مانچېستېر

مانچېستېر

مانچېستېر __ غەربىي ياۋروپادىكى ئەنگلىيىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان ئاتاقلىق پاختا توقۇمىچىلىق سانائەت مەركىزى، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، پۇل مۇئامىلە، مەدەنىيەت مەركىزى، شەھەر ئاھالىسى 490 مىڭدىن ئاشىدۇ.

نامى مانچېستېر
دۆلىتى ئەنگلىيە
تەۋە رايون مانچېستېر شەھىرى
نوپۇسى 2 مىليون 700 مىڭدىن ئاشىدۇ (2013-يىلى)
چەتئەلچە نامى Manchester
خەنزۇچە نامى 曼彻斯特
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
يەر مەيدانى 1287 كىۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغ دېڭىز-ئوكيان ئىقلىمى
باشقا نامى 棉都、北方之都、仓库之城

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مانچېستېرغەربىي ياۋروپادىكى ئەنگلىيىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان ئاتاقلىق پاختا توقۇمىچىلىق سانائەت مەركىزى، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، پۇل مۇئامىلە، مەدەنىيەت مەركىزى، شەھەر ئاھالىسى 490 مىڭدىن ئاشىدۇ. چوڭ مانچېستېر شەھىرى ئەتراپىدىكى سالخورد، ستوكپورت، ئولدھېم، روچدېل، بۇرى، بولتون، ۋىگان، ۋاررىنكىتون قاتارلىق شەھەرچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 115.65 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئاھالىسى 2 مىليون 700 مىڭدىن ئاشىدۇ (2013-يىلى). مانچېستېر 13-ئەسىردىن تارتىپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان.

مانچېستېر ئۇ ئۆزىنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق سانائىتى بىلەن ئەنلىيە بويىچىلا ئەمەس، دۇنيا بويىچىمۇ ئاتاقلىق شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئۇ 1780-يىلدىن باشلاپ 40 يىل ئىچىدە پۈتۈن دۆلەتتىكى پاختا توقۇمىچىلىق سانائەت مەھسۇلاتىنىڭ 4/1 نى ئىگىلىدى. ھازىرقى چوڭ مانچېستېر شەھەر رايونى ئەنگلىيىنىڭ ئەڭ چوڭ، ئاتاقلىق سانائەت رايونلىرىنىڭ بىرى. مانچېستېرنىڭ شەرقىي توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، بوياقچىلىق سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ، غەربىي ئېلېكتر ماشىنىلىرى ۋە باشقا ماشىنىسازلىق سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ شەھەردە يەنە يېمەك-ئىچمەك، خىمىيە ۋە نېفىت ئايرىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار.

ئالبېرت مەيدانى، لائۇرېلىن مەركىزى، كىتاي-گورود، ئالبېرت مەيدانى، كەيسېۋېر فىئېلدېر شەھەر ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باغچىسى قاتارلىقلار بار.

مانچېستېر مانچېستېر ئەنگلىيىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى، چڭو قاتناش تۈگۈنى. بۇ جايدا 1830-يىلى دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم سېلىنغان مانچېستېر لىۋىر پول تۆمۈر يولى ۋە باشقا نۇرغۇن تۆمۈر يوللار بار. بۇ تۆمۈر يوللارنىڭ ھەممىسى مانچېستېر شەھىرىنى دۆلەتنىڭ باشقا شەھەرلىرى بىلەن باغلاپ تۇرىدۇ.[0]

115.65 كىۋادرات كىلومېتىر

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#