مىلان شەھىرى

مىلان شەھىرى

مىلان شەھىرى __ ئىتالىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى. لۇمبارىيە رايونىنىڭ مەركىزى، ئىتالىيىنىڭ ئاتاقلىق سودا-سانائەت مەركىزى.

نامى مىلان شەھىرى
دۆلىتى ئىتالىيە
تەۋە رايون ئىتالىيەنىڭ لۇمبارىيە رايونى (جەنۇبىي رايونى)
نوپۇسى 1 مىليون 301 مىڭ 394 ئادەم
باشقا نامى 米城,米都
خەنزۇچە نامى 米兰
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
يەر مەيدانى 183.77 كۋادرات كىلومېتىر
چەتئەلچە نامى Milan
قارىمىقىدىكى رايونلار مىلان چوڭ شەھەر رايونى، مىلان ئۆلكىسى، مىلان شەھىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مىلان شەھىرىئىتالىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى. لۇمبارىيە رايونىنىڭ مەركىزى، ئىتالىيىنىڭ ئاتاقلىق سودا-سانائەت مەركىزى. شەھەر ئاھالىسى 1 مىليون 301 مىڭ 394 ئادەم ئاشىدۇ). بۇ شەھەرنىڭ ئاساسى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردە گاللى خەلقلىرى تەرىپىدىن سېلىنغان. مىلادىيە 395-يىلى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ مەكرىزى بولغان. بۇ شەھەر 1158-ۋە 1162-يىللىرىدىكى ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشتا پۈتۈنلەي دېگۈدەك ۋەيران بولغان. 1796-يىلى فرانسىيىلىك ناپالىئون تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. ئىككىنچى يىلى مىلان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قىلىپ بەلگىلەنگەن، 1861-يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقى دائىرىسىگە قوشۇلغان. بۇ جايدا ئىتالىيە بويىچە چوڭ مونوپول مالىيە گۇرۇھلىرىنىڭ ئىش باشقۇرۇش ئورنى ۋە ئاتاقلىق چوڭ بانكىلار تولىغان. 

مىلان شەھىرىمىلان شەھىرى ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا تەۋە : ياز پەسلى ئىسسىق ، قۇرغاق ، قىش پەسلى ئىللىق ۋە كۆپ يامغۇرلۇق بولىدۇ. كىلىماتى قىشتا يامغۇر، يازدا قۇرغاق بۇلۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، دۇنيادىكى ھەر خىل ئىقلىم تىپلىرى ئىچىدە ئۆزگىچىلىكى بار. تومۇز پەيتلەردە تېمپىراتورا يۇقىرى، ئۆي ئىچى ناھايىتى سالقىن ، كېچىدە ھەتتا ئازراق سوغۇقنىمۇ ھېس قىلغىلى بولدۇ. 

 مىلان شەھىرى ئىتالىيە بويىچە ئەڭ چوڭ سودا-سانائەت، پۇل مۇئامىلە مەركىزى، ئۇ ئۆزىنىڭ پولات-تۆمۈر، ئاپتوموبىل، ئايروپىلان، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، ئېلېكتر سانائىتى، ستانوك سانائىتى، ھەربىي قورال-ياراغ ئىشلەش، نېفىت-خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، نەشرىياتچىلىق قاتارلىق مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

 شەھەر ئەتراپىدا تەرەققىي قىلغان سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى، ئاتاقلىق يېزا ئىگىلىك مەيدانلىرى، مول ئورمان بايلىقى بار. بۇ مىلان شەھىرىنى زور ئېنېرگىيە مەنبىئى، يېمەك-ئىچمەك، ياغاچچىلىق، سانائەت خام ئەشياسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مىلان ئىتالىيىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. ئۇ جايدا سىكالا تىياتىرخانىسى ۋە ياۋرپا بويىچە ئاتاقلىق ئۈچ چوڭ چېركاۋنىڭ بىرى بولغان توئومو چېركاۋسى بار. بۇ چېركاۋ 1386-يىلى سېلىنغان.  

مىلان شەھىرى ئىتالىيە بويىچە مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئالىپ تاغلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، شىمالىي ياۋروپاغا بېرىشتىكى مۇھىم خەلقئارا تاشيول، تۆمۈر يول قاتناش تۈگۈنى، شەھەرنىڭ قاتناش-ترانسىپورتىمۇ تەرەققىي قىلغان. بۇ جايدىكى يەر ئاستى تۆمۈر يولى 1964-يىلى سېلىنغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#