۋلىرى، ھۆكۈمەت بىنالىرى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ بىنا قىلىنىشقا باشلىغان خەنزۇلار قەبرىستانلىقى بار. 

مالاككا پورتى ئارقىلىق كاۋچۇك، شېكەر، گۈرۈچ قاتارلىق مەھسۇلاتلار بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. شەھەردىن ئۇئالامپور، سىنگاپور قاتارلىق شەھەرلەرگە بارىدىغان ھاۋا يوللىرى، تاشيوللار بار.

1511-يىلىدىن باشلاپ پورتۇگالىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1641-يىلى گوللاندىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1826-يىلى ئەنگلىيىگە قاراشلىق مالاككا بوغۇزى مۇستەمكىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (5 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    40%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    60%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#