ماگادان شەھىرى

ماگادان شەھىرى

رۇسىيە فىدراتسىيىسىنىڭ يىراق شەرقتىكى تىنچ ئوكيان قىرغىقىغا جايلاشقان شەھەر، ماگادان ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. 

نامى ماگادان شەھىرى
دۆلىتى رۇسىيە
تەۋە رايون رۇسىيە
نوپۇسى 99 مىڭ 400
خەنزۇچە نامى 马加丹
مەمۇرىي رايون شەكلى ماگادان ئارىلى
يەر مەيدانى بىر مىليون 199 مىڭ
كىلىماتى تىپىك چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتىغا ئىگە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماگادان شەھىرىرۇسىيە فىدراتسىيىسىنىڭ يىراق شەرقتىكى تىنچ ئوكيان قىرغىقىغا جايلاشقان شەھەر، ماگادان ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. ئاھالىسى 122 مىڭدىن ئاشىدۇ (1979) . بۇ شەھەر 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى كولىما دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى ئالتۇن كانلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. ھازىر رۇسىيە فىدراتسىيىسىنىڭ يىراق شەرقتىكى تاشيول، دېڭىز يولى ھەم ھاۋا يوللىرىنىڭ مۇھىم تۈگۈنلىرىنىڭ بىرى. شەھەردە كان ماشىنىلىرىنى ئىشلەش، كېمە رېمونت قىلىش، ئاپتوموبىل ھەم تراكتور رېمونت قىلىش، بېلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئشلەش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. بۇ ئورۇن رۇسىيە فىدراتسىيىسىنىڭ يىراق شەرقتىكى مۇھىم پەن تەتقىقات مەركىزى بولۇپ، شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ئورنى، رۇسىيە بويىچە ئالتۇم ھەم ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللارنى تەتقىقات قىلىش قاتارلىق ئورۇنلىرى بار. شەھەرنىڭ دېڭىز ياقىسىدا سىرتقى پورتى ناگايېۋ پورتى بار.

ماگادان شەھىرى   ئاساسلىقى، كېمىسازلىق ۋە بېلىق تۇتۇشنى ئاساس قىلغان. قاتناش جەھەتتە، پورتتا 5 - ئايدىن 12-ئايغىچە كېمە قاتنىيالايدۇ. ئىككى ئايرۇدۇرۇم بار. ھازىر ياكۇتسكى تۇتىشىدىغان بىر تاشيول ۋە تۆمۈر يول بار.





ماگادان شەھىرىكۆلىمى بىر مىليون 199 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. نوپۇسى 550 مىڭ، رۇسلار %76 نى ئىگىلەيدۇ، قالغانلىرى چۇكوچ، كېرياك، ئەيۋېننىڭ مىلىللەتلىرى قاتارلىقلار بار. شەرقتىكى چۇكوتكا ئاپتونوم رايونىغا تەۋە. ماگاداننىڭ مەركىزى. كۆپ قىسىمى تاغلىق يەرلەر بولۇپ، ئېگىزلىك، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 500 مېتىردىن 1500 مېتىرغىچە، ئەڭ ئېگىز يېرى دېڭىز يۈزىدىن 2500 مېتىر كېلىدۇ. شىمالىي قىسمىدا دېڭىز بويى تۈزلەڭلىكى بار. 1 - ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۈۋەن ℃19  ~ ℃38 قىچە. 7 -ئايدىكى تېمپۇراتۇرىسى ℃3 ~ ℃16 قىچە. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى كۆپ قىسمى 300 مىللىمىتىردىن 350 مىللىمىتىرغىچە، تىنچ ئوكيان قىرغىقىدا 500 مىللىمىتىردىن 700 مىللىمىتىرغا يەتتى. ئاساسلىق دەريالىرىدىن كوليما دەرياسى يۇقىرى ئېقىنى ۋە تارماق ئېقىنى ئانادېل دەرياسى قاتارلىقلار بار. ئالتۇن، ۋولفروم، قەلەي ( Sn )، سىماب ( Hg )، كۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرى مول، دېڭىز بويىدىكى جايلىرىدىكى بېلىق مەھسۇلاتلىرى ئىنتايىن مول. 

ماگادان شەھىرىماگادان ھاۋا كىلىماتى تىپىك چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتىغا ئىگە، بۇ جاينىڭ ئورنى شىمالى كەڭلىك 60 گرادۇس، شەرقىي مېردىيان 150 گىرادۇس. قىش پەسلى ئۇزاق، 8 ئاي داۋام قىلىدۇ، ياز پەسلىدە پەقەت ئىككى ئاي، بۇ ئوخوت دېڭىزى دېڭىز قىرغىقى رايونى 1 - ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 19 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 23 سېلسىيە گرادۇسقىچە، ئەمما، ئوبلاست، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى رايونلارنىڭ تىمپىراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 38 سىلتسىيە گىرادۇسقا يەتتى. ماگادان ئارىلىنىڭ يىللىق ھۆل يېغىن مىقدارى 300 مىللىمىتىردىن 700 مىللىمېتىرغا يەتكەن. [2]



 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#